باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

دەرىجىدىن تاشقىرى ئەر قەھرىمانلار ئايالغا ئۆزگىرىپ قالسا قانداق بولار؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 16:07 10 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار فىلىمى ئەرلەرنى ئاساس قىلغان، ئەگەر شۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ئايال كىشى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا قانداق ئەھۋال يۈز بېرەر؟

ئامېرىكا كاپىتانى ئامېرىكا مارۋېل ھەجۋىي رەسىمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان، ئامېرىكا روھىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئەسلى ئىسمى سىتېۋ روجېرس، 1920-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ برۇكلىن رايونىدا تۇغۇلغان، ئەسلىدە ئۇ بىر ئاجىز ئەسكەر ئىدى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ تەتقىقاتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئۆزگىرىدۇ، ئايال كىشىگە ئۆزگەرگەن ئامېرىكا كاپىتانىغا قارىغاندا، ئازراق نەرسە كەمدەكلا ھېس ئاتا قىلىدۇ.

لوكىمۇ مارۋېل ھەجۋىي رەسىمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان، ياق دەرىجىدىن تاشقىرى سەلبىي ئوبراز. شىمالىي ياۋروپا رىۋايەتلىرىدىكى ئوت ئىلاھى ۋە شۇملۇق ئىلاھى. ئۇ چاقماق ئىلاھى سور بىلەن بىرگە چوڭ بولىدۇ، گەرچە ئۇ سورنىڭ ئۆز ئىنىسى بولمىسىمۇ، لېكىن سور يەنىلا ئۇنى ئۆز ئىنىسى دەپ بىلىدۇ ھەمدە ھەقىقىي قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى بېرىدۇ، لېكىن ھوقۇقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان لوكى ئىزچىل سورنى دۈشمىنى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئايال كىشىگە ئۆزگەرگەن لوكىغا قارىسا، ئۇنىڭ «شۇملۇقى» يوقاپ، بىرخىل ئوخشىمىغان تۈس كىرىپ قالغان.

ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئەسلى ئىسمى پېتېر پاركېر، ئامېرىكىدىكى بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، «سېگنال گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى بولىدۇ، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇ بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىق سەۋەبلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋېلىپ، ئۆمۈچۈككە ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ، ئارقىدىن قىزىل رەڭلىك كلاسسىك كىيىمىنى كىيىپ، نيۇيوركنى قوغداش سەپىرىنى باشلايدۇ. مېنىڭچە نىقاب تاقىۋالغان ئايال ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئەسلى تۇرقى چوقۇم ئىنتايىن گۈزەل.

ئايال خاسىيەتلىك ئادەم، بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ ئىشلەندى، باشقا گەپ يوق، ئەر خاسىيەتلىك ئادەمگە قارىغاندا، ئادەمنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ خالاس!

چاقماق ئىلاھى سور مارۋېل ھەجۋىي رەسىمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان، شىمالىي ياۋروپا رىۋايەتلىرىدىكى ئۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىككە مەسئۇل چاقماق ئىلاھى. ئۇ دائىم پولات پالۋان بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئەپسانە بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ پەرقى گەۋدىلەنگەن. ئايال چاقماق ئىلاھىمۇ ئىنتايىن گۈزەل، ئەر چاقماق ئىلاھىغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

پولات پالۋانمۇ مارۋېل ھەجۋىي رەسىمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان، بىر قېتىملىق تۇنقۇن قىلىشتا، تونىي بومبا پارچىسىنىڭ يۈرەككە ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىدىغان يۈرەك رېئاكتورى ياساپ چىقىدۇ، كېيىن ئۇ جەڭ ساۋۇتىنى ياساپ چىقىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىغا تايىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئوبرازلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئايال كىشىگە ئۆزگەرگەن پولات پالۋانغا كەلسەل، جەڭ ساۋۇتى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ماس كەلگەن.

ئايال يېشىل گىگانت ئادەم...  سېنىڭ ئەرلىك ھالىتىڭ ئىنتايىن كېلىشكەن، يەنىلا ئۆزگەرمىگىنىڭ ياخشىدەك تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مانا مەن ماۋۇ19 سائەت ئىلگىرى

    مۇڭگۈزلۈك ئەپەندى بىلەن چاقماققا ئازراق يارشىدىكەن باشقىسىغا بولاپمۇ ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن گىگانىت ئىدەمگەپەققەت 00000000

  • يولۇچى2 كۈن ئىلگىرى

    قالتىس بولغىدەك جۇمۇ مۇشۇنداق ئىشلەيدىغان بولسا

  • Riyla3 كۈن ئىلگىرى

    ۋاااھ، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلا ئايال بوسىمۇ بەك قالتىس بوغىدەك

  • قارام مەرگەن CF3 كۈن ئىلگىرى

    خوكنىڭ كىيمى يوقتى مەنىۇغا نەدىن تاپقاندى سەت بىلمىنى كۆگلى قويماي ھا ھا ھا ………

  • T@NHA3 كۈن ئىلگىرى

    قانداق بۇلاتتى شۇ ئادەمنىڭ تېخىمۇ كۆرگىسى كىلدۇ

  • kapsiz09033 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىدىن بەك ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن خوكقا ياراشمايدىكەن

  • 倒霉麻烦精3 كۈن ئىلگىرى

    قارىماققا خېلى بولدىكەن، بىراق يەنىلا بىر خىل ئاجىزدەكلا كۆرنىدىكەن،

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى3 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىسى بىرخىل ئاجىز كۆرىنىۋاتىدۇ ، پولات ساۋۇتنىڭ ئىچىدىكىدىن باشقا ، چۈنكى ساۋۇتنىڭ ئىچىدە كىم بولسۇن ئوخشاشلا قالتىس

  • ............3 كۈن ئىلگىرى

    ۋاھ نىمدىگەن قورقۇنۇشلۇق بولدى ھەرگىزمۇ ئايال بوپقالمىسۇن ئەر بولىۋەرسۇن ئادەمنى قارابىسىپ قالامدۇ نىمە ،

  • ئاشىق بوۋاي3 كۈن ئىلگىرى

    ئالامەت پەيزى بولدىكەن بولامۇ بىرىنچىسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号