باش بەت

tayks

1010يوللانما
11مەستانە

ياپونىيەدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان پولات ئارغامچا دۇنياغا كەلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:50 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيەنىڭ يوللىرىدا ئىشلىتىلىدىغان پولات ئارغامچىدىن ياسالغان ئايرىش، سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈۋرۈكى.

نۇرغۇن جايلارنىڭ ئاسفالىت يوللىرىنىڭ كەڭلىكى چەكلىك بولغاچقا، ئوتتۇرىدىكى ئايرىش رايونىغا قوش سېرىق سىزىق سىزىپ قويۇش ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ سىزىق ئاتلاپ كەلسە توسۇش رولىنى ئويناش ناھايىتى قىيىن، يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىمۇ دائىم زور ئۆلۈم-يېتىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە قاتنىشىدا مۇنداق بىر خاسىيەتلىك قورال ئىشلىتىلدى، بۇ پولات ئارغامچىدىن ياسالغان يېڭى شەكىلدىكى سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈۋرۈكى بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ سىزىق ئاتلاپ سوقۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ھادىسىسى نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈمىد قىلىنغان.

ھازىر بۇ خاسىيەتلىك قورالنىڭ ئىشلىتىلگىنىگە يېرىم يىل بولدى، ئەمەلىي ئۈنۈمى قانداق بولغاندۇ؟ خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە قاتناش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پولار ئارغامچىسى سىناق ئىشلىتىلگەن يول بۆلەكلىرىدە ئۆتكەن يىلى 45 قېتىم ئاپتوموبىللارنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قارشى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا ئىشتىلىلگەندىن باشلاپ 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ خىلدىكى ھادىسە ئازىيىپ پەقەت بىر قېتىملا يۈز بەرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن يىلى شۇ خىلدىكى قاتناش ھادىسىلىرىدە ئۆلۈم ھادىسىسى 7 قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ھادىسىسى 6 قېتىم يۈز بەرگەن، بۇ يىل بولسا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، بۇنىڭدىن پولات ئارغامچىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ياپونىيەنىڭ قاتناش تارماقلىرى تەمىنلىگەن بۇ 40 سېكۇنتلۇق سىن كۆرۈنۈشىدىن پولات ئارغامچىنىڭ سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئايرىش ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نازارەت كامىراسى پولات ئارغامچىنىڭ سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئايرىش ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنئەنىۋى نۇر قايتۇرغۇچى سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈۋرۈكى ئادەتتە ماتېرىيالىغا نۇر قايتۇرۇش قەغىزى قوشۇلۇپ لايىھەلىنىدىغان بولۇپ، كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سىزىق ئاتلاپ قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىكەن.

ياپونىيەدە ئىشلىتىلگەن بۇ 5 تال پولات ئارغامچا مەركەزدىكى ئايرىش، سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈۋرۈكىگە (رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ پولات ئارغامچىنىڭ ئېگىلىپ توقۇنۇشنى پەسەيتىش رولى ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ سوقۇلۇش يولىنى توراپ، شۇنداقلا ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقاتقان ۋاقىتتا ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ ئۇدۇلىدىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ.

نۆۋەتتە ياپونىيەدە 100 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە بۇ خىل لايىھە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ياپونىيە قاتناش تارماقلىرى سىناق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن يولغا بۇ خىل پولات ئارغامچا ئايرىش، سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈۋرۈكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

قاتناش ھادىسىسى ناھايىتى قورقۇنچلۇق، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى لايىھەلەش تەخىرسىز. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ياپونىيە يوللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پولات ئارغامچا ئۈنۈملۈك ھالدا جانغا تاقىشىدىغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتالايدۇ. بىزمۇ ئۆرنەك ئېلىشىمىز كېرەكمۇ-قانداق؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • iixanq3 كۈن ئىلگىرى

    ھېي بالا ھەرقانداق نەرسە مۇتلەق بولمايدۇ سىز گە ئەمدى چوڭ ماشىنا سۇقۇل مىسۇن دەپ بىتوندىن تام قۇپۇرۇپ بەرسە بۇلامتى چوڭ ماشىنىنىڭ خەتەر چىقىرىش نىسپىتى قانچىلىك چىقىم كۈتىرەلەمدۇ زورۆرىيىتى بامۇ دەي دىغان گەپ با مۇشۇ باللا نىزە قۇسۇر ئىزدەپلا تۇرغان

  • خ****ك3 كۈن ئىلگىرى

    چوڭ يۈك ماشىن سوقۇلسا دال بومايدىغاندەكقۇ

  • Love - γου 3 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ ياپۇنلارغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ
    جىما بىرلا ئىغىز گەپ قالتىس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号