باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

40 مىليون پىكسېل كامېرالىق خۇاۋېي P11 يانفونى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 16:51 14 ئىنكاس چۈشتى

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇاۋېي ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن لېيكا بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يانفوندا سۈرەتكە تارتىش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان خۇاۋېي Mate 10 Proنىڭ DxOMarkدىكى سۈرەتكە تارتىش نەتىجىسى 97گە يېتىپ، گۇگول Pixel 2 ۋە iPhone Xنىڭلا ئارقىدا تۇردى.

بۇندىن بۇرۇن ئاشكارىلانغان P11 Plus

ئىشىنىمىزكى P11 سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەيدۇ.

چەتئەلدىكى تونۇلغان ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى evleaksنىڭ تىۋىتتېردا بىلدۈرىشىچە، ئۇ بىر ئىجادىيەت ئاپپاراتىدىكى سەنئەتكار تورغا يوللىغان تەشۋىقات ماتېرىيالىدا، خۇاۋېي P11غا 40 مىليون پېكسىللىق كامىرا سەپلىنىدىغانلىقى ھەم 5 ھەسسىلىك ئارىلاشما فوكس تەڭشەشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئوخشاشلا لېيكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئۇندىن باشقا ئالدى كامېرا 24 مىليون پېكسىلغا ئۆستۈرىلىدىكەن، ئوخشاشلا لېيكا بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.

پېكسىلنىڭ ئۆستۈرۈلىشىدىن سىرت، evleaksنىڭ ئاشكارىلىشىچە، P11 «كېچە ئەندىزىسى Pro»نى كۈتىۋالىدىكەن، قاراڭغۇ كېچىدىمۇ %100 نۇرنى تۇتالايدىكەن. ئۇندىن باشقا AI ئىقتىدارى يانفوندا پەيدا بولۇپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىرىشىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى4 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ سىناقتا ئۇنداق بوغىنى بىلەن سامسۇڭ شىياۋمى غا يىتەممەيدۇ

  • ھەۋەسكار 55954 ئاي ئىلگىرى

    گىرسسىيە زەردارى دىگەن نۇرداش سىز ئالىپ تورىغا چىقىپ مەسلىھەت سوراڭ سۇئالىڭىز جاۋاپ سىز قالمايدۇ ئالىپ تورى it

  • خۇاۋىي4 ئاي ئىلگىرى

    نىمدا قىلدىغاندۇ بۇ خۇاۋېي چىقماي تۇرۇپ ئالغۇسىنى كەلتۈرۈپ،p11 ئەڭ ئىلغار ئەڭ كۆركەم يانفۇن بۇلۇپ قالغۇسى ،سىنى كۈتىمەن p11

  • Torres4 ئاي ئىلگىرى

    ئىليور تورداش بويەردە ياردەم سورىماي،دەرھال كەسپىي كومپىيوتىر ئوڭشايدىغاننىڭ يىنىغا ئاپىرىڭ،كومپىيوتىرنى قالايمىقان قىپ قوياپسىز...

  • Torres4 ئاي ئىلگىرى

    ما تىلفوننىڭ ئاپاراتى نىمەدەيدو ئەمدى........

  • نۇرداش4 ئاي ئىلگىرى

    سەزگۈ12123 ئوپپو ۋىۋو شۇ美颜بىلەنلا كۆزنى بۇيايدۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك سۈزۈك ئەمەس

  • @چېمپىيۇن@4 ئاي ئىلگىرى

    خۇاۋېي غا ئىشلەتكەن لېيكا كامىرا بوش ئەمەس سونىينىڭ كامىرالىرىدىن قېلىشمايدۇ ئوپپو ۋىۋو نىڭ كامىراسىنى مىڭ داڭلىغان بىلەن ھەر قېتىملىق كامىرا سىنىقىدا ئوپپو ۋىۋونىڭ قارسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ خۇاۋېينىڭ سەۋىيەسىگە يىتىدىغانغا خېلى ۋاقىت با تېخى

  • سەزگۈ123154 ئاي ئىلگىرى

    ئۇييۇ ،،ئوپپو نى ھەجەپ ماختايدۇ ،،فوتو يانفۇنى دەپ ،،ھەجەپ خۇاۋېي نىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەپتۇھا

  • تۆمۈر بېك فېلىپ لوئىس4 ئاي ئىلگىرى

    دوسلار رەنجمەي ماڭا ياردەم قىلساڭلار مەن كومپېيوتىرىمغا سېستىما قاچىلماقچى بولۇپ قاچىلسام قاچىلانمىدى ئاچچىقىمدا e.d دېسكا رايونىنى فورماتلاپ قويۇپ سېستىما قاچىلغانتىم، شۇنىڭ بىلەن سېستىما نورمال قاچىلاندى لېكىن دېسكا رايوندىكى مىكروفىلىم mtv لىرىم يۇيۇلۇپ كېتىپتۇ شۇنىڭدىن كىيىن يەنە ghost ھالتىگە قايتۇرۇپ بارلىق ماتېرىياللارنى 恢复 قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدىمدە يەنە سېستىما قاچىلاپ كومپىيوتىرىنى ياندۇردۇم دېگەندەك mtv لەرنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەپتۇ ئەمما 文件失败 دەپ mtv لەر قەتتي ئېچىلماي قويدى مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار قانداق قىلسام mtv لىرىم نورمال ئېچىلىدۇ؟؟

  • kapsiz09034 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تېلفۇن چىققۇچە بەلكىم چىلىن 980چىقا يا چىلىن 1000، ئىشقىپ خۇاۋېي تىخنىكا باشلامچىسى بوۋاتىدۇ جۇڭگۇدىكى يانفۇنلىرىغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号