باش بەت

ئادىلجان

7167يوللانما
76مەستانە

ئاۋىستىرالىيەلىك ئايال ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى پەرۋانىنى بايقىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 16:47 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مىلانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاۋستىرالىيەدىكى ھەرقانداق غەلىتە ياۋايى جانلىقلاردىن قورقمايدىكەن، ئۇ ئادەمنى قورقۇتىدىغان يوغان ھايۋانلار بىلەنمۇ «دوست بولۇش»نى خالايدىكەن. يېقىندا مىلانى شاۋىن بىلەن كېتىۋېتىپ كوچىدا ئۆزى «قاتىل پەرۋانە» دەپ ئاتىۋالغان بىر پەرۋانىنى بايقىغان، بۇ پەرۋانىنىڭ رازمېرى چوڭ ئادەملەرنىڭ ئالقىنىچىلىك كېلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ يوغان گەۋدىسى ۋە قاناتلىرى بەكلا گۈزەل، ئەمما شاۋىن بۇنىڭدىن بەكلا قورقىدۇ.»

بىر يىل ئىلگىرى مىلانى بىر چوڭ ئالا دۆنىڭ تام پاتمىچۇقىنى يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ھەمدە ئۇنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان. مىلانى ئۆزىنىڭ ھاشارەتلەر بىلەن بىرخىل ئۆزگىچە باغلىنىشى بارلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ پەرۋانىنى كۆرۈپ باقمىغان، توردىن ئىزدەپ سۈرىتىنى بىر تەتقىقاتچى دوستۇمغا ئەۋەتىپ بەردىم، ئەمما ئۇمۇ كونكرېت ئۇچۇرنى بىلمەيدىكەن. بۇ بەك غەلىتە ئىش، بەلكىم مەن يېڭى تۈرنى بايقىغان بولۇشۇ مۇمكىن.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • Torres3 كۈن ئىلگىرى

    مىنى خەۋە............................

  • تۇرپان ئاستانەلىك3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ھاشارەت بىزنىڭ بۇيەردىكى بۇيۇنتۇرۇققا ئۇخشايدىغۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号