باش بەت

durdana

1151يوللانما
66مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پىروگىرامما «Ellen Show» ۋە رىياسەتچى ئېللىن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 12:39 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق رىياسەتچى « talk show» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ئېللىن ھازىرغا كەلگۈچە ئېممىي مۇكاپاتى، ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى، گرەممىي مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ باققان بىردىنبىر رىياسەتچى. ئۇ 29 تۈرلۈك ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 20 تۈرلۈك خەلق سايلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ ئامېرىكا تالانت سەھنىسىنىڭ دائىملىق باھالىغۇچىسى. 2016-يىلى ئۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئەركىنلىك ئوردىنىغا ئېرىشكەن.

ئوباما ئۇنىڭغا زۇڭتۇڭ ئەركىنلىك ئوردىنى تاقاپ قويغان شۇ مىنۇتلاردا ئۇ ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش ئالغان.

ئېللىن رىياسەتچىلىك قىلغان 86-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا تارتىلغان بۇ ئۆز تارتىم رەسىمى ھوللىۋودتىكى داڭدار چولپانلارنى جەم قىلغان بولۇپ، تىۋىتتىردا تارقىتىلغاندىن كېيىن 40 مىنۇت ئىچىدىلا ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان، شۇنداقلا بىرىنچى سائەتتىلا 1 مىليون 800 مىڭ قېتىم تارقىتىلغان. 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتقىچە 2 مىليون 800 مىڭ قېتىم تارقىتىلغان.

تورداشلار ھەجۋىي قىلغىنى.

ئۇ يەنە «نىمونى ئىزدەش» دىكى دورىيغا ئاۋاز بەرگەن.

1958-يىلى ئېللېن ئامېرىكا لۇئىزىيانا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گىرمانىيە، ئېرلاندىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ قان سىستېمىسى بار. كىچىك ۋاقتىدا كۆزلىرى يۇمىلاق ھەم چوڭ بولۇپ، بەكلا ئوماق ئىكەن.

15 يېشىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئانىسى بىر مال ساتقۇچى بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلار تېكساستىكى ئاتلانتاغا كۆچۈپ كېلىدۇ.

تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېللىن ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ قانداق ئىش بولسا قىلىدۇ، قۇلۇلە كولايدۇ، ئىشىك باقار بولىدۇ، مۇلازىم، مايلامچى، چاڭ سۈمۈرگۈچى ساتقۇچى... دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. زەيكەش يەر ئاستى ئۆيلىرىدە تۇرىدۇ.

ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بىر تىراگېدىيەدىن باشلىنىدۇ. ئېللىننىڭ مۇھەببىتى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسدە قازا قىلىدۇ، ئۇ دەل ھادىسە يۈز بەرگەن جايغا كېلىپ قېلىپ، مۇھەببىتى  ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ساراڭدەك بولۇپ قالىدۇ، يا مۇقىم خىزمىتى يوق، ھەممە نەرسىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن. تەڭرى نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ تەڭرىگە دەردىنى ئېيتماقچى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ مۇمكىنمۇ؟ كېيىن يەنە تەڭرىگە خەت يازماقچى بولىدۇ. قارىماققا راستتىنلا ئەسەبىيلەشكەن ئىكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كېلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا جوننى جونسوننىڭ «Tonight Show» ناملىق پىروگىراممىسى ئاجايىپ داڭلىق بولۇپ، 10-15 مىلىيونغىچە كۆرۈرمىنى بار ئىكەن. جوننى مۇشۇنداق پىروگىراممىلارنىڭ بوۋىسى دېيىشكە بولىدىغان ئادەم. شۇنىڭ بىلەن ئېللىن بۇ پىروگىراممىغا چىقىپ ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ جوننى بىلەن پىكىرلەشكەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ.

1986-يىلى ئۇنىڭ تەڭرىگە قىلغان سۆزلىرى سەۋەبلىك جوننىنىڭ پىروگىراممسىىغا قاتنىشىدۇ. قارىغاندا ھەممە ئادەم ئازراق تەلۋىلەرچە ئىش قىلىپ قويسا دىققەتنى تارتىدىغان ئوخشايدۇ.

شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ كەسپى گۈللىنىشكە باشلايدۇ. ئۇ ئۆزى پىروگىرامما ئىشلەپ، رول ئالىدىغان، ئاۋاز بېرىدىغان ئىشلارنىمۇ تەڭ قىلىدۇ. ئۇنى ئامېرىكىدا تونۇمايدىغان ئادەم قالمايدۇ.

كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دوستلىرىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئارىدا ئۇ ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلايدۇ.

لېكىن ئۇنىڭ ئامالى كۆپ بولغاچقا قايتىدىن بىر پىروگىرامما ئىشلەپ «Ellen Show» دەپ نام بېرىدۇ. بۇ پىروگىرامما ناھايىتى ئالقىشلىنىدۇ، ئېللىن ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، يۇمۇرىستىك ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋالىدىغان خاراكتېرى بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ بۇ پىروگىراممىنى بېيىتىدۇ. پىروگىراممىدا كىچىك ئويۇن ئوينايدىغان باسقۇچلار بار، ھەر قايسى ساھەدىكى داڭدارلار بۇ پىروگىراممىغا قاتناشقان.

ئوبامامۇ كەلگەن.

لىئوناردو ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئايروپىلاندا كاشىلا كۆرۈلگەندىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ھالى يوغان ناخشىچى ئادەلمۇ كەلگەن.

سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا ھەر خىل قىزىقارلىق سوئاللىرى بار.

چېڭلوڭ ئاكىمىزمۇ قاتناشقان، يەنە تېخى پۇتتىكى پەللىنى بېسىپ بەرگەندە بەدەنگە پايدىسى بار دېگەن ساۋاتلارنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پىروگىراممىسىغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ روھى ھالىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ پىروگىراممىسىدا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئويۇن باسقۇچلىرى بولۇپ، نۇرغۇن چولپانلار ئوڭايسىزلىقتا قالغان.

مايلى سايرۇس، سېلىنا گومېز، جاستىن بىيبېرلار ئۇنىڭ ئويۇنىدىن قورقۇپ كەتكەن.

ئەڭ يامان بولغىنى تايلور سىۋىفىت، قورققىنىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن.

ئەمما ئېللىن بەك مېھرىبان، ئۇ دائىم مېھمانلارغا تۈجۈپىلەپ سوۋغات تەييارلايدۇ.

بۇ ئاخسا پىروگىرامما شۇنداق سېخىي بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگىمۇ ھەر خىل سوۋغاتلارنى بېرىپ تۇرىدۇ.

نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا (تەخمىنەن 400 دەك) سوۋغا تەييارلانغان، كىچىكى مۇزىكا پىلاستىنكىسىدىن چوڭى تېلېۋوزور، تاختا كومپىيۇتېر، ھەشەمەتلىك مېھمانخانىغا نەچچە كۈنلۈك زىيارەتكىچە بار.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولۇڭ، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.»

دۇنيادا تۈمەن خىل ئادەملەر بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئىشلىرى ئەقلىمىزگە سىغمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل ئادەملەر بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار ئۆز ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا بايقاپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا ماڭغانلاردۇر. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • yalniz yurudum3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئايال ھەققىەتەن تالانتلىق مەن بەك قايىل يۇكۇدا جىق كۆگەن شۇنداق تەبىئىي رىياسەتچلىك قىلدۇ ،ياسالمىدىن يىراق رىياسەتچى بولماقچى بولغانلا مۇشۇ خانىمدىن ئۆگۈنۈشى كىرەك دەپ ئويلايمە

  • نىم دەيسە3 كۈن ئىلگىرى

    بەك پىچەت بۇ پىراگىرامما

  • دەۋران3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ پروگرامما ھەقىقەتەن قىزىيدۇ
    مەن ئەڭ قايىل بولىدىغاندەك چەتئەللىك رىياسەتچى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号