باش بەت

گۈل بەرگى

266يوللانما
15مەستانە

يولدىشى بىلەن ئاجرىشىش يولىدا ھالسىزلانغان خې جيې باش كۆتۈرمەكتە

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:22 2 ئىنكاس چۈشتى

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەينى يىللىرى خې زىمىڭ تاماشا ساھەسىدە نامىمۇ يوق بىر تىكەن ئىدى، رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىتاتىرلىرىدىمۇ پەقەت نەچچە مىنۇتقا بارمايدىغان ئۇششاق روللارغا چىقاتتى. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا نامى چىقتى، ئەمما، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس خې جيې بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن نامى چىقتى.

«نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دەپ بۇ خې ئەپەندىم نىكاھىنى قەدىرلىمەي داۋاملىق ئۈژمە كۆڭۈللۈك قىلىپ يۈردى، خې جيې قىزىنى يەڭگىپ تۇرۇشىغىلا ئۇ تېلېۋىزوردا خې جيېنىڭ ئەيىبىنى ئاچتى. ئۇ تېخى مىكرو بىلوگدا خې جيېنى ماڭا «ئائىلە زوراۋانلىقى» قىلدى دەپ يازدى، شۇ بەستىگە خې جيېدىن تاياق يېگەن بولسا بۇ «داشقال» ئەرگە دەيدىغان ئارتۇقمۇ گەپ يوق ئەمدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى خې جيېنىڭ ئەينى يىللاردىكى نامى سۇسلاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خې زىمىڭ بىلەن بولغان ئاجرىشىش دەۋاسى ئۇنى چارچىتىۋەتتى، بىر تەرەپتىن ئىككى بالىنى بېقىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يولدىشى بىلەن ماجرالىشىپ ئۇمۇ قاتتىق ھالسىزلاندى.

ئەمما نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇقلىدى.

ئۇنىڭ بىر بالىسىنى كۆتۈرۈپ، بىر بالىسىنى يېتىلەپ ماڭغان بۇ تۇرقى كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ.

بۇ يىل خې جيې 3 ياشلىق ئوغلى بىلەن «سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان ئانا» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، مەستانىلىرى شىددەت بىلەن ئاشتى.

3 ياشلىق يىگىت ئىنتايىن كۆيۈمچان بولۇپ، كىچىك تۇرۇپلا شۇنداق قەيسەر كۆرۈنەتتى. بۇ ئانا-بالا نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرگە ئېرىشتى.

خې جيېنىڭ ھازىر قايتىدىن باش كۆتۈرۈش يولى ئىنتايىن راۋان بولماقتا، ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، پىلاستىنكا چىقىرىش، پىروگراممىلارغا قاتنىشىش ھەممىسى ئۇ تاماشا ساھەسىگە يېڭى قەدەم قويغان ۋاقتىدىكىدەك ئوڭۇشلۇق. بۇ قەيسەر ئانىنىڭ قايتىدىن باش كۆتىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • فىروزە3 كۈن ئىلگىرى

    خې جېيىنىڭ بۇنداقمۇ كەچۈرمىشى باركەندە،مەن تېخى ئۇنى توي قىلمىغان قىزمىكىن دەپتىكەنمەن

  • دىلبەر دل3 كۈن ئىلگىرى

    غەيرەت قىلىڭ چۇلپان سىزگە ئامەت ياربۇلسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号