باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق 10 كومېدىيە چولپىنى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 15:30 17 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10. ۋۇ مېڭدا

كىنو ساھەسىدە ئۇنى باشقىلار ھۆرمەت قىلىپ «دا تاغا» (达叔) دەپ ئاتىشىدۇ. شياڭگاڭ فىلىملىرىدە، ئۇ جوۋ شىڭچى بىلەن بىرلىشىپ ئاساسسىز كومېدىيەدىكى ئالتۇن ھەمراھلارغا ئايلانغان، ئۇ جۇڭگو كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ قىممەت يانداش رولچى ھېسابلىنىدۇ.

9. خۇاڭ بەيمىڭ

مەيلى سېنارىست، ئارتىس، رېژىسسورلۇق قىلسۇن، ياكى فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى بولسۇن، خۇاڭ بەيمىڭ ھەر بىر ساھەدە زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن. ئۇ كىنو ساھەسىدىكى كۈرەش مۇساپىسى، شياڭگاڭ كومېدىيە كىنوچىلىقىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىغا ئايلانغان.

8. فەن ۋېي

بۇ ساھەدىكى نەچچە ئون يىللىق مۇساپىسىدە، ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن، يۈز مىليونلىغان تاماشىبىنلارنى بويسۇندۇردى.

7. Maka

ئەسلى ئىسمى مەي جياشاڭ، قالتىس بولغان كومېدىيەلىك ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن، «پاينەك» ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىنو ئىشلىگۈچى ئىكەنلىكىنىلا ئەمەس، يەنە بىر مۇنەۋۋەر كومېدىيە ئارتىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

6. چېن بەيشياڭ

چېن بەيشياڭ تەسەۋۋۇرغا باي، رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى يۇمۇرلۇق؛ ساددا ھەم خۇشامەتچىلىككە تولغان تاشقى قىياپىتىگە تايىنىپ، ئۇ جوۋشىڭچىنىڭ فىلىملىرىدە كۆرۈرمەنلەرگە نۇرغۇن كۈلكە ئاتا قىلغان، ھەمىشە كىشىگە بىر خىل قارا يۇمۇر كەبى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

5. گې يوۋ

كومېدىيە ئارقىلىق نام قازانغان، دراما ئارقىلىق كىنو ساھەسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇ پاينەك بېشى ۋە ئۆزىگە خاس كومېدىيە ئۇسلۇبى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

4. خۇاڭ بو

خۇاڭ بونىڭ تاشقى قىياپىتى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن «مۇلاھىزە» قىلىنىدۇ، ھازىرقى كېلىشكەن ئارتىسلار ئاساسلىق ئوبرازغا ئايلانغان كىنو ساھەسىدە، ئۇ يەنىلا بېلەت كىرىمىنىڭ كاپالىتى بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ قىياپىتىگە ۋە ئاشۇرۇۋېتىلگەن ھەرىكەتلىرىگە قارىسىلا، كىشىنىڭ كۈلگىسى كېلىپ تۇرىدۇ.

3. جاۋ بېنشەن

داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، شەرقىي شىمال ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە پىروفېسسورى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بېنشەن سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، بېنشەن گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى. 

2. ۋۇ ياۋخەن

ئۇ رول ئېلىشنى پۇل تېپىشتىكى ۋاستىسى قىلمىغان، بەلكى چارلىز چاپلىندىن ئېشىپ چۈشۈشنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ كىنو ساھەسىگە كىرگەن. ئۆزىنىڭ بۇ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇ ئىزچىل ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن ھەمدە نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرگە كۈلكە ئاتا قىلغان، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

1. جوۋ شىڭچى

جۇڭگو كىنو ساھەسىدىكى كومېدىيە شاھى، ئىشلىگەن ھەر بىر فىلىمى كىلاسسىك ھېسابلىنىدۇ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كۆرۈرمەنلەرگە كۈلكە بىلەن تەڭ ئازابنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ فىلىملىرىدىكى كومېدىيەنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئازاب كىشىنى ئويغا سالىدۇ، «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» جوۋ شىڭچىنى «ئاسىيا قەھرىمانى» دەپ باھالىغاندا، «ئەگەر جۇڭگودا چارلىز چاپلىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ دەل جوۋ شىڭچى»، دەپ يازغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاسىم قۇشۇق(چانايدۇ)1 كۈن ئىلگىرى

    جۇرۇڭخا قاپتۇ ئۇنىڭ قىمار شاھى قالتىس

  • شىرازى3 كۈن ئىلگىرى

    جوۋشىڭچىنىڭ تالانتىغا گەپ كەتمەيدۇ ،

  • ئەخماق3 كۈن ئىلگىرى

    ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ يوق نىمىشكا?

  • كەسپى ئىنكاسچى «تاتلىقجان»3 كۈن ئىلگىرى

    جوۋشىڭچى ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسى ،لىكىن تۇرمۇشتا يالغۇز ياشاپ نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇردى مۇشۇ ئارتىسنىڭ تۇنجى قىز دوستى داڭلىق ئارتىس بەك يېقىملىق ئىدى ھازىر تىلەمچى بۇلۇپ كىتىپتۇ روھى كىسەل ئىكەن ئەينى چاغدا جوۋشىڭچى نىڭ ئانىسى تويغا قۇشۇلماي يامان قىپتىكەن بىر ئومۈر ئازاپ ،،،،

  • شاھىنشاھ3 كۈن ئىلگىرى

    توغرا ئابدۇكىرىم ئابلىز قوش تىلدا ئىتوت ئوينغان بولسا چۇقۇم ئوننىڭ ئىچكىگە كىرەتتى پاينەك راستلا كەينىگە تىزىلىپ قاپتۇ ئەسلى بەشىنجى ياكى تۆتىنجى ئۇرۇنغا لايىق ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كومدىيىچىلەر ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ كىنو ئىشلەيتى

  • مەرغۇل3 كۈن ئىلگىرى

    ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكېمېزمۇ كېرە ئېدې،،،

  • ARYAN3 كۈن ئىلگىرى

    ئۇ بىزنىڭ جۇڭىگۇنىڭ چارلىزچاپىلنى ئۇبەك تالانتلىق

  • قادى بىكاچى3 كۈن ئىلگىرى

    توۋا دەيمەن ئۇيغۇرلا ئارسىدا ھىندىلانىڭ مەستانىلىرى كۆپكەن نەرى ياخشى ئۇلانىڭ كىنۇسىنىڭ لاۋزىلىقى تاينىيۇقلىقى بەزەن ئۇغاللا شارۇلخان مارۇلخان دىسە ئۈلۈپ بىردىكەن ئۆزىمىزنىڭ ئارتىسلىرنى ئاشۇنداق قۇللىغان بۇلساق ئاللىبۇرۇن ھۇللىۋۇد تا چاقنايتى

  • ARYAN3 كۈن ئىلگىرى

    مەن جۇشىڭچغا بەك ئامراق مەن ئۇنۇڭغا قايىل

  • ئۇماق مەلىكەم گ3 كۈن ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كومىدىيە ئارتىسلىرى بار ،ئەڭ قالتىسى جۇشىڭجى ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号