باش بەت

nick2017

4يوللانما
0مەستانە

چىشى شىرلار ئوۋلىغان بۇغا ئەركەك شىرنىڭ غىزاسىغا ئايلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 13:56 3 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 7-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقا كرۇگېر دۆلەتلىك باغچىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن. بىر بۇغا بالىسى شىر توپىنى كېسىپ ئۆتمەكچى بولغاندا قورشاۋ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، شىرلار ئۇنى تېزلا تۇتۇۋېلىپ يەۋەتكەن. دەل شۇ چاغدا يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەتچى بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ھەمدە تورغا چىقارغان، بۇ كۆرۈنۈش تورداشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. 

سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شىر توپى يولدا لاغايلاپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر بۇغا بالىسى يول بويىدىن ئېتىلىپ چىقىپ شىر توپىنى كېسىپ ئۆتۈپ قاچماقچى بولغان، ئەمما ھەرىكىتى چاققان شىرلار ئېتىلىپ بېرىپلا بۇغا بالىسىنى يەرگە بېسىۋالغان ھەمدە ئولاش-چولاش يەۋەتكەن، ھەش-پەش دېگۈچە بۇغا بالىسى شىرلارنىڭ بىر ۋاق مەزىلىك تامىقىغا ئايلانغان.

بۇ مەنزىرىنى كۆرگۈچى مۇنداق دېگەن: «بۇ بۇغا بالىسى باشقا ئىككى شىرنىڭ قوغلىشى بىلەن يولغا چىقىپ قالغان ھەم شۇ چاغدا يولدا كېتىۋاتقان شىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندىن كېيىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ كۆرۈنۈش يۈز بەرگەن.»

ئەمما بۇ قىزىقارلىق ئىش تېخى ئاخىرلاشمىغان، ۋىدىيونىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئانا شىر بۇ ئولجىدىن ھوزۇرلانماقچى بولغاندا بىر سۈرلۈك ئەركەك شىر توساتتىن يۈرگۈرۈپ كېلىپ باشقا شىرلارغا ھۆركىرەپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قاچۇرىۋەتكەن ۋە ئۆزى يالغۇز بۇ مەززىلىك تائامدىن ھوزۇرلانغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇسسېز2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى قاراڭ ئاداش

  • لازىجان2 ئاي ئىلگىرى

    سىننىڭ كىيىنكى يېرمىدا دەپتىغۇ ئەينا، سىن تولۇق ئەمەسكەن شۇڭا كۆمىگەنسز.

  • زۇلى2 ئاي ئىلگىرى

    نەدە ئەركەك شىر با كۆمۈدۈمغۇ مەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号