باش بەت

durdana

1151يوللانما
66مەستانە

چوڭ بالىڭىز كىچىكىنى ئۇرۇۋالسا قانداق قىلىۋاتىسىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 16:46 12 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئاپا!» 2 ياشلىق ئوغلۇم يېنىمغا كېلىپ، يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ناھايىتى ئازابلىق ھالدا ئۆزى بىلىدىغان ھەممە گەپ، ئىما-ئىشارەتلىرى بىلەن «ئاكام ئۇردى» دەپ ھال ئوقۇدى.

ئاكىسى چەتتە ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ تۇراتتى. ئاكىسى ئۇكىسىدىن 2 ياش چوڭ بولۇپ، يەنىلا تېخى جىق ئىش بىلىپ كەتمەيتتى، بەزىدە ئازراقلا ئىش دىتىغا ياقمىسا «پاڭ» لا قىلىپ ئۇكىسىنى ئۇرۇپ يىغلىتاتتى. ئىنىسىنىڭ بىچارىلەرچە تۇرقىغا قاراپ ھەمىشە ئاكىسىنى ئەيىبلەيتتۇق. «ئۇكاڭنى ئۇرساڭ قانداق بولىدۇ؟ سەن ئاكا تۇرساڭ، ئاكا دېگەن ئۇكىسىنى ئۇرامدۇ؟» بەزىدە چىرايىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ بۇيرۇقۋازلىق بىلەن تەربىيە قىلسام، بەزىدە ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئاگاھلاندۇراتتىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ قىلمىشىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىدىن گۇمانلىناتتىم.

لېكىن گېپىم جايىدا قېلىپ قالاتتى، ئاكىسى يەنىلا ئۇكىسىنى ئۇراتتى. مەن ئاكىسىدا زوراۋانلىق ئادىتىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. شۇڭا ھەر قېتىم ئىنىسىنى ئۇرۇۋالغاندا ئاكىسىنى ئىككى مىنۇت جازالاپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم، بۇ ئامال كارغا كېلىدۇ، لېكىن ئازراق ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن يەنىلا جەڭ باشلىنىدۇ.

قاتتىقلىق ئاقمىسا، يۇمشاقلىق تېخى ئاقمىسا زادى قانداق قىلغۇلۇق؟

بىر قېتىم ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىپ، ئاكىسىنىڭ ئىنىسىنى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالدىم.

ئىنىسى ئاكىسى بىلەن بىللە ئويناشقا ئامراق ئىدى، لېكىن كىچككىنە قوللىرى بىلەن بىر ئىش قىلىشى كالامپاي بولغاچقا ئاكىسىغا تولا ئېسىلىۋالاتتى. بىردەم ئاكىسىنىڭ كىيىمىنى تارتتى، بىر دەم چېچىنى يۇلۇۋالدى. ئاكىسى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كەينىگە داجىپ ئويناۋەردى، لېكىن ئۇكىسى تازا قىززىق ئويناۋاتقان بولغاچقا ئاكىسىنىڭ يۈزىنى تاتىلىۋالدى، ئاكىسى ئاخىرى چىدىماي ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم قىلدى، بىر مۇشىت بىلەن ئۇكىسىنىڭ دۈمبىسىگە ئۇردى. ئۇكىسى قاتتىق يىغلاپ، مېنىڭ قۇچىقىمغا ئۆزىنى ئاتتى، شۇنىڭدىن تارتىپ مەن بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبكە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.

ئاكىسى كۈچىنىڭ بارىچە ئۇكىسىغا يول قويغان، لېكىن ئاخىر چىداپ بولالماي ئۇكىسىنى ئۇرغان. ئۇكىسىنىڭ يېشى كىچىك، ھەم ئاكىسىدىن ئاجىزراق بولغاچقا بىز ھەمىشە ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ زىتىغا تەگكەنلىكىنى نەزەردىن ساقت قىپتۇق. ئەمما ئاكىسىنىڭ ئۇكىسىنى ئۇرغانلىقىغا بەكرەك مەركەزلىشىپتۇق. بۇ ئىشنىڭ كەينىدە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرمەي ئاكىسىغا ئۇۋال قىلىپ قويۇپتۇق.

ئەمەلىيەتتە ئۇكىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ كەيپىياتى ئىزچىل تۇراقلىق بولمىدى، بەزىدە ئۇكىسىنى قەستەن جىلە قىلدى. ئۇكىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئۇ پەگاغىراق چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىندى، شۇڭا ئۇ ھەسەت قىلدى، كۈنلىدى، بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۇكىسىنى سەۋەبچى دەپ ئويلىدى. شۇڭا تېخى تىل بىلەن ئىپادىلەش قابىلىيىتى يېتىلمىگەن ئاكىسى مۇشتى بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇكىسى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويۇنچۇق تالىشىدىغان، يەيدىغان نەرسە تالىشىدىغان، ئانىسىنى تالىشىدىغان ئىشلار ئادەتكە ئايلاندى.

