باش بەت

ئادىلجان

7167يوللانما
76مەستانە

تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ھۇجۇم تۈسى ئالغان ھەجۋىي رەسىم سىزغان ئەر قولغا ئېلىندى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 14:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتلىق ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 33 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئەر ئېدۋارد باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقىغا «مەكتەپ ياتىقىغا ئوت كەتكەن، بىر توپ ئادەملەر رەتكە تىزىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشنى ساقلاۋاتقان مەكتەپ ھويلىسى قىرغىنچىلىقى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەجۋىي رەسىمنى سىزىپ قويۇپ قولغا ئېلىنغان. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جايدىكى سان خوسې باشلانغۇچ مەكتىپى دېلو مەلۇم قىلىپ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقىغا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىم سىزىپ قويۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. ھەجۋىي رەسىمدە «مەكتەپ» دېگەن خەت بار مەكتەپ ھويلىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر دەرسخانىغا ئوت كەتكەن، تورۇستىن ئىس كۆتۈرۈلۈۋاتقان، دەرسخانىنىڭ ئالدىدا بەدىنىدىن ئىس چىقىۋاتقان كىشىلەر سىرتقا قېچىۋاتقان، سول تەرەپتە بولسا بىر توپ ئوقۇغۇچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشنى ساقلاۋاتقان، قورال كۆتۈرۈۋالغان بىرى ياندا ۋارقىراۋاتقان، ئىككى ياندا بىردىن ئادەم يەردە ياتقان كۆرۈنۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 

ساقچىلار تەكشۈرۈپ بۇ ھەجۋىي رەسىمنى ئېدۋارد سىزغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما ئېدۋاردنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقى ياكى دوستى ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. 

شۇ جايدىكى ساقچى خاررىسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېدۋاردنىڭ قىلمىشى خەت شەكلىدە باشقىلارغا «زىيانكەشلىك قىلىمەن» دەپ تەھدىت سېلىشقا ياكى باشقىلارنىڭ جىسمىغا زىيان يەتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 

خاررىسون باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز كۆپ قېتىم كىشىنى چۆچۈتىدىغان مەكتەپ ئىچى ئېچىنىشلىق دېلولىرىنى باشتىن كەچۈردى. بىز بۇنداق ئەھۋالغا كەسكىن پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىمىز.» ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئېدۋاردنىڭ مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئېدۋارد ئىككىلەمچى ئېغىر جىنايەت بىلەن قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号