باش بەت

tayks

1010يوللانما
11مەستانە

شوپۇرلارنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشتىكى ئاجايىپ باھانىلىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:45 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى، ئاۋسترالىيەلىك بىر شوپۇر سۈرئەت چەكلىنىدىغان رايوندا سائىتىگە 20 كىلومېتىر ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىدى. بىراق ئۇنىڭ ساقچىغا كۆرسەتكەن سەۋەبى كىشىنىڭ پەقەتلا كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى شەرقىي ئاۋسترالىيە Mandurah رايونىدا ساقچى تەرەپ بىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرنى تۇتقان بولۇپ، بۇ ئەر سۈرئىتى 60 كىلومېتىردا چەكلىنىدىغان رايوندا سائىتىگە 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يول يۈرگەن، كېيىن ئۇنىڭغا يەنە 400 ئاۋسترالىيە دوللىرى جەرىمانە قويۇلغان. بىراق ساقچى تەرەپ سوراق قىلغاندا، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىتىنىڭ تىرنىقىنى ياساتقىلى ماڭغانلىقىنى، بولمىسا كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كېيىن قاتناش ساقچىلىرى Twitterدا بۇ جەرىمانە تالونىنى ھەمبەھىرلىگەن، شۇنداقلا «بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ قالتىس باھانە، سەيشەنبە كۈنى» دەپ يېزىپ قويغان. بىراق بۇ ۋەقەدىكى شوپۇرنىڭ بىمەنە باھانىسى ئۇنى جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا 3 نومۇر تارتىلغان.

بۇ يىل 9-ئايدا ساقچى تەرەپ Twitterدا يەنە باشقا بىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرنىڭ غەلىتە چۈشەندۈرۈشىنى ھەمبەھىرلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا Pithara بازىرىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى سائىتىگە 97 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن. ساقچى تەرەپ سوراق قىلغاندا ئۇ راستچىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ھاجىتى قىستاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنە بىر ئەر سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكىگە ناھايىتى ئىجادىيلىققا ئىگە باھانە كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: يېقىلغۇ تۈگەي دېدى، شۇڭلاشقا مەنزىلگە تېزراق يېتىپ باراي دېگەنىدىم.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号