باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10789يوللانما
826مەستانە

خاڭجۇدىكى 7 ياشلىق بالا 8 پارچە مۇسكۇلى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:40 7 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈرەتتىكى بۇ بالا 7 ياش بولۇپ، خاڭجۇدىن كەلگەن گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى. 8 پارچە قورساق مۇسكۇلى بولغان بۇ شاكىچىك خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، 6 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، كەلگۈسىنىڭ يۇلتۇزى دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشتى.

2010-يىلى تۇغۇلغان شاكىچىكنىڭ ئىسمى چېن يى بولۇپ، 2 ئايلىق بولغاندىلا ئۆرۈلۈپ، 11 ئاي بولغاندىلا مېڭىشنى ئۆگەنگەن ، 2 ياشقا كىرگەندە يەككە يەلكىلىك ئاسمىغا ئېسىلغان. (ۋاھ... بۇ بالىنىڭ تەنتەربىيە تالانتى بەكلا كۈچلۈكمۇ قانداق؟)

5 يېشىدىن باشلاپ، گىمناستىكا ئۆگەنگەن ئۇ ئاساسلىقى تەن ساپاسى ۋە كۈچنى مەشىق قىلدى.

ھازىر ئۇنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇل سىزىقلىرىنى كۆرگەن «مەن، مەن» دېگەنلەرمۇ خىجىل بولۇپ قالىدۇ.

خاڭجۇ شەھىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك پائالىيەت يىغىنىنىڭ گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئۇ يۈخاڭ رايونىغا ۋەكىل بولۇپ، ئەركىن گىمناستىكا، ياغاچ ئاتتىن سەكرەش، ئاسما ھالقا قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىپ، 6 ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

بىزمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر قانچە يىلدا، دۆلىتىمىز ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈپ، مەملىكەتلىك سەھنىلەردە شان-شەرەپكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

سىز بۇ بەدەننىڭ 7 ياشلىق كىچىك بالىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشنەلەمسىز؟ 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 كۈن ئىلگىرى

    ئاجايىپ ئادەملەر باردە،ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقمىسىلا ھەمىنى ئىنكار قىلىدىغان،ئۆزۈڭلار چېنىقىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ،موسكوللۇرۇڭلار توخونىڭ تېرىسىدەك ساڭگىلاپ قالغاندۇ ھەقىچان،شۇڭا خەقنىڭ موسكۇلى كۆزۈڭلارغا سىغماي دېگەندەك…

  • بايشەم3 كۈن ئىلگىرى

    مۇرادېل راسلېقېنې كوروپ تۇرۇپمو ئېشەنمەمسز مۇسكۇلې باكەنغو ئەنە تېرېشقېن شاكېچېك سەن چوقوم كېيېنچېمۇ غەلبە قازنېسەن

  • ئەخلاق3 كۈن ئىلگىرى

    سەتلىكنى ماڭقا شۇمنىڭ، مۇسكىل چقارغانغا نىم كىلدۇ كىچكنام تۇرۇپ، مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇماي

  • ئامىدىيۇ3 كۈن ئىلگىرى

    ئەسلى دادىسى بىر تەنھەركەتچى ئىكەندە شۇڭا

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )3 كۈن ئىلگىرى

    قورساق مۇسكۇلدىن بەكرەك ئا بىلەك مۇسكۇلى قالتىسكەن CBA دىكى توپچىلانىڭ ئىچىدىمۇ ئاز ئۇنداق مۇسكۇل

  • مۇرادىل3 كۈن ئىلگىرى

    ئىشەنمەيمەن يالغان

  • زبىبۇللا3 كۈن ئىلگىرى

    كىچىكلا تۇرۇپ مۇسكۇللىرى چىقىپ كىتىپتۇ، باللارنى مۇشۇنداق بالدۇر چىنىقتۇرسا سالامەتلىكگە تەسىر يىتەمدىغانىدۇ؟ تەھىرىرلەرنىڭ مۇشۇ باللارنىڭ چىنىقىشى توغىرىسىدا بىرەر تىما يوللشىنى ئۆمىد قىلمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号