ئۇنداقتا ئىككى بالىنىڭ تالىشىشىغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟ بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

دۇنياۋى بازارلىق كىتاب «توغرا تەربىيە»(正面管教) دا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بالىڭىزنى ئۇرۇشقا سېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال توختىماي ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جېدەلگە كىرىشتۇر».

«ئەمەلىيەتتە ئانا بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئۇرۇشۇشنىڭ دىققەتنى تارتىش ۋە ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىۋاتقان بولىدۇ، ئانا بۇ ئارقىلىق بالىلاردا قانداق قىلغاندا تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە قىممەت تۇيغۇسىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا قارىتا خاتا ئۇچۇرنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.»

بۇ بۆلەكنى كۆرگەندىن كېيىن مەن ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىپ قويدۇم، چوڭلارنىڭ ئارىلىشىشى بالىلارنىڭ ئۇرۇشۇشىغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىكەن، بالىلار ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە بولۇپ تۇرىدىغان تالاش-تارتىشلار دىققەتكە ئېرىشىپ ئاخىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان قوللاشقا ئېرىشىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.

كېيىنكى ئىككى كۈن جەريانىدا ئۇكىسى يەنە بىر قېتىم ياشلىرىنى تاراملىتىپ، قۇچىقىمغا ئۆزى ئېتىپ: «ئاكام ئۇردى» دېگەندە مەن بۇرۇنقىدەك ئارىلىشىۋالىدىغان پوزىتسىيەمنى ئۆزگەرتتىم، بالىلارغا: «ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار، ئاناڭلارنىڭ ئىشى بار» دېدىم.

بۇ چاغدا قۇچىقىمدىكى كىچىك بالام سەل ھەيرانلىقتا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. گەرچە قايىل بولمىغان بولسىمۇ بايىقى بىچارە تۇرقى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئاكىسىمۇ يېنىك تىن ئالدى. بىردەمدىن كېيىن ئىككى بالا ئەپلىشىپ بۇرۇنقىدەكلا بىللە ئويناشقا باشلىدى. چوڭلار ئارىلاشمىسا ئۇلارنىڭ جېدىلى تېزلا بېسىقىپ، يارىشىپ قالىدىكەن.

بالىلار سىز پوزىتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن سىزنىڭ تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ باقىدىكەن، كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئۇلار ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن يەنە ماڭا ھال ئېيتقىلى كەلدى، لېكىن مەن ئارىلاشمىدىم، پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم. ئاستا-ئاستا بۇ ئىككى بالىمۇ بۇنداق ئەھۋالدىن زېرىكتى، بىردەم سۈركىلىشىپ قالسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋەردى.

شۇنداق، تەربىيە جەريانىدا سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئامېرىكا مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تالانتلىق پىسخولوگ، مائارىپشۇناس جېيىن نىلسون شۇنداق دەيدۇ: «ئىككى بالىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاندىن بىر بالىدا ‹زىيانلانغۇچى› لىق پىسخىكىسى، يەنە بىر بالىدا ‹زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىق› پىسخىكىسى شەكىللەنمەيدۇ. چوڭلار بالىلارنىڭ جېدىلىگە ئارىلىشىشنى رەت قىلغاندا ياكى باراۋەر ھالدا ئۇلار ئىككىلىسىگە ‹ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش› لىقىنى ھېس قىلدۇرالىغاندا، ئۇرۇشۇشتىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچمۇ غايىپ بولىدۇ.»

ئەسلىدە ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى قارار قىلىش ئىكەن، بالىدىن نېمىنى قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئەمەس ئىكەن. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالىساق بالىلارنىڭ جېدەلگە پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزلىرى ھەل قىلالايدىكەن.

خوش، ئوقۇرمەن، سىز بۇنداق جېدەلنى قانداق ھەل قىلاتتىڭىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەتلەسچى قىز2 كۈن ئىلگىرى

    راس دەيسىلەر،بالا تەربىيەسى بەك مۇھىم،مىنىڭمۇ ئىككى بالام بار،بەزىدە ئۇرشۇپ قالسا،باشقۇرۇپ بۇلالماي،جىلە بوپ كىتىمەن، باللارنى توغرا تەربىيەلەش ئاسان ئەمەسكەن،

  • شېرىنئاي3 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ ئۈچ بالام بار ئىككىسى قىز بىرى ئۇغۇل چۇڭ قىزىم 5ياش ئۇتتىرانجىسى 4ياش ئۇغۇل كىچىكى 2ياش چۇڭ قىزىم ئۇغۇل بالدەكلا كەپسىز ئۇكىلىرىنى ئۇرۋالىدۇ بەزەدە بەك جىلە بۇپ كىتىپ ئاچچىقىمدا ئۇرۋالىمەن شۇڭا سىلەنىڭمۇ قانداق قىلسام بۇلىدۇ دەپ بىرىڭلا تەجرىبەڭلانى

  • Torres3 كۈن ئىلگىرى

    ئەگەر شونداق بوپقالسا،كىچىكىنى سەنداغا ئاپىرىپ بىرىمە،،،چوڭىغا بابى گوڭجو ئەپ بىرىمەن.

