باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10789يوللانما
826مەستانە

بەلكىم بۇ كىنولار 2018-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىسى بولۇشى مۇمكىن

مەنبە:جۇڭگو گېزىتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 17:21 1 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو گېزىتى تورى خەۋىرى، نۇر  تورى تەرجىمىسى:

شۇ جاي ۋاقتى 4-دېكابىر، 2018-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 90 كۈنلۈك تەتۈر ساناق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئورگان تەرەپ ئاشكارىلىغان تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا «سىرلىق ئايال پالۋان» (神奇女侠)، «ئۆزگىرىشچان ۋاجرا 5»، (变形金刚5)، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8» (速度与激情8)، «سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى 2»  (银河护卫队2) «دۇنكىرىك» (敦刻尔克)، «ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» (美国制造)، «ۋاجرا بۆرە» (金刚狼3)، «ئۆمۈچۈك پالۋان: قەھرىمان قايتىپ كەلدى» (蜘蛛侠:英雄归来) قاتارلىق بۇ يىل قويۇلغان كىنولارنىڭ كۆرۈنۈشى نامايەن بولۇندى.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئوسكار مۇكاپاتىدىمۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىنى خاتا تارقىتىپ قويۇشتەك خاتالىقتىن سادىر بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 4-مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇراسىمغا ئاۋۋالىقدەكلا جىممىي كېنمور رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، گەرچە نۆۋەتتە كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارنىڭ نامزاتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارمۇ بۇ نۆۋەتلىك ئوسكارنىڭ ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىسىگە بولغان پەرىزىنى ۋە ھۆكۈمىنى باشلىۋەتتى.

«دۇنكىرىك»، «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»، «ئىسمىڭىز بىلەن مېنى ئويغۇتۇڭ»، «ئەجەللىك بازاردىن قېچىش» قاتارلىق ئالقىشلىق ئەسەرلەرنىڭ زادى قايسىسىنىڭ يېڭىش ئېھىتماللىقى ئەڭ چوڭ، قېنى بىز بىرلىكتە BBCنىڭ تەھلىلىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. «دۇنكىرىك» (Dunkirk)

كىرىستوپېر نولانسنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان بۇ كىنوسى بەلكىم ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو فىلىمنىڭ سەركەردىسى بولۇشى مۇمكىن.

قوللىغۇچىلار: «دۇنكىرىك»تا ئەڭ مۇھىم تارىخىي ئىش سۆزلىنىش بىلەن بىرگە يەنە كۆرۈرمەنلەر ۋە كىنو باھالىغۇچىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

قارشى تۇرغۇچىلار: گەرچە بۇ كىنو لوس ئانژېلېس كىنو جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر مونتاژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا نيۇيورك كىنو باھالىغۇچىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلامدۇ؟

يەنە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى، بىراق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا، نولانس ئەزەلدىن ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلۈپ باقمىغان.

2. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» (The Post)

تام خەنكس بىلەن مېريىل سىتىرىپ بىرلىشىپ رول ئالغان، سىتېۋېن سىپىئېلبىرگ رېژىسسورلۇق قىلغان ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان بۇ كىنو كۆپلىگەن باھالىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشتى.

قوللىغۇچىلار: ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى باھالىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال پېرسوناژ مۇكاپاتى دەل مۇشۇ كىنوغا بېرىلىشى كېرەك.

قارشى تۇرغۇچىلار: نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بىلەن لوس ئانژېلېس كىنو باھالىغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ بۇ كىنوغا قىلچىلىك قىزىقىشى يوق.

يەنە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: سىتېۋېن سىپىېئلبىىرگنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ نامزاتلىقىغا كىرەلمەسلىكىگە ئىشەنگۈمىز كەلمەيدۇ.

3. «ئۈچ پارچە ئېلان تاختىسى» (Three Billboards Outside Ebbing, Missouri)

فىرانېس ماكدورماند بۇ قارا كومېدىيە ھېكايسىىگە ئازابلىق ئانا ئوبرازىنى قوشۇپ، يادرولۇق ماھارىتىنى نامايەن قىلدى.

قوللىغۇچىلار: بۇ كىنو تورونتو خەلقئارا كىنو بايرىمىدا خەلقنىڭ تاللىشى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ مۇكاپات ئادەتتە مۇھىم شامالنىڭ بەلگىسى.

قارشى تۇرغۇچىلار: مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئۈچ پارچە ئېلان تاختىسى» ئامېرىكا كۆرۈرمەنلىرىنى پارچىلىۋەتتى، بۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنونىڭ ئۈمىدى بەلكىم شۇنىڭلىق بىلەن بەربات بولۇشىمۇ مۇمكىن.

يەنە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىي سېنارىيە مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇشى مۇقەررەر، يەنە كېلىپ، فىرانېس ماكدورماند ھازىر ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئەڭ قىزغىن نامزاتى.

4. «ئىسمىڭىز بىلەن مېنى ئويغۇتۇڭ» (Call Me By Your Name)

بۇ كىنونىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئىتالىيەگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىر ئۆسمۈر بىلەن ئالىم ئوتتۇرىسىدىكى قىزغىن مۇھەببەت سۆزلەنگەن.

