باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

ئۇچىھا مادارا ئىنتايىن كۈچلۈك؟ بۇ ئالتە نىنجا ئۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل جەڭ قىلالايدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:45 21 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نىنجالار دۇنياسىدا مۇتلەق غەلبە قىلغۇچى يوق، لېكىن مۇتلەق كۈچلۈكلەر يەنىلا مەۋجۇت! ئۇچىھا مادارا بىر مۇتلەق ئەمەلىي كۈچگە ئىگە كۈچلۈك نىنجا. ئۇنىڭ كۈچى بىز كۆرگىنىمىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ «نارۇتو» دىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوبراز ئەمەس، «نارۇتو»دا بىر نەچچە ئوبراز مادارا بىلەن تىركىشەلەيدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئۇنى مەغلۇپ قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە. ئەمدى بىز ياپونىيە كارتون فىلىمى «نارۇتو» دىكى مادارا بىلەن قارشىلىشالايدىغان نىنجالار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

5. ئۇچىھا ئىتاچى

بەلكىم كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەر ئىتاچىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، لېكىن بىلىشىمىز كېرەككى، «نارۇتو» دا ئىتاچى ھەرگىزمۇ پۈتۈن كۈچىنى جارى قىلدۇرالىغان ئەمەس! تۆتىنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدا، ئىتاچى تېزلا ناگاتونى مەغلۇپ قىلىۋېتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاكاتسۇكىدا، پەقەت ئوبىتولا ئىتاچىنىڭ رەقىبى بولالايدۇ. ئىتاچى ناھايىتى كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچگە ۋە سوغۇققان تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەگەر ئۇ مادارا بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا، ئاسانلىقچە ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالمايدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن.

4. نامىكازې مىناتو

كونوخانىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى، نىنجالار دۇنياسىدا ئۇ «سېرىق رەڭلىك چاقماق» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، نارۇتونىڭ دادىسى. ئۇنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، رەقىبىدە مەۋجۇت بولغان يوچۇقنى تېزلا تېپىپ چىقالايدۇ، نىنجا ماھارىتى ئىجاد قىلىش، توققۇز قۇيرۇقنى پېچەتلەش، ئەگەر ئۇ ئۇنچە ياش ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا، نىنجا دۇنياسى چوقۇم باشقىچە بولغا بولاتتى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋرنى كىشىلەر پەقەت «ئۇنىڭغا تەۋە دەۋر» دېيىشكەن. بۇ سۆزنىڭ سالمىقى ئېغىر، مادارانى يېڭەلمەيدۇ دېيىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مادارا بىلەن 200-300 قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارالايدىغانلىقىدا گەپ يوق! ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەرگىزمۇ «نارۇتو» دىكى بىر نەچچە قېتىملىق جەڭدىكى ئىپادىسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

3. ئۇچىھا ئوبىتو

تۆتىنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدا، ئۇچىھا ئوبىتو بىلەن مادارا ئەڭ چوڭ BOSS سالاھىيىتىدە پەيدا بولىدۇ، ئۇ ئىزچىل مادارا بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن، گەرچە ئۇ مادارا تەرىپىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئوبىتونىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەرگىزمۇ مادارادىن قېلىشمايدۇ، ئۇنىڭ نىنجا ماھارىتى ياكى كۆزىنىڭ ئىقتىدارى بولسۇن، ماداراغا ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ، ئوبىتونى مادارانى يېڭەلەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

2. سېنجۇ ھاشىراما

كونوخا يېزىسىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى، ھەمدە مادارانىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى، ئۇلار ياش ۋاقتىدىلا تونۇشقا، ھەمدە بىرگە كونوخا يېزىسىنى قۇرۇپ چىققان، لېكىن مادارانىڭ تاللىغان يولى ھاشىراما بىلەن قارمۇ-قارشى بولغاچقا، ئۇلار يەنىلا رەقىبكە ئايلانغان. ئۇچىھا مادارانىڭ قەلبىدە ھاشىراما بولسا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان رەقىبى. ئۇلار كۆپ قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ، كۆپ قېتىم تەڭلىشىپ قالغان، لېكىن ھاشىرامانىڭ مادارانى مەغلۇپ قىلىشقا مۇتلەق كۈچى يېتىدۇ.