  • ساتتار3 كۈن ئىلگىرى

    بۇيلۇق ئەركىسىنىڭ بالىلرىنىڭ ھالىغا ۋاي، مىنىڭمۇ ئىككى ئۇغلۇم با، ئۇرۇشۇپ قويىدۇئانچە مۇنچە! مەلىدە ئۆزەمنىڭمۇ 11ئاغىنەم با كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، بەزىدە بىزلەرمۇ مۇشۇ يىشىمىزدىمۇ تۇتۇشۇپ قۇيىمىز بىرە چاڭ تۇتۇشقاندىن كىيىنكى ھىسيات باشقىچە بولىدۇ، ئەتە سىز يوق ئەپەندىم ئۇ كىم بۇ كىم دەپ سورايدىغان، بالىڭىزنىڭ پۇتى لاغىلدايدىغان بوپ قاممىسۇن يەنە

  • شىرزات3 كۈن ئىلگىرى

    بىزمۇ ئوكىلىرىمىزنى بىكا غا ئۇرمايمىز ،پەقەت ئاتائانىلار بىلمەيدىغان بەزى ئەسكىلىكلىرىنى تۈزەش ئۈچۈن ، چۈنكى بىز دائىم بىللە ئەمەسمۇ ،ئىشلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىمىز ، بىراق جىدەل بوپ قاسا دائىم كىچىكى ئاق ،، بىز قارا بولىمىز …

  • (سەبىي)AM1997093 كۈن ئىلگىرى

    چوڭى كىچىكىنى ئۇرسىمۇ، كىچىكى چوڭىنى ئۇرسىمۇ ھامان كىچىكى تەرەپتە تۇرىدۇ مىنى بوزەك قىلىدۇ ئۇكام

  • sitop3 كۈن ئىلگىرى

    بويلۇق ئەركىسى
    بۇ ئىشىڭىز ھەقىقەتەن توغرا. مەن قوللايمەن. مەنمۇ بەزىدە باللىرمنى باشقۇرۇپ بولالماي بەك جىلە بوپ كىتىمەن، بولمىسا ئىككىسىنىڭ ياش پەرقى 7 ياش. تۇغۇلغان كۈنى ئوخشاش، چوڭى ئوغول ،كىچىكى قىز. قىزىم بەك شوخ. ئاكىسىنى ئۇرۇپ ،نەرسىلىرىنى بۇزۇپ، ئارامىمنى قويمايدۇ. ئوغولدەكلا. دادىسى ئاساسەن ئىشتا بولغاچ قىزىم يۇگاشقۇ ،گەپ ئاڭلايدىغۇ دەپ ماڭا خاپا بولاتتى.5 كۈن دەم ئىلىپ دەم ئالغاندەك بولمىدىم. ئىشلىگىنىم ياخشىكەن دەيدۇ. مەن ئاپىسى بولغاچ ماڭا ئامال يوق، 呵呵 چاقچاق ھە. 26كىردىم 62 گە كىرگەندەك چارچىدىم، ئۇف ئاپاممۇ بىزنى چوڭ قىلغۇچە شۇنچە جاپا تارتىپتۇ، رەھمەت ئاپا راسلا جاپارىمنى تاتىپسىز. بالا باقماق بەكلا قىيىن ئىشكەن ،

  • 对方正在输入...3 كۈن ئىلگىرى

    «توغرا تەربىيە» بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بارمىدۇ بىلسەڭلا دەپ بەرگەن بولساڭلا

  • سەنەم3 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي ۋۇي مىنڭ ئىككى ئۇغلۇم بار بىر ياش پەرىق بار بىر 3تىن ئاشتى يەنە بىر 2دىن تۇلا ئۇرشىدۇ ئاكىسىغا ئالدىرماي ئۇكاڭ كىچىك تىخى بىلمەيدۇ سەن ئەستايىدىل بۇلۇپ ئۇگۇتۇپ قۇي ئۇمۇ سەندەك چۇڭ بۇلغاندا بىلدۇ دەيمەن ئەگەر كىم خاتا قىلغان بۇلسا قارشى تەرەپتىن كەچۇرۇم سۇرايدۇ ئامال يۇق بەك چارچايمەن بەزەن ۋاقىىتتا چىدىماي ئۇيدىن قىچىپ چىقىپ كەتتكىم كەپ كىتىدۇ

  • Nuri3 كۈن ئىلگىرى

    بۇيلۇق ئەركىسى سىزگە قول قويدۇم .ياخشى تەربىيە بىلەن كۆندۈرۈپسىز مىنىڭمۇ ئىككى ئوغلۇم بار . پەرزەنت تەربىيسى ھەرگىزمۇ ئاددى گەپ ئەمەسكەن مىنىڭمۇ باللىرىمنى ھەقىقى يىگىتتەك چوڭ قىلىش ئارزۇيۇم بار ئۇماقلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号