باش بەت

گۈل بەرگى

266يوللانما
15مەستانە

دوستى جاڭ شاۋخەنگە خىيانەت قىلىپ نام قازانغان چولپان--فەن ۋېيچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 19:34 2 ئىنكاس چۈشتى

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەينى يىللىرى جاڭ شاۋخەن ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى ئىدى. 15 يېشىدىن باشلاپ ئۆزى پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامداشقا باشلىغان ئۇ قاۋاقخانىلاردا ناخشا ئېيتىش جەريانىدا تالانتىنى بايقاپ، ھەرخىل مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ھەم كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. كېيىن جاڭ شاۋخەن «فۇماۋ پىلاستىنكا شىركىتى» بىلەن توختام ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرقانچە تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئېلىپ، بىراقلا نام قازىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسىنى تارقاتتى، ئۇنىڭ «يوشۇرۇن قانات隐形的翅膀» دېگەن ناخشىسى باھار بايرىمىلىق كېچىلىككە تاللىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ھەممىگە تونۇتتى.

ئەينى ۋاقىتتا فەن ۋېيچى ئۇنىڭ بىلەن بىر پىلاستىنكا شىركىتىدە بولۇپ، نامىمۇ چىقمىغان ناخشىچى ئىدى. كېيىن، شىركەت ئۇنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن جاڭ شاۋخەن بىلەن باغلاپ تەشۋىقات قىلدى. ئۇلار تاماشا ساھەسىدىكى ئايرىلماس دوستلارغا ئايلاندى، فەن ۋېيچىمۇ كۈنسېرى نام قازىنىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ دوستلىقىمۇ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

2008-يىلىغا كەلگەندە، جاڭ شاۋخەننىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلدى، يۈرەك كېسىلى تۈپەيلى چەتئەلگە چىقىپ داۋالاندى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى پۇل ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېغىر ھاقارەت قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ پەس قىلمىشى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ نامى بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولغان فەن ۋېيچى ئۇ تەرەپتە تۇرماقتا يوق، ئۇنىڭ ئالدىنقى ۋاستىچىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى توردا مازاق قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ خىزمىتىنى يوشۇرۇن-ئاشكارا ھالدا تالاشتى.

شۇنىڭ بىلەن جاڭ شاۋخەن ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى، ئەمما، فەن ۋېيچى خىزمىتىنىڭ ئەڭ پارلاق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. كېيىن، توي قىلىپ بالىلىقمۇ بولدى. مەستانىلىرىمۇ كۆپەيدى. ئەمما باشقىلارغا تايىنىپ كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى.

نەچچە يىل بۇرۇن ئۇ ھالى چوڭلۇق قىلغانلىق تۈپەيلى خۇنەن تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك توڭلىتىلدى. بۇ ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلمىش ئەتمىشلىرى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇ بىردىنبىر پەخىرلىنىدىغان خارۋارد دىپلومىمۇ گۇمانلىق بولۇپ چىقتى، كىچىك S مۇ ئۇنى «ساختا دوست» دەپ مازاق قىلدى.

يەنە بىر قېتىملىق «كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرلەش» پىروگراممىسىدا، ئۇ داڭلىق ناخشىچى خەن خوڭغا خوشامەت قىلغاندا، خەن خوڭ بىر تەرەپتىكى جاڭ شاۋخەننى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ جاڭ شاۋخەننى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر پىروگراممىدا جاڭ شاۋخەن بىلەن فەن ۋېيچى بىللە نومۇر ئورۇندىغان بولۇپ، ئۇ يەنە نومۇس قىلماستىن: «شاۋخەن مېنىڭ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان يېقىن دوستۇم» دېگەن.

نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر ئۇنىڭ ئىشلىرى تەتۈرسىگە مېڭىۋاتىدۇ، مەستانىلىرىمۇ كۈنسېرى ئازلاپ كەتتى. 

ئەمما جاڭ شاۋخەننى ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Co ol3 كۈن ئىلگىرى

    ئالتۇن توپىغا كۆمۈلسىمۇ ھامان پارلايدۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،

  • شادىمان3 كۈن ئىلگىرى

    بۇ جاڭشاۋخەن دېگەن قىز ھېلىقى 公主小妹 دا چىقىدىغان باش پىرسوناژ شۇكەنغۇ مەن شۇ كىنودا بەك ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم بۇ قىزغا لېكىن ماۋۇ فەنۋېيچىنى تونۇمايدىكەنمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号