باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10789يوللانما
827مەستانە

ما يۈن: جاۋ ۋېينى 10 قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىسام نېمىشقا ئىككىمىزنى چېتىۋالىسىلەر؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:00 12 ئىنكاس چۈشتى

جىكې تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇنىڭدىن ئىلگىرى جاۋ ۋېي ئەر-ئايال بىلەن ما يۈننىڭ ئۆسەك سۆزلىرى بىر مەھەل تارقىلىپ يۈردى. 5-دېكابىر دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ما يۈن ۋۇجېندا شىنجىڭ گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئۇ: «مېنىڭ جاۋ ۋېي بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتىمىزنى ساناپ كەلسەم 10 قېتىمغىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئارىسىدا 5 قېتىم ئاممىۋى پائالىيەتلەردە كۆرۈشتۇق، بۇ ئىش ئالدىنقى مەزگىللەردە بەكرەك ئەۋج ئالدى. بىز خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن بىلدۇق، يەنە كېلىپ پولاتتەك پاكىت ئارقىسىغا بىرەيلەننىڭ مەشغۇلاتى ئارىلاشقان. بىرەيلەن ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، چوقۇم جاۋ ۋېي بىلەن ما يۈننىڭ بىرگە قاتناشقاندىكى سۈرىتى بولۇشى كېرەك، دېگەن».

«بەزىلەر مېنى چوقۇم جاۋ ۋېي بىلەن چېتىۋالىدۇ»

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى جاۋ ۋېي ئەر-ئايالغا مەمۇرىي جازا بەرگەندىن كېيىن، جاۋ ۋېينىڭ ما يۈن قاتارلىق سودا ساھەسىدىكى «چوڭاملار»نىڭ يېقىن دوست مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم تارتىپ چىقىلدى.

ما يۈننىڭ دېيىشىچە، ئۇ جاۋ ۋېي بىلەن كۆرۈشكەن قېتىم سانى 10غىمۇ يەتمەيدىكەن، يەنە كېلىپ، 5 قېتىم پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە بىرلىكتە قاتناشقان. جاۋ ۋېي ئاق قان كېسىلى پاراۋانلىق خىزمىتىنى، ما يۈن يېزا-بازارلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى پاراۋانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

«ھەيران قالىدىغىنىم، كىشىلەر نېمىشقا دائىم دېگۈدەك ئىككىمىزنىلا چېتىۋالىدۇ؟ بۇنىڭغا پەقەت ئەقلىم يەتمەيدۇ». «بىز خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، پولاتتەك پاكىتنىڭ ئارقىسىدا بىرەيلەننىڭ مەشغۇلات قىلغانلىقىنى بىلدۇق. بىرەيلەن ئېنىق قىلىپ، ما يۈن بىلەن جاۋ ۋېينىڭ سۈرىتىنى تەلەپ قىلغان.»، دېدى ما يۈن. ئۇ توردىكى بىر قىسىم خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن بۇنىڭ قانداق تارقالغانلىقىغا قىزىققان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىمىگەن. چۈنكى قانچە چۈشەندۈرگەنسېرى، شۇنچە گۇمانلىق بولىدۇ ئەمەسمۇ!

ما يۈننىڭ دېيىشىچە، بۇ سودا ساھە روھىنى قانداق چۈشىنىشكە بېرىپ چېتىلىدىكەن. ما يۈننىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت بىر بوۋاق، بىراق سانسىزلىغان ياشلارغا بولغان تەسىر كۈچى ھەتتا جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىنمۇ كۈچلۈك. «جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەقدىرى ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندى. ئەگەر كۆپچىلىك سودىدا رىقابەتلەشمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئىستراتېگىيە، تاكتىكا، تەكشۈرۈش، ئىجرا قىلىش كۈچى جەھەتتە بەسلىشىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ پاش قىلىش ۋە قارىلاشتا ئەمەس».

24-نويابىر، ئەلى بابا گۇروھى ئېلان قىلغان باياناتنامىدە، ئەلى بابا يېقىندا تەشكىللىك، پىلانلىق، كۆلەملىك پىتنە-ئىغۋا پەيدا قىلىش، جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەر بىلەن ئەلى باباغا ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاشتەك قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئۇچرىدى. بۇ ئەلى باباغىلا ئەمەس يەنە سودا ۋە تور مۇھىتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلدى، دېيىلدى.

ما يۈن: «مەن ئەلىغا ئېغىز جېڭى قىلماسلىقنى، ئەلىنى دەپ بۇ ئىشنى قىلماسلىقىنى ئېيتتىم، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ بىر مەسئۇلىيەت، بۇ بىر مەجبۇرىيەت، چوقۇم بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك»، دېدى. باشقىلار ناھايىتى ئاسانلا بۇنى ئىككى، ئۈچ شىركەتنىڭ رىقابىتى دەپ قارىۋالىدۇ، مەن بۇلارغا پەقەتلا قىزىقمايمەن، شۇڭا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدىم. بىز بىر مۇھىتقا موھتاج، سودا رىقابىتى دېگەن سودا رىقابىتى، سودا رىقابىتى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قارا چاپلاشقا ئايلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ما يۈن بىلەن جاۋ ۋېي بىللە پاراۋانلىق پائالىيتىگە قاتناشقان.

