باش بەت

tayks

1010يوللانما
11مەستانە

ئاۋازى قىزلارنىڭكىدەك چىقىدىغان يىگىت ئەرلەرنىڭ پۇلىنى ئالدىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 19:10 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنخۇي خوشەن ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ باشقىلارنىڭ قىز دوستى بولۇۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق ساقچى تەرەپنىڭ يىغلاشنىمۇ، كۈلۈشنىمۇ بىلەلمەي قالغان يېرى شۇ بولدىكى، بۇ ئىككى يىگىت «قىز دوستۇم» دەۋالغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان جىنايەت گۇماندارى ئەمەلىيەتتە بىر ئەر ئىدى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00دە، خوشەن ناھىيەسى ئاھالىسى پېڭ فامىلىلىك خوشەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىگە كېلىپ دېلو مەلۇم قىلىپ، قىز دوستى «يۈ جىڭ»نىڭ 5000 يۈەنگە يېقىن پۇلىنى ئالداپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئۆتۈندى. بىر سائەتتىن كېيىن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى يەنە تەۋەلىك رايونى ئاھالىسى جاڭ فامىلىلىكنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇمۇ ئۆزىنى «يۈ جىڭ» دەپ ئاتىۋالغان بىر قىزنىڭ ئۇنىڭ 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ زادى ئالدامچىلىق دېلوسىمۇ ياكى ئادەتتىكى ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشمۇ؟ ئىككى دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى «يۈ جىڭ» ئوخشاش بىر ئادەممۇ؟ «يۈ جىڭ»نىڭ باشقا بىر ئادەم بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتقان سوئاللار ساقچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

دېلو مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئىككىلىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتا بۇ ئۆزىنى «يۈ جىڭ» دەۋالغان قىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغاچقا، دېلونى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، دېلو مەلۇم قىلغۇچىلار ۋە «يۈ جىڭ» پاراڭلاشقان ئاساسلىق ئالاقىلىشىش دېتالى ساقچىلارنىڭ مۇھىم بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىككى دېلو مەلۇم قىلغۇچى ئېيتقان «يۈ جىڭ» ئىشلەتكەن ئاكونتنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا «يۈ جىڭ»نىڭ پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ خوشەن ناھىيەسىدىن دېگەنلىكىنى، ھازىر خوشەن ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايقىدى.

تەكشۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ساقچىلار خوشەن ناھىيەسىنىڭ نوپۇس ئامبىرىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار ئېيتقان «يۈ جىڭ» ئىسىملىك ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى، ھېلىقى شىركەتتىنمۇ بۇنداق ئىسىملىك قىزنى تاپالمىدى. ساقچىلار ئىسمىنى «يۈ جىڭ» دەۋالغان پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ توردا ئۇلارنىڭ قىز دوستى بولۇۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى، ئۇلار چوقۇم بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ «يۈ جىڭ»نى تېپىشى كېرەك ئىدى.

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «يۈ جىڭ» دېلو مەلۇم قىلغۇچى بىلەن «ئۇچرىشىشقا چىققان»دا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قولغا چۈشتى، بىراق ساقچىلارنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ بىر ئەر كىشى ئىدى.

خاتالىشىپ قالدىمۇ قانداق؟ ئەگەر بۇ ئەر «يۈ جىڭ» بولسا، پاراڭلاشقان ۋاقىتتىكى قىزنىڭ ئاۋازى قانداق گەپ؟ ساقچىلار دەرھال سوراق قىلدى، ھېلىقى ئەر ئۆزىنىڭ راستتىنلا «يۈ جىڭ» ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ قىز دوستى ھالىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، جىنايەت گۇماندارى ساۋ فامىلىلىك 21 ياش بولۇپ، خوشەن ناھىيەسىدىن. 2017-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ قىزلارنىڭ ئاۋازىغا يېقىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن قىز بالا بولۇۋېلىپ ئوغۇللار بىلەن پاراڭلىشىش ئىستىكى پەيدا بولغان، شۇنداقلا پاراڭلىشىش دېتالىغا ئوغۇللارنى قوشقان ھەمدە ئوغۇللارنىڭ ئۆزى بىلەن مۇھەببەت باغلاشنى خالايدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، توختىماستىن كۆپلىگەن زىيانلانغۇچىلاردىن پۇل تەلەپ قىلغان، ئومۇمىي ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ھازىر ساۋ فامىلىلىك جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم3 كۈن ئىلگىرى

    ئەر كېشې تۇرۇپ قېلغان ئېشنې كورمەمدېغان

  • يەكەن ئوغلىى3 كۈن ئىلگىرى

    ماڭىمۇ بىر قىز شۇنچە دەدىنى تۆكۈپ ياردەم تەلەپ قىلسا ،ئۇ قىزبالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدىم ،لىكىن ..............

  • (سەبىي)AM1997093 كۈن ئىلگىرى

    ئالدامچىلار بەك كۆپىيىپ كىتىپتۇ ئېھتىيات قىلىڭلار، بىر تونۇش قىز بار ئىدى، تۆنۈگۈن بىرسى يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ شۇجىسى قىياپتىگە كىرىۋېلىپ تېلفون قىلىپ 10 مىڭ يۈەننى ئېلىۋاپتۇ ئەتىگەندە دېلو مەلۇم قىلدى. يەنە مۇشۇنداق نامدا باشقىلارغىمۇ تېلفون قىلغان ئوخشايدىكەن. ئالدامچىلارنىڭ ھىيلىسى بەك كۆپ ئىكەن، ئادەتتە بىز باشقىلار شۇندا ئىشقا يولۇققىننى ئاڭلىساق ۋۇ ئەخمەق شۇنىڭغىمۇ ئالدىنىپ قاپتۇ دەپ ئويلايدىكەنمىز ئەمما ئالدامچىلارنىڭ ئۇ ھىيلە مىكىرلىرى ئاستىدا ھەرقانچە سەزگۈر ئادەممۇ ئالدىنىپ قالىدىكەن بەك پەخەس بولۇڭلار.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号