باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

نارۇتو: باشتىن-ئاخىر زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئارتقان ئۈچ نىنجا

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 12:53 10 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە كارتون فىلىمى «نارۇتو» نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر سىز بىرەر «نارۇتو» مەستانىسى بىلەن «نارۇتو» توغرىسىدا سۆز ئېچىپ قالسىڭىز، بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن نەچچە سائەت بىرگە ئولتۇرۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق، «نارۇتو» نىڭ كىشىگە بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر. بۈگۈن بىز «نارۇتو» دىكى باشتىن-ئاخىر زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئارتقان ئۈچ نىنجا بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز، نىنجا؟ ئۇلارنى قەھرىمان دېسەك توغرا بولىدۇ!

جىراييا

كونوخادىكى ئۈچ نىنجانىڭ بىرى، ئۈچ نىنجا ئىچىدىكى يەنە ئىككەيلەنگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىسقا، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان ھەربىر ئىشى ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىدۇ، ئۇ نارۇتونىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قېرىندىشى، ئەڭ قالتىس ئۇستازى، مېھرىبان بوۋىسى، خۇددى نارۇتونىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش: «شەھۋەتپەرەس ئەۋلىيانىڭ ئورنىنى ھېچكىم تولدۇرالمايدۇ».

جىراييا بىلەن زۇنادېنىڭ خوشلىشىش بەلكىم «نارۇتو» دىكى كىلاسسىك كۆرۈنۈشلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىلاسسىك كۆرۈنۈش بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ ئۆزى سۆيىدىغان ئايالغا بەرگەن ۋەدىسى، خۇددى ئۇنىڭ زۇنادېغا ئېيتقىنىدەك: «ئەمىسە ئىككىمىز باغلىشايلى، سىز مېنىڭ ئۆلۈشۈمدە تۇرۇڭ، چۈنكى سىز بىر قېتىممۇ قىماردا ئۇتۇپ باقمىغان تۇرسىڭىز»، بۇ دەل جىراييانىڭ نىنجا يولى!

پېين بىلەن بولغان جەڭدە، ئەسلىدە جىراييا ۋاقتىنچە چېكىنىپ تۇرسا بولاتتى، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بەدىلىگە، زۇنادې باشچىلىقىدىكى ئۆزى قوغدىماقچى بولغانلار ئۈچۈن پېيننى مەغلۇپ قىلىدىغان ئامال تېپىپ بەرمەكچى بولغان. ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھازىر ئويلاپ باقساق، ئۈچىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانىدىن كېيىن دەل جىراييا كونوخا يېزىسىنى، نىنجا دۇنياسىنى قوغداپ كەلگەن.

سارۇتوبى خىرۇزېن

ئۈچىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى، «تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوت ئاتامانى» دەپ ئاتالغان، بۇيەردە ئۇنىڭ قانداقسىگە ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قايرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدىكى «مەن يەمچۈك بولاي» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزىگە كېلەيلى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا، دانزونىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئويى بار بولۇپ، لېكىن يەنىلا ئازراق ئىككىلىنىپ قالغان، لېكىن سارۇتوبى خىرۇزېن قىلچە ئىككىلەنمەي بۇ بىر جۈملە سۆزنى ئېغىزىدىن چىقارغان، بەلكىم بۇ دەل ئىككىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانىنىڭ ئۇنى ئۈچىنچى ئەۋلاد قىلىپ تاللىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم دەل مۇشۇنداق قۇربان بېرىشتىن قورقماستەك كەسكىنلىكى، ئۇنى كونوخانى ئەڭ گۈللەندۈرگەن ئاتامانغا ئايلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۆلۈمى كىشىنى ئازابلايدۇ، ياشقا چوڭىيىپ قالغان ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە شاگىرتىنىڭ داۋاملىق ئەسكى ئىشلارنى قىلىشىنى توسىماقچى بولىدۇ، كونوخا يېزىسىنى ساقلاپ قالىدۇ، بەلكىم ئۈچىنچى ئەۋلادنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالى ئالدىدا ئېيتىلغان «تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوت ئاتامانى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن زىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ يېشىنى ئويلاشمىساق بولمايدۇ، ئۇ يەنە قايتا تىرىلگەن ئىككى ئاتامان بىلەن جەڭ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ تالانتلىق شاگىرتىغا تاقابىل تۇرىدۇ، بەلكىم ئۇ «تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوت ئاتامانى» بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇ چوقۇملا «تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئوت ئاتامانى»!

