باش بەت

ئادىلجان

7167يوللانما
76مەستانە

كالفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئەرمەك تاشپاقا كوكس بولۇپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 13:50 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى ۋېنتۇرا، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن شۇ جايدىكى كىشىلەر كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئەرمەك ھايۋاننىڭ جەسىتىنى تاپتى. 4-دېكابىر ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، كۈچلۈك بوراننىڭ تەسىرىدە ئوت تېز سۈرئەتتە يامرىدى. سۈرەتتە ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ۋېنتۇرا ناھىيەسىدىكى Kristi Reinhardt بىر ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدىن ئۆزىنىڭ ئەرمەك تاشپاقىسىنىڭ جەسىتىنى تاپتى. 

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدە ئوت غەرب يۆنىلىشىگە يۆتكەلگەن، ئوت 150-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنى بويلاپ ۋېنتۇرا ناھىيەسىگىچە سوزۇلغان. بۇ ئەڭ  ئەڭ چوڭ يانار تاغنىڭ كۆيۈش دائىرىسى ئىككى مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، 150 ئورۇندىكى قۇرۇلۇش كۆيۈپ كەتكەن، تەخمىنەن 27 مىڭ ئادەم جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. سۈرەتتە ۋېنتۇرا ناھىيەسىدىكى Kristi Reinhardtنىڭ ئەرمەك تاشپاقىسى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن. 

بۇ ئوت 4-دېكابىر كەچ تۇتاشقان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 85 كىلومېتىر كېلىدىغان كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدە ئوتنىڭ دائىرىسى شىددەت بىلەن كېڭەيگگن، 4-دېكابىر يېرىم كېچىدە تەخمىنەن 40 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيگەن. ئوت ئۆچۈرگۈچى تىك ئۇچار كۈچلۈك شامال سەۋەبلىك قونۇشقا مەجبۇر بولغان. سۈرەتتە Reinhardt ئائىلىسى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئۆز ئۆيىنىڭ خارابىسىدىن قالدۇق بۇيۇملارنى تاپتى.

5-دېكابىر سەھەردە كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئوت ئاپىتى ۋېنتۇرا ناھىيەسىگە يېقىنلاشقان، يەرلىك ھۆكۈمەت كونترول قىلىش تەدبىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئۆي-ماكانىنى تاشلاپ قېچىپ چىققان. سۈرەتتە بىر كىشى ئۆز ئۆيىنىڭ خارابىسىدا تۇرماقتا. 

بۇ يىل كالفورنىيە ئىشتاتىدا ئوت ئاپىتى ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇردى. 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي كالفورنىيە ئىشتاتىدا ئېغىر تاغ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 40 ئادەم ئۆلگەن، تەخمىنەن 5700 ئورۇندىكى قۇرۇلۇش كۆيۈپ كەتكەن. 9-ئايدا جەنۇبىي كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدە بۇ شەھەر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تاغ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 1400 ئاھالىگە تەھدىت پەيدا قىلغان. سۈرەتتە شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ۋېنتۇرا ناھىيەسىدىكى بىر تاغ باغرى، ئوت تېخىچە كۆيمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号