باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

ئەزەلدىن تاماشىبىنلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ باقمىغان چولپانلار

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 17:54 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چولپانلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى سانسىزلىغان مەستانىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا بولۇپ قالدى، مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن كىچىككىنە ئىشلارمۇ ۋاقتى كەلگەندە زور دەرىجىدە چوڭىيىپ كېتىدۇ، خۇددى لۇ خەننىڭ گۈەن شياۋتوڭ بىلەن مۇھھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغىنىدا زور دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغىغىنىغا ئوخشاش. چولپانلار بەزىدە ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ، لېكىن بەزىدە ئۇلارنىڭ كىچىككىنە خاتالىقىمۇ مەستانىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلار تەرىپىدىن گەپكە قالىدۇ.

لېكىن، تاماشا چەمبىرىكىدىكى بەزى چولپانلار ئەزەلدىن تاماشىبىنلار تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ باقمىغان. ئۇلار كىمدۇ؟ بىز بۈگۈن ئەزەلدىن تاماشىبىنلار تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ باقمىغان بەش چولپان بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

تاماشا چەمبىرىكىدىكى نامى چىققان كىبىرسىز چولپان خۇ گې، ئۇ ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، نۇرغۇن چولپانلار زىيارەت جەريانىدا بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئەزەلدىن فىلىم ئىشلەش ھەققىگە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ، پەقەت ياخشى روللارغا چىقىشنىلا ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىدىكى شاكىچىكتىن «چوڭام» غا ئايلانغۇچە خۇ گې زور بەدەل تۆلەيدۇ، ھەتتا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراش ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئازلا قالىدۇ، لېكىن يەنىلا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا ھازىرقى ئورنىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىلھام بولۇپ كەلگەن، ھازىرغىچە ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن قارلىنىپ تەنقىدلىنىپ باقمىغان.

گۇ تيەنلې تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئىنتايىن ئەخلاقلىق چولپان، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس، ئۆزىمۇ كېلىشكەن، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان. ئۈن-تۈنسىز خەير-ساخەۋەت قىلغۇچى دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا ھەممىمىز گۇ تيەنلېنى ئەسكە ئېلىشىمىز مۇمكىن، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن كىنو ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىشىغا ئەگىشىپلا، خەير-ساخەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان، ئۇ ھازىرغىچە يۈزگە يېقىن مەكتەپ قۇرۇپ بولدى، نۇرغۇنلىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى، تاراتقۇ ۋاستىلىرى ئاشكارىلىغىنىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇنىڭ دوستلىرىدىن باشقىلار گۇ تيەنلېنىڭ بۇنچە كاتتا ئىش-ئىزلىرىنى بىلمىگەن. ئۇنىڭ بۇنچە كۆپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتكەن.

خۇاڭ بونىڭ تاشقى قېياپىتى ئۇنچە كېلىشكەن ئەمەس، ھازىرقىدەك كېلىشكەن ئارتىسلار ئاساسلىق ئوبرازغا ئايلانغان تاماشا چەمبىرىكىدە، ھەتتا ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى پۇتلىكاشاڭغا ئايلانغان. لېكىن ئۇنىڭ تىرىشىشى بىلەن، بۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىككە ئايلانغان، ئۇنىڭ توختىماي تىرىشىشى ئاستىدا، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئارتىسلار قاتارىغا كىردى، ھەمدە بېلەت كىرىمى كاپالەتچىسىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ ھەربىر ئەسىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

جياڭ يىيەن تاماشىبىنلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى قەلبىدىكى قارىلالماسلىقى، تەنقىدلەنمەسلىكى كېرەك بولغان بىردىنبىر ئايال چولپان. ئۇنىڭ ياخشىلىقى يۈرىكىدىن چىققان، ئۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ھەر يىلى يىراق تاغلىق كەنتكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ، 10 نەچچە يىلدىن بېرى، جياڭ يىيەن بۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئۇ 2015-يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس» نىڭ نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

ليۇ دېخۇانىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئورنى ھەممەيلەنگە مەلۇم، كەسپداشلىرى، تاراتقۇلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئۇ ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك پېشقەدەم سەنئەتكار، ئۇنىڭ كەسپىي ساپاسى، ئادىمىيلىكى ھەممە ئادەمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. خىزمەتداشلىرىغا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولىدۇ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولسا ئۈن-تىنسىز كۈچ چىقىرىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ بۇ ساھەدە تۇرغىنىغا 30 يىل بولغان بولسىمۇ يەنىلا ھەممەيلەننىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 时光是我2 كۈن ئىلگىرى

    ليۇ دىخۇا قول قويمەن

  • ئايپەرى3 كۈن ئىلگىرى

    خۇگىغا مەن بەك ئامراق. ئۇنڭغا ئامەت يار بولسۇن.

  • .............3 كۈن ئىلگىرى

    ياخشىلىق ھەرگىز يەردە قالمايدۇ سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئشىڭلار كەلگۈسىدە چىچەكلەپ مىۋە بەرگۈسى ۋە شۇ يولنى بويلاپ ئزباسارلارمۇ يىتىشىپ چىققۇسى ،سىلەرگە بەخىت ئامەت سالامەتلىك تىلەيمەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号