ئۇچىھا ئىتاچى

ئۇچىھا جەمەتىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ داڭلىق بولغان تالانت ئىگىسى، لېكىن ئۇ توغرا بولمىغان دەۋردە تۇغۇلۇپ قالغان، 4 يېشىدىلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەن ئىتاچىنىڭ قەلبىدە دۇنيانىڭ، كونوخا يېزىسىنىڭ تىنچلىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇچىھا جەمەتى ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي بۇ ئۇچۇرنى كونوخا يېزىسى يۇقىرى قاتلىمىغا ئاشكارىلىغان، يېزىنىڭ تىنچلىقى ۋە ساسكېنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن، جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغان، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ۋە ئاتا-ئانىسىمۇ بار. 

ساسكې بىلەن بولغان جەڭدىن كېيىن، ئوبىتو ساسكېغا ئىتاچىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارار چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئەگەر ئۇچىھا جەمەتى ئەينى ۋاقىتتا ئىسيان كۆتۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئويلىماي تۇرايلى، شۇنداق بولىدىكەن، كونوخا يېزىسى چوقۇم قالايمىقانچىلىققا تولىدۇ، باشقا يېزىلارمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كونوخاغا ھۇجۇم قىلىشى، ئۇچىھا جەمەتىنىڭ بۇ قارارى سەۋەبلىك، تۆتىنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشى باشلىنىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىتاچى بۇ نۇقتىنى ئويلاپ يەتكەن، شىسۈينىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى سۆزلىرى ئۇنىڭ تىنچلىققا بولغان ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان، ئۇ ھەتتا ئۆلۈشكە قەدەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ساسكېغا ئېيتمىغان، خۇددى ئۇنىڭ نارۇتوغا بولغان ئىشەنچىسىگە ئوخشاش، ئۇ بارلىق ئۈمىدىنى ئىنىسىغا، نارۇتوغا ۋە باشقا ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەغرۇر ياشايمەن3 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە خىتاچىنى ھەقىيقى قەھرىمان دىسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئۈچىخا جەمەتىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش نىيەتتە بولۇپ كونوخاندا ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى قوزغىغان بولسا شۇ ئەھۋالدا ھىچكىم ئۇنى توسۇپ قالالمايتى لىكىن ئۇ ئۆز قەۋمىنى يوقۇتۇپ كەلگۈسى ئەمىنلكنى تاللىدى ئەكسىچە ئۆزى خائىن سانىلىپ كونۇخانىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدى ئەڭ چوڭ قۇربانلىق بىرەلىگەنلەرنى ھەقىيقى قەھرىمان دىسە بولىدۇ

  • مەدەت3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئۈچى كونوخا كەنىتى ۋە ئۆزى ياخشى كۆردىغانلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلار، ۋە شۇ يولدا ئۆلگەنلەر……

  • ئىتاچى3 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ ئۇلۇغ ئوت ئاتامانى دېگەن گەپكە پىكرىم يوق،لېكىن ئەڭ كۈچلۈك دېسە………بىريەلىرى بىرقانداق تۇرىدۇ؟

  • ئارسلانى3 كۈن ئىلگىرى

    داۋامىلق يوللاپ تۇرغايسىز بۇ توغرۇلۇق يازمىلارنى

  • مەستانە 09983 كۈن ئىلگىرى

    جىراييا ۋە ئىتاچى ئەڭ نوچى نىنجا

  • قۇياش قىزى3 كۈن ئىلگىرى

    ئىتاچى ئىتاچى ئىتاچى ……………………بىر ئۆمۈر ھەممىنى زىممىسگە ئالغان ئەركەك.

  • ئۆزھايات3 كۈن ئىلگىرى

    توغرا جىراييا ھەقىقەتەن ناروتونىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىنسان جىراييانىڭ ئۆلىمى كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ

  • dicos3 كۈن ئىلگىرى

    بەك توغرا گەپ زادى ئىتاچى شىسۇيلەرمۇ ئىقتىدارغا نىسبەتەن خاتا دەۋىردە تۇغلۇپ قالغانلار ،،،،

  • مەڭگۈ ئارمان3 كۈن ئىلگىرى

    قاچانراق چىقار بۇ كىنۇ

  • ئۈچىخا ئىتاچى3 كۈن ئىلگىرى

    جىراييا بىلەن ئىتاچى ئىككىسى نىنجا دۇنياسىنىڭ ھەقىقى قۇتقازغۇچىسى …ھەي مىنىڭ ھاماقەت ئىنىم ئەگەر مىنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭ ماڭا ئۆچ بول ماڭا نەپرەتلەن. ئاندىن كىيىن يۈزۈڭنىڭ چۈششىگە قارماي تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشا. پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن قاچ پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ھاياتلىق ئۈچۈن تىركەش.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号