باش بەت

zefer

726يوللانما
39مەستانە

ئۆز تارتىمغا چۈشكەن مايمۇن «2017-يىللىق داڭلىق ئەرباب» بولۇپ باھالاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 19:07 1 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھايۋاناتلارنى ئاسراش تەشكىلاتى ھېلىقى فوتو ئاپپاراتتا ئۆز تارتىمغا چۈشكەن مايمۇن Naruto نى «2017-يىللىق داڭلىق ئەرباب» قىلىپ باھالىغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى Ingrid Newkirk مۇنداق دېدى: «بۇ ھىندونېزىيە قارا قىسقا قۇيرۇقلۇق مايمۇنىنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، كىشىلەرگە ئۇنىڭ باشقا نەرسىگە ئەمەس، ئادەمگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن.» بۇندىن بۇرۇن، بۇ سۈرەت نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان، ھەتتا فوتو ئاپپاراتنىڭ ئىگىسى «بۇ سۈرەتنىڭ نەشر ھوقۇقىغا مۇناسىپ ئەمەس» دەپ ئەرز قىلىنغان.

ھايۋاناتلارنى ئاسراش تەشكىلاتى مۇشۇ مۇناسىۋەتتە كىشىلەرنىڭ Naruto نى «بىر ئالاھىدە ئادەم» قاتارىدا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىيات، كەيپىياتى، ئارزۇ-ئارمانى، پىلانى ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. ھەرگىزمۇ مەلۇم نەرسە ئەمەس ئىكەن.

2011-يىلى، ھايۋاناتلارنى ئاسراش تەشكىلاتى Naruto نىڭ بۇ سۈرىتىنىڭ نەشر ھوقۇقى ئۈچۈن دەۋالاشقان. بۇ يىل سىنتەبىردە، فوتوگراف David Slater سۈرەتنىڭ %25 كىرىمىنى خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە قىلىشقا قوشۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئمام3 كۈن ئىلگىرى

    نىمانداق سەت رەسىم بۇ ھايۋان دىگەن بەربىر ھايۋاندە،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号