1. ئۇزۇماكى نارۇتو بىلەن ئۇچىھا ساسكې

بۇ تىزىملىككە قارىساقلا، ئۇچىھا جەمەتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك جەمەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز، ئەگەر نارۇتو بىلەن ساسكې بىرلەشسە، ئۇنداقتا بۇ گۇرۇپپا مادارانى ۋەيران قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تۆتىنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدا، نارۇتو بىلەن ساسكې بىرلىشىپ ماداراغا قارشى تۇرىدۇ، ھەمدە ئۇنى مەغلۇپ قىلىپلا قالماي، كاگۇيانىمۇ مەغلۇپ قىلىدۇ! ئۇلار ئاخىرىدا نىنجالار دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نىنجاغا ئايلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • dicos1 كۈن ئىلگىرى

    خۇلۇۋا سىز دىگەن مۇنبەردە سىزدىن بەكرەك كورگەن ، ئۇيەدىكىلەر كارتۇننى يىىزشىپ بەرگەنلەر ئەمەس ،شۇلامۇ بىزگە ئوخشاش ئىنكاسچىلار ، نىم دىسە ھە دەپ ئىشنىۋەرمەي ، كارتۇننىڭ ئوزدىكى مەزمۇنلارغا بەكرەك دىقەت قىپ قۇيۇڭ ،مادارانىڭ بۇرۇن ئۇرۇشىاندا رىنگان كوزى يوق دەپ كىتىپتۇق تەخە ، ئۇكوزمۇ مادارادا بار بوپمۇ يامىنى باتى ، ئۇنتۇپ قاپسىز مادارا ئۇكسىنىڭ كوزگە ئىگە بولغان ، بەك كوپ بىلەرمەنلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ،،

  • 181******471 كۈن ئىلگىرى

    دولقۇن سالۇنىدا تەرجىمە قىلىنىپ 134غا كەلدى ھازىر
    dolqun

  • بارسلىلونا2 كۈن ئىلگىرى

    mirzaمەنسىزنىڭ گىپىڭىزنى قوللايمەن مەنچە گاي بىلەن لى ئىككىسىنىمۇ بۇتىزىملىككە قىتىشكىرەك ھەممىمىز بۈلىمىز لى مۇگاينىڭ دەرىجىسىگەيىتەلەيدۇ

  • بارسلىلونا2 كۈن ئىلگىرى

    dicosئاغزىڭىزغا ناۋات كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلدىڭىز قايىل

  • خۇلۇۋا2 كۈن ئىلگىرى

    كارتوننى كۆرگەندە ئۇنىڭدا يەنىلا باشقا ياپۇن كارتونلىرىدا بار بولغان ئورتاقلىقنى ھېس قىلىپراق كۆرەيلى، بۇ كارتوندا ئىتاچى، مىناتو، ھاشىرامالار فىلىملەردىكى قەھرىمان ئوبرازلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا كۆپ مەستانىلەرگە ئىگە ئوبرازلار. شۇنداق ئىكەن سىنارىست بارلىق قەلەم كۈچىگە تايىنىپ ئۇلارنى قوغدىشى مەستانىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى چۈشۈرۋەتمەسلىك لازىم. شۇڭا بۇ ئۈچ ئوبرازنىڭ نۇمۇسقا قالغان كۆرۈنۈشلىرى يوق، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان كۆرۈنۈشلىرىمۇ يوق، ھەقىقىي كۈچىنى تولۇق چىقارغۇزمىغاننىڭ سەۋەبىمۇ مانا مۇشۇ.

  • خۇلۇۋا2 كۈن ئىلگىرى

    دىسكوز سەل ھېسسىياتىغا بېقىپ باھا بېرىپ قويۇپتۇ. ئانچە مۇنچە مەزكۇر كارتوننىڭ خەنچە مۇنبەرلىرىگە چىقىپ تەھلىللەرنى ئوقۇپ قويۇڭ. مادارانىڭ جەڭ قىلغاندا ئىشلىتىدىغان ۋاستىسى قەبىھ، پەسكەشلىك. ھاشىرامانىڭ چوڭ سۈپەت، كەمتەر. نېمە ئۈچۈن؟ مۇشۇنىڭغا قاراپلا كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا ھۆكۈم قىلامدۇق؟ مەيلى كارتون ياكى فىلىملەردە بولسۇن بۇ دېگەن سەلبىي ئوبراز بىلەن ئىجابىي ئوبرازنىڭ ئورتاق خاراكتىرى. مادارا كارتوندىكى سەلبىي ئوبراز. شۇڭا سەلبىي ئوبرازنىڭ سەلبىيلىكىگە لايىق شۇنداق ئەسكى خۇيلىرى بولىدۇ. ھاشىراما ئىجابىي ئوبراز، شۇڭا تەبىيئىكى كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ.
    مەن بۇ كارتوندا ئوبىتونىڭ مەستانىسى، ئۇنىڭدىن قالسا ھاشىراماغا ئامراق. بىراق ئىتراپ قىلىش كېرەككى، تۆتىنچى دۇنيا نىنجالار ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ماداراغا ھاشىراما ھەرگىز رەقىب بولالمايدۇ. ئەينى يىلى ھاشىراما مادارانى يەڭگەندىمۇ ئۇ مادارانىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىقتى. ئۇ چاغدا تېخى مادارادا رىنىگان كۆزمۇ يوقتى. قايتا تىرىلگەندىن كېيىن مادارادا رىنىگان كۆز بار بولدى، ئون قۇيرۇقنىمۇ كونتىرول قىلىۋالدى، يەنە تېخى ھاشىرامانىڭ كوزۇر ماھارەتلىرىنىمۇ ئوغۇرلىۋالدى. ئەھۋال مۇشۇ تۇرسا يەنە ھاشىرامانى يېڭەلمەيدۇ دەپ باھا بېرىش ئۆزىنى ئالدىغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    گەپنى بەكرەك ئوچۇق قىلغاندا ئىلگىرى ھاشىراما مادارانى كۆرۈنۈشتە يەڭگەن بولسىمۇ ھەقىقىي پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ رەقىبىدىن غالىپ كەلگىنى مادارا