قوللىغۇچىلار: لوس ئانژېلېس كىنو باھالاش جەمئىيىتى بۇ كىنونى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم دەپ بېكىتتى.

قارشى تۇرغۇچىلار: «ئىسمىڭىز بىلەن مېنى ئويغۇتۇڭ» ناملىق كىنونىڭ خېلى كۆپ جايلىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ، بىراق قايسى تەرەپنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بەلكىم «شېرىن چاي» تىموسې چالامېتسنىڭ رول ئېلىشى بۇ كىنونىڭ ئوسكارغا كىرىشىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكى بولۇشى مۇمكىن.

يەنە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو نامزاتلىقىغا كىرىش ئېھتىماللىقى ئەلۋەتتە مەۋجۇت. «قاراڭغۇ پەيت»كە قاتناشقان گارىي ئولدامەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژنىڭ ئەڭ قىزغىن نامزاتى، ئەگەر ئۇنى مەغلۇپ قىلالايدىغان ئادەم بار دېيىلسە، ئۇنداقتا چالامېت بولۇشى مۇمكىن.

5. «سۇ جانلىقى تىلى» (The Shape of Water)

بۇ كىنودا سىرلىق سۇدىن تۇغۇلغان جانلىق بىلەن ساللىي خاۋكىنس رول ئالغان گاچا قىز ئارىسىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.

قوللىغۇچىلار: بۇ كىنو ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمىدا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

قارشى تۇرغۇچىلار: بۇ كىنو غەيرىي باش ئېقىمنى زىيادە قوغلاشقان، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈدەك تەسىر كۈچى يوق.

يەنە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئەڭ قىزغىن نامزاتى فىرانېس ماكدورماندنىڭ ئالدىدا، ساللىي خاۋكىنسنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن كىچىك.

6. «ئەجەللىك بازاردىن قېچىش» (Get Out)

ئەنگلىيەلىك ئارتىس دەنىيېل كالۇئۇيا رول ئالغان كىرس ۋاشىنگىتون ئامېرىكىدىكى بىر كىچىك بازارنىڭ رەزىل سۇيقەست قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ.

قوللىغۇچىلار: بۇ كىنو بەلكىم قالتىس بېلەت كىرىمى بىلەن ئوسكار بېلەت تاشلىغۇچىلار توپىدا پايدىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.

قارشى تۇرغۇچىلار: مۇكاپاتنى تارقىتىش پەسلىدىن بىر يىل بۇرۇن قويۇلۇشى سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.

يەنە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: ئەگەر بۇ نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنونىڭ نامزاتى 9 ياكى 10 بولسا، ئۇنداقتا، بۇ كىنو بىر ساننى ئىگەللەيدۇ. جوردان پىلېنىڭ سېنارىيەسى چوقۇم نامزاتلىققا كىرگۈزۈلىدۇ.

7. «قاراڭغۇ پەيت» (Darkest Hour)

گارىي ئولدمان غەزەپلەنگەن ۋىنستون چۇرچىلنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

قوللىغۇچىلار: ئولداماننىڭ ياراتقىنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى داھىي چېرچىل بىردەك ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.

قارشى تۇرغۇچىلار: بۇ كىنو تا ھازىرغىچە بىرەر كىنو ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىدى.

يەنە ئېرىشىشش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: تېللۇرىد كىنو بايرىمىدا تۇنجى قويۇلغاندىن بۇيان، ئولدمان ئىزچىل ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژنىڭ گۆھىرىگە ئايلانماقتا.

8. «فىلورىدادىكى شادلىق باغچىسى» (The Florida Project)

بۇ كىنودا بىر بالىنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر ئاپتوموبىل مېھىمانخانىسى مەھەللىسىنىڭ تۇرمۇشى سۆزلىنىدۇ.

قوللىغۇچىلار: كىنونىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ، ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ-بالىلار ھەمدە مېھىمانخانا دىرېكتورىنىڭ رولىنى ئالغۇچى ۋىليام دافوئې تېخىمۇ شۇنداق.

قارشى تۇرغۇچىلار: بۇ كىنونى رول ئېلىش ماھارىتى كىنوسى دېيىشكە بولىدۇ، بىراق بۇ ھەقىقىي بۈيۈك ئەسەر بولالامدۇ؟

يەنە ئېرىشىشش ئېھتىماللىقى بولغان مۇكاپات: دافوئې بەلكىم ئەڭ مۇنەۋۋەر قوشۇمچە ئەر پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشىىپ قىلىشى مۇمكىن.

كەڭ نۇرداشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 8 كىنونىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمىز: 

  1.  敦刻尔克

  2. 华盛顿邮报

  3. 三块广告牌

  4. 请以你的名字呼唤我

  5. 水形物语

  6. 逃出绝命镇

  7. 至暗时刻

  8. 佛罗里达乐园

باش سۈرەت تاللاش x
  • گەردى3 كۈن ئىلگىرى

    ئالتىنجى فىلىم بەك ياخشى ئىشلەنگەن كىنو، مەن كۆرگەن بۇ كىنونى،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号