نەزىرىمىزنى 2013-يىل ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، ما يۈننىڭ تۇنجى قېتىم جاۋ ۋېي بىلەن بىللە يەل گۇمپىسى پىرى ۋاڭ لىننى يوقلىغانلىقىنى بىلىمىز.

يېرىم يىلدىن كېيىنكى 2014-يىل يانۋاردا، جاۋ ۋېي مىكرو بىلوگىغا ما يۈن بىلەن بىللە سىزغان رەسىمىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى نامايەن قىلدى. 

2014-يىل ئىيۇن، ما يۈن بىلەن جاۋ ۋېينىڭ يولدىشى خۇاڭ يوۋلۇڭ ئەلى بابا خېڭدا پاي قوشۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا جاۋ ۋېي ئەر-ئايال كاپىتال بازىرىغا قول سېلىپ، ئەلى كىنوچىلىقىغا پاي قوشۇپ، بۇنىڭ 2-چوڭ پايچېكىگە ئايلاندى. ئەينى ۋاقىتتا ئەلى كىنوچىلىقىغا پاي قوشۇش بىلەنلا، جاۋ ۋېي ئەر-ئايالنىڭ بايلىقى قىسىقا ۋاقىت ئىچىدىلا شىددەت بىلەن 4 مىليارد شياڭگاڭ پۇلى ئېىشىپ، ساپ پايدىسى 1 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا يەتتى.

جاۋ ۋېي بىلەن ما يۈننىڭ تونۇشىدىغانلىقىغا قارىتا، جاۋ ۋېي «يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ما يۈننى كۆزىتىش» (近观马云) ناملىق كىتابتا ما يۈن بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى تەپسلىي چۈشەندۈرمىگەن بولۇپ، پەقەتلا «ئاددىي تاماق ئولتۇرۇشى» دەپلا تۈگەتكەن.

شۇ سەۋەب بىزمۇ جاۋ ۋېي بىلەن ما يۈننىڭ كۆپ قېتىم پاراۋانلىق پائالىيتىگە قاتناشقانلىقىنى رەتلەپ چىقتۇق. 2014-يىل 17-ئىيۇن، ما يۈن خۇسۇسىي كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بىل گەيتىس ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە ساخاۋەتچى ۋە سودا باشلامچىلىرى قاتناشقاندا، جاۋ ۋېينىڭ يولدىشى خۇاڭ يوۋلۇڭمۇ بۇ سورۇنغا قاتناشقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • tor palwini3 كۈن ئىلگىرى

    سودا پىتنە ئىغۋا دەيدۇ

  • چۈجە خوراز3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ يەردىكى چېتىۋىلىش ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەت ئەمەس تورداشلار ، سودا ساھەسىدىكى چېتىۋىلىشنى دېمەكچى . جاۋۋىي ئەر ئايالنىڭ سودا ساھەسىدىكى بەزى قىلمىشلىرى قانۇنغا چېتىلىپ قالغاچقا مايۈنمۇ بۇنىڭ ئۆزىگە تەسىر بولىشىدىن ئەنسىرىگەن گەپ ، ياكى بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر جاۋۋىي ئەر ئايالنى تارتىپ چىقىرىش ئارقىلىق مايۈنگە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن ، چېتۋىلىش دەپ بولغۇچە نمىلەرنى ئويلاپ كېتىدىغانسىلەر

  • كەسپى ئىنكاسچى «تاتلىقجان»3 كۈن ئىلگىرى

    تورداشلار بۇ مايۈن باينىڭ ئايالى بارمۇ باللىرى بارمۇ

  • شاھزادە مەن3 كۈن ئىلگىرى

    ئادەتكى ئنسانلا رەسىم يوللاپ تارقاتسا گەپ يوق نىمىشكە تالانتلىق چولپان لارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپدىغاندۇ بۇخەق

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ توپ دەپ قويۇڭ ھا ھا

  • گۇلدۇرعالاپ3 كۈن ئىلگىرى

    بىر پۇتى با دەپتۇدە تەرجىمىسدە

  • شىرئەلى3 كۈن ئىلگىرى

    سىزنىڭ ئايالىڭىز تۇرسا مايۇنكا باشقا ئاياللار بېلەن 10 قېتىم كۈرشەپ يۈرسىڭىز سەت تۇرا

  • ئمام3 كۈن ئىلگىرى

    جاۋۋىي بارغانسىرى چىرايلىق بوپكىتىپتا قىرىمايدىغان ئايالكەن بۇ

  • ئابدۇللا بالا3 كۈن ئىلگىرى

    بەك قىززىق گەپ بۇ توپتا

  • 斯尔达西3 كۈن ئىلگىرى

    بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوقتە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号