باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10789يوللانما
827مەستانە

يىگىت «گۈل» ئارىسىغا چار پاقا قىستۇرۇپ قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:10 12 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپلىگەن ياشلار توي تەكلىپى قويىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا، قىزلار يەنىلا رومانتىك توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمى بولسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەت يىگىتلەرنىڭ قىزلارنى قوغلىشىشتىكى تاماق يېيىش، كىنو كۆرۈش، غەزەلخانىغا بېرىش، قاۋاقخانا، شادلىق باغچىسى قاتارلىق سورۇنلارغا بېرىشتەك نورمال ۋاستىلىرىنى ئەزەلدىن ئۆزگەرتىپ باقمىدى. مەيلى قىز بالىنى تاماق يېيىشكە چاقىرىشتا بولسۇن ياكى توي تەكلىپى قويۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە يىگىتنىڭ تەشەببۇسكار بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قېنى بىز بىرلىكتە بۇ يىگىتنىڭ توي تەكلىپى قويۇشىنى كۆرۈپ باقايلى:

مەلۇم تورداش يولدا بىر يىگىتنىڭ قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىزىقىپ تۇرۇپ قالغان ھەمدە يانفونى بىلەن بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. دەسلەپتە، يىگىت بىر دەستە «گۈل»نى كۆتۈرۈپ، بىر تىزى بىلەن تىزلىنىپ قىز دوستىنىڭ ئالدىدا تۇرغان. بۇنى كۆرگەن قىز دەسلەپتە سەل چۆچىگەن. ئاندىن يىگىت سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن، ئەلەي، بەلەي دېگەندەك مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قىز ئاخىرى يىگىتنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئالغان. بۇ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ھازىرلا ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىپ بەختلىك مىنۇتلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

يولدىن ئۆتكەنلەر بەس-بەستە يانفونىنى چىقىرىپ، بۇ رومانتىك مىنۇتنى سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەتىرگۈلنى سۆسۈن رەڭلىك رەخت ئوراپ تۇرغان بولۇپ، ئىچىدىكىسىنىڭ نېمە گۈل ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بىراق ئەتراپتىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇنى ئەتىرگۈل دەپ پەرەز قىلىشتى. دېمىسىمۇ، ئادەتتە توي تەكلىپى قويغاندا، ئەتىرگۈل ئىشلىتىدۇ، ئەمەسمۇ! بىراق ئويلىمىغان يەردىن قىز گۈلنى ئېلىپ، سۆسۈن رەڭلىك رەختنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئىچىدىن ئىككى چار پاقا سەكرەپلا چۈشتى-دە، قىز «ۋاي ئاپا» دېگىنىچە سەكرەپ كەتتى.

ئاخىرىدا، قىز توي تەكلىپى قويغان يىگىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا: «سەندەك بىر نېمىنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن، ئىشىمىز تۈگىدى»، دېگىنىچە، ئۇنى ئىتتىرىپ، ئارقىسىغىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى. توۋۋا بۇ يىگىت قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك چار پاقا بىلەن توي تەكلىپى قويغىنىنى قارىمامدىغان؟ ئەجىبا ئۇ: «چار پاقا قوداي گۆشى يېسەم دەيمىش癞蛤蟆想吃天鹅肉»، دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەكچىمىكىنا؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەزىزە 212 كۈن ئىلگىرى

    57.....186دېگەن تورداش بولدى رەخمەت

  • 186******573 كۈن ئىلگىرى

    ئەزىزە مەن سىزگە شۇنداق چارپاقا بىلەن توي تەكلىپى قويايمۇ

  • ئەلى قامەت بوي3 كۈن ئىلگىرى

    بىرلا ئېغىز گەپ ھېلىقى قىزغا نۆل نۇمۇر قويىۋەتتىم

  • s i r d a x3 كۈن ئىلگىرى

    بۇنى قانداقمۇ توي تەلىپى دىگىلى بولسۇن، !

  • ئامىدىيۇ3 كۈن ئىلگىرى

    بىر كېچىدە چولپان بولغۇسى كەلگەن چېغى بۇ يىگىتنىڭ

  • دىلبەر دل3 كۈن ئىلگىرى

    ئادەملەر بارغانچە غەلىتە قىلىق چىقىرىدىغان بۇلۇپ كەتتىغۇ تاڭ

  • توغراق،شاھى3 كۈن ئىلگىرى

    چىرايلىقمو قىز بالەكەن ھەجەپ قولدىن بىرىپ قويدىڭ ھە تۇكۋاش .

  • شاھزادە مەن3 كۈن ئىلگىرى

    مەندەكلا كەن ماۋۇ ھا ھاھاھاھا

  • ئەزىزە 213 كۈن ئىلگىرى

    توۋا ماڭىمۇ شۇنداق ھەيران قالارلىق توي تەكلىپى قويغان بولسا ،بىر ئۆمۈر ئېسىمدىن چىقمايدىغان

  • CR 73 كۈن ئىلگىرى

    ئەلەي بەلەي ئەلەي بەلەي ھا اھا ھا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号