  • mrzat945142 كۈن ئىلگىرى

    مايتوگاي قاپتۇ ئۇ سەكىكىزىنچى ئىشىكنى ئاچسا بەش نىنجا كەنتىنىڭ ئاتامانلىرنىڭ كۈچىنى 15قاتلايدۇ مادارا ئالتە چىكىت ئەۋلىيانىڭ كۈچىگە ئىرشمىگەن بولسا ئاللىبۇرۇن ئۆلەتتى

  • dicos2 كۈن ئىلگىرى

    خۇلۇۋا مادارانى بەك چوڭ كورەپ كەتكەن چىغى ،،، مەن ئازراق سوزلەي ، 1- مادارا ھەرگىزمۇ ھاشىرامانىڭ رەقىبى ئەمەس ھەرگىز يىڭەلمەيدۇ ، بۇندىن بۇرۇنقى جەڭلەردە ھاشىراما بەك يول قويغان ئولتۇردىغان ۋاخلاردىمۇ ئولتۇرمىگەن ، چۇنكى ھاشىمارا دوسلۇقنى قەدىرلەيدىغان بولغاچقا ئولتۇرۇشكە قىيمىغان چىدمىغان ۋاقىتلىرى بەك كوپ ، 2- سىز مادارانىڭ ھەممە كۇچىنى ھەممە ماھارىتىنى كوردىڭىز ھەقەچان ھاشىرامانىڭچۇ ياق بۇنىڭ ھەممە ماھىرىتىنى تولۇق جارى قۇلدۇرمىدى چۇنكى شۇ يىتەرلىك مادارغا شۇ يىتىپ ئاشدۇ شۇڭا ، 3- مادارا ئۇزىگە ئايان يىڭەلمەيدىغىنى كۇچى يەتمەيدىغىنى ئوزمۇ ھىسقىپ ،، ھەر ئاماللانى ئىشلىتىپمۇ يىڭەلمەي بىرىنجى قىتىم ئىلاھى ھۇجەيرىسنى ئوغۇرلىدى شۇ ئارقىلىق ھازىرقى ئۇرۇشى كوڭلىدىكىدەك بولدى ،،ئىكىنجى قىتىم ئىلاھى بەدەنگە رەسمى ئىرشىۋالدى ، چۇنكى بۇدا تىرىگەن ھاشىرامانىڭ كۇچى چەكلىك بوپ قالغان ،،، مىن ئويلايمەن ماداراغا پەقەت ماس كەلمىگەن ئوزگە ھاقارەتلىك ئىش ، چۇنكى ، شۇنچە كۇچلۇك ئىلاھى كوز شارىنگان تۇرۇپ ئوزنىڭ كۇچنى تىخىمۇ چۇچەيتمەي نىمىشقا ھاشىمارانىڭ كۇچگە ئىرشىۋالدۇ ، يىڭىش يىڭلىشش بۇرۇنلام ئارىلىپ بولغان ، دىيىلگەندەك بۇ كارتۇندا جىق نىنجالارنىڭ ماھارىتى باستۇرۋىتىلگەن چۇنكى مادارنىڭ پىلانى يوق بوپ كىتدۇ ،،،،ھەممىنى يىزىپ بوللامايدىكەممە قىتىرقىنىپ كورگەنلەر ئوزى چۇشنىدۇ ، مەن بۇ كارتۇننى كورگىلى 10 يىلدىن ئاشتى قانچە قىتىم قايتلاپ كورگىنىم ئىسىمدە يوق ، ئىشنىقىلىپ ھەرقانداق ئادەمدىن بەك چۇشنىمە .... يەنە بىر گەپ دىڭىز قاراقچىسىنىمۇ كورۇشكە تىگىشلىك كارتۇن ،

  • نارۇتو3 كۈن ئىلگىرى

    ھوبىتۇ ھەرگىز يىڭەممەيدۇ مادارا ھوبىتونىڭ گېلىدىن سىقىپ تاس قاغان ئۆلتۈرگىلى، يىڭىدۇ دىيىش ئەخمىقانىلىك ئىتاچى نىڭ يىڭىشىدا گەپ يۇق كاللىسى سەت ئىشلەيدۇ ئەمەسمۇ

  • kapsiz09033 كۈن ئىلگىرى

    ئىتاچى بىلەن مىناتونىڭ ئەمەلى كۈچى ئىنىق چىقىرىلمىغان بۇ كارتوندا، ھەي ئەسلى بىر چىقىرۋەتسە بولىتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号