باش بەت

tayks

1010يوللانما
11مەستانە

ب د ت ئىنسانلارنىڭ خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 13:23 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە ئاخبارت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 5-دېكابىر ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىنسانلار سۇ ۋە تۇپراققا ئانتىبىئوتىكلار ۋە خىمىيەلىك ماددىلارنى تۆكىۋەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، تەبىئەت مۇھىتىدا بىر قەرەللىك بومبا شەكىللىنىۋاتىدۇ، دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، كىشىلەر تېخىمۇ چوڭ كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچار بولىدىكەن. بۇ دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن ئىكەن. 2014-يىللىق دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، 2050-يىلىغا بارغاندا تۇپراقتىكى ئانتىبىئوتىك ماددىلاردىن يۇقۇملىنىش ھەر يىلى 10 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ، ئۇ يۈرەك كېسىلى ۋە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دېيىلگەن.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئانتىبىئوتىكلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىلگەن. دورىلارنىڭ دورىغا چىداشلىقى ھازىر دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىن ئەتراپتىكى رايونلارغا كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئىنسانلار ئىشلىتىۋاتقان دورىلارغا تەسىر يەتكۈزمەكتە، شۇنداقلا نەچچە مىليونلىغان ھاياتلىق تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بۇ خىل دورىغا چىدامچانلىق ھەتتا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئانتىبىئوتىكنىمۇ كېرەكسىز قىلىۋېتەلەيدۇ. ئامېرىكىدىلا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 2 مىليون ئادەم ئانتىبىئوتىكلارغا چىداملىق باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 23 مىڭ ئادەم شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا يېزا ئىگىلىك ئانتىبىئوتىكلارنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنى قانداق تارقىتىدۇ؟ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىئوتىكلار ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكى ياكى سۈيىگە سېلىنىدۇ. ئەگەر بەك كۆپ بېرىۋەتسە، ئەتراپتىكى ئېتىزلار ۋە سۇ يوللىرىغا تارقىلىپ كېتىدۇ. زاۋۇتلار قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇلارمۇ ئانتىبىئوتىكلارنى تېخىمۇ كەڭ سۇ مەنبەسىگە قويۇپ بېرىپ، دورىغا چىداملىق ئانتىبىئوتىكلارنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھىندى دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى پېتىرۇس شەھىرىدە 90دىن ئارتۇق دورا ياساش شىركەتلىرى قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇنىڭ تەركىبىدە يېتەرلىك ئانتىبىئوتىك بولۇپ، 44 مىڭ ئادەمنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت مەسئۇلى Erik Solheimنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەر، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز ماددىلار قويۇپ بەرگەن ماددىلار، دەريالاردىكى چۆكمە ماددىلار ۋە تۇپراقتا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بايقىلىشى ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. بۇنداق ئەھۋال مۇقىم ھالدا دورىغا چىداملىق باكتېرىيەلەرنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

ئالىملار دورا ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئانتىبىئوتىكلارنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، شۇنداقلا ھايۋانلارغا ئانتىبىئوتىكلارنى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئانتىبىئوتىكلار بەزىدە كېسەل داۋالاشقا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. شەخسىي كۈتۈنۈش ۋە تازىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باكتېرىيە تەركىبىمۇ دۇنيا مىقياسىدا ئازايتىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇمۇ دورىغا چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ ئانتىبىئوتىكلارنىڭ يېزا ئىگىلىككە ئىشلىتىلمەي، پەقەت ئىنسانلارغىلا ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھازىرغا قەدەر، دورىغا چىدامچانلىقنىڭ خەتىرىنى توسۇش تىرىشچانلىقى پەقەت ئىنسانلارغىلا مەركەزلىشىپ كەلمەكتە، مەسىلەن ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈنمۇ ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىۋەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش دېگەندەك. بىراق يېزا ئىگىلىك ئانتىبىئوتىكلارنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى خەتىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان، بىراق سەل قارىلىپ كېلىۋاتقان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئزدەن3 كۈن ئىلگىرى

    شار ئۇمملىقتا ئزدنپقالدىممۇقاندا بۇبر چوڭساھە

  • ئزدەن3 كۈن ئىلگىرى

    خەتەر ھەرۋاقت با.مەسلەن خىلمۇخىل خەتەرلە كىرەكلىك تەدبىرلە باغۇ بوستان يشىلزارلىق مانا بۇ رىتسپ جانۇ جانلق خەققاراغا مەنپەتقىلدۇ ھەرقاندا بر بوشلۇقنى يېشىللاشتۇرۇش كىرەك قايتا قايتا مەنپەتى كۇرۇلدۇ ھەر قاندا بر زىيانلقنى قەتئى يوق قىلىش....سوزلەپ قالدىم ,,

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号