باش بەت

tayks

1010يوللانما
11مەستانە

12 يىلغا سوزۇلغان ئاجرىشىش دېلوسىغا ئاخىرى ھۆكۈم چىقىرىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 17:10 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12 يىل ۋاقىت، 35 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى كەتكەن ئاۋسترالىيەلىك بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئاجرىشىش دېلوسى ئاخىرى ھەل بولدى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2006-يىلى ئاجراشقاندىن بۇيان، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ جېدىلى ئۈزۈلمىگەن. ئۆتكەن ئايدا، ئائىلە ئىشلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى Paul Cronin ئاخىرى بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئاجرىشىش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقارغان. بىراق ستراھان خانىم يەنە سوتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ھۆكۈمنى قايتىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ستراھان خانىم 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا سابىق يولدىشى بىلەن تونۇشقان ۋە 1994-يىلى توي قىلغان. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك مال-مۈلۈك تالىشىش كۈرىشىدە، ئۇ ئوخشىمىغان 15 شىركەتنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنى تەكلىپ قىلغان. ستراھان خانىم ئىلگىرى يولدىشىدىن جورىسىنى بېقىش ھەققى ئۈچۈن 278 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 70 مىڭ 760 ئاۋسترالىيە دوللىرىنى بېكىنىۋېلىش كېسىلى بولۇپ قالغان قۇرامىغا يەتكەن ئوغلىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

2005-يىلى ئىككەيلەن ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ستراھان ئەپەندى ستراھان خانىمغا 7 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى بەرگەن، بۇ پۇل ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئوغلىغا قاراش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

سودىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستراھان ئەپەندى ئاسىيا ۋە ئاۋستىرالىيە قىتئەسىدىكى ھەر قايسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چوڭ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە 90 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى كىرىم قىلالايدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاجرىشىش دېلوسىدا ستراھان ئەپەندى 38 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى پۇل ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى ياغاچ ئۆيگە ئېرىشكەن. ستراھان خانىم بولسا 5 جايدىكى مال-مۈلۈك ۋە نەق پۇل تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەن، ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ستراھان خانىم يەنە 13 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى تاپشۇرۇۋالغان. (1 ئاۋستىرالىيە دوللىرى=5 يۈەن خەلق پۇلى )

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号