باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

لى ليەنجيېدىن كېيىن ۋۇ مېڭدامۇ ۋەسىيەت قالدۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 13:00 7 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«گۇمپا پادىشاھى» لى ليەنجيې كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن كىلاسسىك فىلىملەردە رول ئېلىپ، بىزگە ئۇزۇن يىل ھەمراھ بولغان، لېكىن ھازىر قارايدىغان بولساق ئۇ ھەقىقەتەن قېرىدى. 54 ياشقا كىرگەن لى ليەنجيېنىڭ بەدىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئاجىزلاپ كەتتى، ئۆزىمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى، يېقىندا ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئۆتۈشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

لى ليەنجيې خېلى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن بولۇپ، دائىم ھەرىكەتلىك فىلىمگە قاتناشقاچقا، تاساددىپىي بىرەر ئەھۋال كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 37 يېشىدىلا ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ بولغان.

ئۇنىڭ فىلىملەردىكى كەلاسسىك ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، ھازىرقى ئەھۋالىدىن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايدۇ.

پەقەت لى ليەنجيېلا ۋەسىيەتنامە قالدۇرمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جوۋ شىڭچىنىڭ فىلىملىرىدىكى «ئالتۇن ھەمراھى» ۋۇ مېڭدامۇ ئاللىبۇرۇن ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ بولغان.

ۋۇ مېڭدا بۇ يىل 64 ياش، ئۇ 62 يېشىدىلا ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان. 62 يېشىدا، ئۇ بىر قېتىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىلگەن بولۇپ، يۈرىكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان، يۈرەكنىڭ پەقەت %30 لىك ئىقتىدارى قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 30 جىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن.

ۋۇ مېڭدا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ۋۇ مېڭدا ئىككى يىل ئىلگىرىلا ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ بولغان. گەرچە ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئوخشاشلا ناچار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا 3 ئايالى ۋە 5 بالىسىنى بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ پۇل تاپماقتا!

ھەممەيلەن ۋۇ مېڭدانىڭ جوۋ شىڭچى بىلەن «ئالتۇن ھەمراھ» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار كۆرۈرمەنلەرگە نۇرغۇن قېتىملاپ كۈلكە ئاتا قىلغان. بۇ ئىككەيلەنلا بولغان فىلىملەر ھازىرغىچە كىلاسسىك ھېسابلىنىپ، ياقتۇرۇپ كۆرۈلمەكتە، نۇرغۇن كۆرۈرمەن جوۋ شىڭچى بىلەن ۋۇ مېڭدانىڭ يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا، لېكىن بۇ ئەمدى مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن!

يېقىندا، مۇخبىرلار ۋۇ مېڭدانىڭ سۈرىتىنى تارتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن «يەنە كۆپرەك تارتساق بولامدۇ؟» دەپ سورىغان، ۋۇ مېڭدا بولسا «تارتىڭلار، كۆپرەك تارتىۋېلىڭلار، بولمىسا پۇرسەت بولمايدۇ!» دېگەن. ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 181******703 كۈن ئىلگىرى

    مەن لى لىيەنجىگە بەكمۇ قايىل ئۇنىڭ ئېغىر كىسەل بولۇپ قالغاننى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.

  • بايلىق3 كۈن ئىلگىرى

    ئاخىرلاشمايدىغان سورون يوق ،دۇنيا ھەممىمىزگە ئەبەدىي ئەمەس

  • ئەلقۇت3 كۈن ئىلگىرى

    ھەي ئىسىت بۇ ۋۇمىڭدا دېگەن ئارتىس يامان قىززىقتى

  • چۆل ئوغلى3 كۈن ئىلگىرى

    جاھان باقى ئەمەس لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان

  • كەسپى ئىنكاسچى «تاتلىقجان»3 كۈن ئىلگىرى

    كىنوسىدا نوى بولاپلا قالماي تۇرمۇشتىمۇ نوچىكەن ماۋۇ قەلەندەر ،ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشاپتۇ ،3خۇتۇن 5بالنى بېقىپ كىتىپتۇ ۋۇمىڭدا

  • مەمەتجان3 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن،ئەپسۇس،،ئۇلار،جۇڭگۇلۇقلار،قەلبىدە،شەخسىيەتسىز،قەھىرمانلار،ئىدى،ئەمدى،كىملەرمۇ،ئۇلارنىڭ،ئۇرنىنى،باسالايدىغان،چىقسا،ياخشى ،بۇلاتىتى

  • ئمام3 كۈن ئىلگىرى

    يىللار رەھمسىز ھەممىمىز قىرىمىز پەقەت ۋاقىت پەرقى ئالدى كەينى شۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号