باش بەت

zefer

726يوللانما
39مەستانە

كىرىمنىي جىلغىسىدىكى «تالادا قالغان» پەن-تېخنىكا سەرگەردانلىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 16:45 3 ئىنكاس چۈشتى

technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىرىمنىي جىلغىسى گۇگول، فەيىسبۇك ۋە ئالما قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ باش ئىشتابى جايلاشقان يەر، لېكىن ئۇنىڭ ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كوچىسى يەنە چېدىر ياكى كونا ئاپتوموبىللار بىلەنمۇ تولغان. يېقىندا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىر گۇرۇپپا سۈرەت ئارقىلىق بۇ يەردىكى سەرگەردانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ يەردىكى باي-نامراتلىق پەرقى ماكانسىز كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىۋەتتى.

كىرىمنىي جىلغىسىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ گۈللىنىشى يېڭى ئىقتىسادىي قاتلام «پەن-تېخنىكا سەرگەردانلىرى»نى شەكىللەندۈردى.

بۇ شەھەردە مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان كىشىلەر كۈندۈرى گۇگول، ئالما قاتارلىق شىركەتلەردە ئىشلەيدۇ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن چېدىر ياكى ئاپتوموبىلدا ئۇخلايدۇ.

پالو ئالتو مىھمانخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان تېس سالدانا مۇنداق دېدى: «بىز يەنىلا تاماق يىيىشكە مۇھتاج» سالدانا بالاغەتكە يەتكەن ئۈچ ئوغلى بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى سەيلە ئاپتوموبىلىدا تۇرىدۇ.

زور تۈركۈمدىكى تېخنىكلارنىڭ كىرىشى بىلەن ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان شەھەر قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ ئۆي قىسلىقى بىلەن تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

كالىفورنىيە خام چوت ۋە سىياسەت مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى كالىفورنىيەدە ياشايدىغان ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى يېرىمدىن ئارتۇق كىرىمىنى ئۆي ئىجارىسى بىلەن باشقا چىقىملارغا ئىشلەتكەن.

سان خوسېدەك شەھەرلەردە، ئايلىقچىلارنى مائاشى ئانچە يوقىرى ئەمەس، لېكىن ھەر ئايلىق ئۆي ئىجارىسى 3500 دوللارغا يېتىدۇ.

ئاپتوموبىلدا تۇرغاندا ئۆي ئىجارىسىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

بېنىتو ھېرناندېز ھويلا ۋە ئۆگزە لايىھىلىگۈچى، ئۇ ھەر ئايدا 1000 دوللارغا بىر راھەت ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىپ، خوتۇن-باللىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ھېرناندېز بىر ئائىلىلىك ئىجارە ئالغان ئۆيىدىن قوغلانغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۆي ئىجارىسى 3000 يۈەنگە يېقىن ئۆرلىگەن. «شۇندىن كىيىن مەن بارلىغىمدىن ئايرىلدىم.» دېدى 33 ياشلىق ھېرناندېز.

گەرچە ئېللان تارا جامېس رېننېر سان خوسې شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تولۇق ۋەزىپىلىك ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر ماكانسىزلار پاناھلىنىدىغان چېركاۋغا تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان ئاپتوموبىلدا تۇرىدۇ.

جامېس رېننېر مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە چېركاۋدا غىزالىنىدۇ.

ئاخشىمى، ئۇ كوچا چىراقلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس تەييارلايدۇ، ھەم ساياھەت ئاپتوموبىلىدا ئۇخلايدۇ.

ئامېرىكا يازغۇچىسى جون سىتېنبېكنى تۇنۇشتۇرىدىغان دەرستە، بەزى ئوقۇغۇچىلار ماكانسىزلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ زىرىككەنلىكىنى ئېيتقاندا، جامېس رېننېر «گەپ-سۆزۈڭگە دىققەت قىل، ئالدىڭدىلا بىر ماكانسىز كىشى بار.» دېگەن.

ئالبېرت بىروۋىن III بىر ئامانلىق قوغدىغۇچى، گەرچە ئۇنىڭ پۇتى يارىلانغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىشتىن قالمىدى. ئۇ پۈتۈن مائاشىنى ئىشلىتىپ ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرىدۇ (سائەتلىك مائاشى 16 دوللار).

بىروۋىن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئازابلىق تاللاش، مەن چوقۇم ماكانسىزلىق بىلەن پۇلسىزلىقنىڭ بىرىنى تاللىشىم كېرەك.» بىروۋىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىدا تۇراتتى، ھەزىر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، رېمۇنت ھەققىنى تۆلەۋاتىدۇ.

پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات Community Services Agencyنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تام مايېرسنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىشسىزلىق كىرېمنىي جىلغىسىدىكى ماكانسىزلىقنىڭ باش جىنايەتچىسى ئەمەس ئىكەن. «خەلقنىڭ يەنىلا خىزمىتى بار» دېدى ئۇ.

بۇ «دۇنيا پەن-تېخنىكا ئاستانىسى»دە خىزمىتى بولۇش راھەت تۇرمۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئمام3 كۈن ئىلگىرى

    ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى 4،

  • alone8863 كۈن ئىلگىرى

    شۇنچە چوڭ شىركەتلەر بولغاندىكىن خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشۇنى ياخشىلاپ بىرىشى كىرەكتە.

  • بىرسى3 كۈن ئىلگىرى

    مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号