باش بەت

كىنوچى

154يوللانما
57مەستانە

خىيۇج جەكمەن قايتىدىن «پولات بۆرە» نىڭ رولىنى ئېلىشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 17:10 23 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنى ياقتۇرىدىغان تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن، بۇ بىر ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئۇچۇر، چۈنكى دېسىنىي ئەڭ كېچىككەندە كېلەر ھەپتە 20-ئەسىر فوكسنى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلايدۇ! بۇنداق بولغاندا، X جەڭچى يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقى دېسنىينىڭ قولىغا ئۆتىدۇ، X جەڭچىنىڭ فىلىم كائىناتى ئەمدى مارۋېل فىلىم كائىناتى بىلەن بىرىكىدۇ.

مارۋېلنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىلگىرى قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىن كېيىن، مارۋېل فىلىم كائىناتىنىڭ پاراللېل ئالەم بوشلۇقى دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، X جەڭچى ئوبرازلىرىمۇ مارۋېلنىڭ بۇ پاراللېل ئالەم بوشلۇقىغا كىرىشى مۇمكىن.

ئۇندىن باشقا، ئەگەر دېسنىي خالىسىلا، ئۆلۈك نەۋكەر بىلەن ئۆمۈچۈك پالۋان بىر فىلىمدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۇچۇر!

ئەلۋەتتە، تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر ئۇچۇر بار، بۇ پولات بۆرىنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن. يېقىندا «پولات بۆرە» خىيۇج جەكمەن: «ئەگەر پولات بۆرە مارۋېل كائىناتىغا كىرسە، ئۇنداقتا يەنە بىر قېتىم پولات بۆرىنىڭ رولىنى ئېلىشنى خالايمەن»، دېگەن.

ئۇ يەنە: «شەخسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەن كىچىك روبېرت دوۋنېي رول ئالغان پولات پالۋان بىلەن ئۇرۇشۇپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېگەن.

نۇرغۇنلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە، خىيۇج جەكمەن پولات بۆرىگە، دوۋنېي بولسا پولات پالۋانغان تەۋە. بۇ ئىككەيلەن ئەگەر راستىنلا دېسنىي قوللىشى بىلەن بىر فىلىمدا رول ئالسا، ئۇنداقتا بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

پولات بۆرە بىلەن پولات پالۋان ئۇرۇشۇپ قالسا، سىز كىمنى قوللايسىز؟ سىزچە كىم يېڭىپ چىقىدۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • Co ol2 كۈن ئىلگىرى

    پولات بۆرىنىڭ تىرنىقىنىڭ قاندا ماددا ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ، بولدى گەپ تامام،

  • ئاسىيا يىلپىزى2 كۈن ئىلگىرى

    بۇنداق فىلىملەردە يېڭىش يىڭىلىش ئاساسىي جەھەتتىن بولمايدۇ ، باش پىرسۇناژ دەپ ئارتىسلار دەرىجىگە بۆلۈنمەيدۇ ، ۋەقەلىك ئادىل بىربىرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن مەستانىلىرى بار ، شۇڭا مەستانىلەرنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەسلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .

  • ئېكىس3 كۈن ئىلگىرى

    پولات پالۋان پولات بۆرىنىڭ پۇتىدىن تۇتۇپ ئاسمانغا ئەپچىقىۋاتقان چاغدا، پولات بۆرە كېرىلىپ ئەسنەپ شېرىن ئۇيقۇغا كىتىدۇ دەيدۇ....

  • ☜گۇزەلىم♡3 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي پولات پالۋاننىڭ كىيىمدىن باشقا ھىچنىمە يوق يىڭىلىپ قالدۇ

  • بىرنىمە دېمەك تەس3 كۈن ئىلگىرى

    ئىككىلىسى ئۆلمىسىە بولاتتىغۇ

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى3 كۈن ئىلگىرى

    پولات پالۋان يوغان ساۋۇتىنى كىيىپ يېشىل ئادەمنى سۆرىگەندەك سۆرەپ ، ئۈستۈرۈپ سۇۋاپ ۋاراسلىتىپ تۆۋەن ئۇچسا ئاندىن ئاسماننىڭ قەھرىدىن تاشلىسا ، يانار تاغنىڭ ئىچىگە تاشلىسا

  • ئەكبەر 12153 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە پولات بۆرە يىڭەمىكىن ئۇتكۇر تىرنىقى بوغانكىن

  • ئۈزۈمچى3 كۈن ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە پۇلات بۆرە يىڭىدۇ…………………………

  • سەتىراچ3 كۈن ئىلگىرى

    پولاتچاننى ئاسمانغا پۇتىدىن تۇتۇپ ئەپ چىقىپ يانار تاغنىڭ ئىچىگە بىر تاشلايدۇ ،،، ئاندىن تىرنىقىڭدا تاغنى تەش دەيدۇ ،،، مانا كىم ياڭىدىكەن باللا ،

  • ئۆزھايات3 كۈن ئىلگىرى

    پولات بۆرە يىڭىدۇ ھەي باللا ئۇنىڭ تىز ئەسلىگە كىلىش ئىختىدارى بار، تىزلام پولات پالۋاننى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号