باش بەت

ئادىلجان

7167يوللانما
76مەستانە

ئىستۇدېنت توردىن ئالغان 9000 قەرز 130 مىڭ بولۇپ قالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 17:22 7 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۆۋەتتە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قولى قىسقا بولۇپ قالغان ۋاقىتتا «رەسمىيىتى ئاددىي»، «ئۆسۈمى تۆۋەن» بولغان بىر خىل قەرز ئېلىش شەكلى، يەنى مەكتەپ ئىچى تور قەرزىنى تاللايدۇ. ئەمما دەل مۇشۇنداق قەرز ئېلىش ئۇسۇلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى چىقالماس پاتقاققا پاتۇرۇپ قويماقتا. 20 ياشلىق شياۋلىن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ھازىر كىچىكلا تۇرۇپ 130 مىڭ يۈەنلىك قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. 

شياۋلىن ئىستېمال قەرزىنى ئىشلىتىپ جەمئىي 9000 يۈەن قەرز ئالغان، ئۇنداقتا بۇ پۇل قانداق قىلىپ 130 مىڭ يۈەنگە كۆپىيىپ قالدى؟

شياۋلىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى ناچار بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن يانفون ۋە كومپيۇتېر ئالغۇسى كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزى مۇستەقىل قەرز ئالغان. ئۇنداقتا شياۋلىن بۇ تور قەرز سۇپىسىغا قانداق قىلىپ يولۇقۇپ قالدى؟

تور قەرز سۇپىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توپ ئۇچۇر يوللاپ، ئاخىرىدا مەكتەپ ئىچى تور قەرزىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇنداقتا مەكتەپ ئىچى قەرزى قانداق قايتۇرۇلىدۇ؟

شياۋلىن توختىماستىن ئۆرلەۋاتقان ئۆسۈم ئالدىدا ھېچ ئامال قىلالماي بۇ ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى. 

قايتۇرۇپ بولالمىغۇدەك قەرز شياۋلىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر بېسىم بولدى. ئەمما ئويلىمىغان ئىشلار تېخى كەينىدە...

مەكتەپ ئىچى قەرز سۇپىسىنىڭ «يىلىك شورايدىغان» جازانىخورلۇقى شياۋلىن ئائىلىسىدىكىلەرنى قاتتىق غەزەبلەندۈردى. ئۇلار تور قەرز سۇپىسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىنى تاپتى. 

بۇ قانداقمۇ مەكتەپ ئىچى قەرزى بولسۇن، مەكتەپ ئىچى ئاپىتىغۇ بۇ. ئەمەلىيەتتە شياۋلىنغا ئوخشاش مەكتەپ ئىچى قەرزى پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ بولۇپ، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار يالىڭاچ سۈرىتىنى قەرز رەنىسى قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىپ قەرزدىن قۇتۇلغان.

2016-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن مەكتەپ ئىچى ناچار تور قەرزىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەكتەپ ئىچى قەرزى بېرىش چەكلىنىدۇ، ھەرقانداق تور قەرز ئورۇنلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرز تارقىتىشىغا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سالمان.3 كۈن ئىلگىرى

    شۇ شۇ مۇغۇ ئشنى ھەل قىساق بولتى ،سەت كۈلگەن چىراي ئپادىسى

  • كۈلەڭگۈ3 كۈن ئىلگىرى

    تور ھايانكەشلىرىنى قاتتىق جازالاش كىرەك،قىلچىمۇ رەھىم قىىشقا بولمايدۇ

  • لازىجان3 كۈن ئىلگىرى

    يەنە بىر ئىش، دەيكۈەنگە قەتئىي تېلىفۇن ئالماڭلا. ئۇلار قەرزنى بانكىدىن بىرىپ دەيكۈەن قىلمىز دەيدىكەن. ئەمەليەتتە يۇقۇرى ئۈسۈملۈك قەرز شىركەتلىرىگە تىزىملاپ بىردىكەن. دوستۇم ئاماڭلا دېسەم ئۇنىماي 1400 گە دەيكۈن قىپ مىيزۇ ئېلىپ چىققان، ئۇ پۇل 2300 يۈەن بوپ قالدى. دەسلەپ 4 ئايغىچە 192 يۈەندىن تۈلەپ 4 ئايدىن كىيىن ھەممىنى بىرۋىتىپ قۇتۇلساڭلا بولىدۇ دېگەن، مانا ئەمدى ھەممە پۇلنى ئالدىن بىرۋىتىمە دېسىمۇ ئۇنمىدى. بىر يىلغىچە مەجبۇر تۈلەيدىكەن. ئاغىنەم ئاچچىقىدا ئۇ تېلىفۇننىمۇ دەسسەپ چېقىۋەتتى.

  • توغراق،شاھى3 كۈن ئىلگىرى

    بالىلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقوش خىراجىتىنى ئىمكان بار تولوق ۋاختىدا بىرىش كىرەك تاماقتىن پارچە خىراجەتتىن قىسىلىپ قالسا ئوقوشقا كۆڭۇل بۇلەلمەي قالىدو ھاراق تاماكا كۆڭۇل ئرچىش دىگەنلەرگە كىرمىسون .بايۋەچچىلىك قىلمىسون .ئوقوش ئوقوش يەنە ئوقوش ياخشى ئوقوسىڭىز سىز تەلمۇرگەن،ماددى نەرسىلەر يېقىن كەلگۇسىدە ئېھتىياجىڭىزدىن جەزمەن چىقىدو.

  • 斯尔达西3 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە ھەممىنى پاتۇرۇپ ئالسا بۇلۇدۇ، ئۇقۇغۇچىلار نىمە قىلىدۇ ئۇقۇشىنى ئۇقۇماي قەرىز ئېلىپ. توردىكى قەرىز ئالدامچىلىقىنى چوڭ كىچىك ھەممە بىلىدىغان تۇرسا. ھەممە زەپ يەنە شۇ بىچارە ئاتا ئانىسىغا بۇلۇدۇ دە ھەي،،،،،،،، ي.

  • Muzepper3 كۈن ئىلگىرى

    ئالغان قەرىزنىلا تۆلىسىڭىز بولىدۇ. قانۇندا ئۇنداق كۆپ ئۆسۈمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  • 159******973 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا قانداق قىلسا بولدۇ ئۆسۇمىنىمۇ قايتۇرۇش كىرەكمۇ ياكى بۇرۇنقىسىنىلا قايتۇرامدۇ بىلدىغانلار بولسا مەسلىھەت بىرسەڭلا رەھمەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号