باش بەت

zefer

726يوللانما
39مەستانە

بۇ بەش ماركا ئېلىمىز يانفون بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:10 19 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ ئۆزگىچە يانفون بازىرى، بۇ يەردىكى يانفون شىركەتلىرى چەتئەل بازارلىرىغا يۈرۈش قىلمىسىمۇ، ناھايىتى ئاسانلا دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ شىركەتلارنىڭ قاتارىغا كىرەلەيدۇ. بۇندىن باشقا ئىسمىنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان شىركەتلەرمۇ توساتتىنلا باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ. لېكىن بۇنداق ئەھۋال كەلگۈسىدە بارغانسېرى ئازىيىشى مۇمكىن، چۈنكى بازار تەتقىقاتى شىركىتى Kantar Worldpanelنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگودىكى سېلىتىش مىقدارى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بەش كارخانا بازارغا پۈتۈنلەي ھۆكۈمرانلىق قىلىپ بولغان.

Kantarنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3-پەسىلدە جۇڭگو بازىرىدىكى ئالدىنقى بەش ماركا خۇاۋېي، شياۋمى، ئالما، ۋىۋو ۋە ئوپپو بولغان، بۇ بەش كۈچلۈك ماركا ئاللىقاچان %91 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى بازار ئۈلۈشى %79 ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا جۇڭشىڭ، مېيزۇ ۋە ليەنشياڭ قاتارلىق ماركىلارنىڭ باش كۆتۈرمىكى تەسكە توختايدۇ، دۇنيا يانفون بازىرىنىڭ ھۆكۈمرانى سامسۇڭنىڭ جۇڭگودىكى بازار ئۈلۈشى بولسا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، ئاران %2.2گە چۈشۈپ قالغان. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى شۇكى، سامسۇڭنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتى يەنە داۋاملىق ئېغىرلىشىۋېتىپتۇ.

قىزىق يىرى شۇكى، بۇ بەش ماگناتنىڭ جۇڭگودىكى غەلىبە قازىنىش يوللىرى ئۆزگىچە ئىكەن. ئوپپو بىلەن ۋىۋو كەڭ يېزا-قىشلاقلارنى تاللاپ، زور مىقداردىكى دۇكانلىرىنى ئەشيا تورى قاپلىمىغان جايلارغا كېڭەيتكەن. گەرچە شياۋمىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا توردا يانفون سېتىش ئۇستىسى. ئەلۋەتتە شياۋمىنىڭ بۇ قېتىمقى ئېشىشى ئاساسلىقى تور ئىچى سىرتىدىكى بازارنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. خۇاۋېي شەھەردىكى بازارلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار ئابۇنتلار توپىدا باشلامچى ماركا ئوبرازىنى تىكلەپ بولدى. ئالما ئىزچىل ئالىي يانفون ماركىسى نامىنى ساقلاپ كەلدى، iPhone X كېيىنكى پەسىلدە ئالمىنى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ھېلىھەم جۇڭگودىكى نۇرغۇن ياش ئابۇنتلار ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ماركا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەۋھەر2 كۈن ئىلگىرى

    يەنىلا ئالما تىلفۇن نوچى

  • 155******152 كۈن ئىلگىرى

    ھەي ئىشقىلىپ تىلفۇنۇم بۇزۇلدى، يېڭىدىن بىرنى ئالسام بولغىدەك

  • زىدانى52 كۈن ئىلگىرى

    دۆلىتىمىز يانفۇنلىرنىڭ سەركىسى يەنىلا خۇئاۋېي
    لىكىن بەكرەك بازار تېپۋاتقىنى ۋېۋو ئوپپو بۇپ قالدى،
    مىنىڭ تاللايدىغىنىم خۇئاۋېي

  • ھەۋەسكار 55952 كۈن ئىلگىرى

    قۇيۇڭلار شىياۋمى نى نۇر تورىدا شىياۋمى نى بەك ماختاپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن شۇۋاقىتتىكى شىياۋمىنىڭ بايراقدار يانفۇننى شىياۋمى5s نى 1999سومغا ئالدىم قىتۋالغان بارماق ئىزى تۇنىمىغان بەك تويدۇم سىتىۋىتىپ خۇاۋېي ئالغان بەكمۇ رازى قىلدى خۇاۋېي ئىسىل ئىشلەتسەڭلا بەك رازى قىلدۇ

  • زەكەرىيا2 كۈن ئىلگىرى

    155******15 نۇرداش ، 4c غا miui 9.0 نى قاچىلغىنىڭىز راسلا قاملاشماپتۇ ، چۈنكى ئۇ تىلفۇننىڭ 处理器 سى miui 9.0 نى سۆرىيەلمەيدۇ ، قاچىلانغان تەقدىردىمۇ قېتىۋالىدۇ ، ئاندىن شىياۋمى تىلفۇننىڭ سېستىمىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قوللىمايدۇ .

  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى3 كۈن ئىلگىرى

    ئۆزەمنى مىسال ئالاي شاۋمى ئەزەلدى بولمايدۇ شاۋمى 3,4,5 لەرنىڭ ھەممىنى تۇتقان راس لىكىن ھازىز vivox20plas تۇتىمەن شاۋمى قاسۇن بىر يەلەردە ئەبجەك شاۋمى كا لىشىپ تېخى

  • ئۈمۈدۋار 0073 كۈن ئىلگىرى

    شىياۋمى 5x قانداقراق چىقىدۇ تۇكىنىڭ يىتىشىچۇ مەن ئالاي دىگەن ياكى 64g سىغىمدىكى باھاسى ئوخشاش ياخشىراق تىلىفۇن تەۋسىيە قىلساڭلار

  • چىمپىيۇن3 كۈن ئىلگىرى

    شىياۋمى 3 4c نىڭ ئېكرانى راستىنلا بەك نازۇك ئازراقلا دەز كەتسە ئىشلىمەيدۇ مەن بۇنىڭغا ئىقرار مەنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققان مەن ھازىر شىياۋمى مەكىس2 ئىشلىتۋاتىمەن قۇلۇمدىن 2قېتىم چۈشۈپ كەتتى ئېكراننىڭ ئوتتۇرغىچە دەزلەپ كەتتى لىكىن نورمال ئىشلەيدۇ ھازىرچە مۇشۇنداق ئىشلىتىپ تۇرۇپ شىياۋمى7 چىققاندا بىراقلا ئالماشتۇرمەن شۇڭا شىياۋمى نىڭ ئېكرانى ئانداق مانداق دەيدىغانلا يېڭى چىققان بايراقدار يانفونلارنى ئىشلىتىپ بېقىپ ئاندىن گەپقىلىڭلار ئەجىبا ئوپپو ۋىۋونىڭ ئېكرانى قەتىتيلا چېقىلمايدىغان ئالماستىن پولاتتىن ئىشلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ

  • باھادىر3 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ ئىشلىتىدىغانلا يەنە شۆلگىيڭىزنى چاچرىتامسىز

  • Only Love3 كۈن ئىلگىرى

    对方正在输入....ناملىق نۇرداش سىز قاچانقى گەپنى قىلىدىغانسىز ، مىنىڭ قۇلۇمدىكى شىياۋمى يانفۇننىڭمۇ ئېكرانى چېقىق لىكىن ساپساق ئىشلەيدۇ ، بەش يىل بۇرۇنقى گەپنى قىلماي ، ھازىر شىياۋمىنىڭ تىلفۇنلىرى ياخشى، قىززىمايدۇ ، چىدامچانلىقى خېلى يۇقىرى ، بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号