باش بەت

ئادىلجان

7167يوللانما
76مەستانە

ئىتالىيە: خەلقئارا بازاردىكى ئالتە ئۈلۈشتىن يۇقىرى ئىتالىيە يېمەكلىكىنىڭ ھەممىسى ساختا مال

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 18:59 0 ئىنكاس چۈشتى

cri تورىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياۋروپا بىرلەشمىسى تورىنىڭ ئىتالىيە ياۋروپا بىرلەشمىسى ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە تېرىقچىلىق جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان خەلقئارا بازارنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا بازاردىكى %60تىن يۇقىرى «MADE IN ITALY» (ئىتالىيەدە ياسالغان) يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ساختا مال بولۇپ، ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلمىغانىكەن، بەزى بازارلاردىكى تاۋارلارنىڭ سانى ئىتالىيەنىڭ مۇشۇ خىل تاۋارنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ساختا ئىتالىيە مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بازىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئىتالىيەگە كەلتۈرگەن بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيىنى 60 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاساسلىق ساختا ئىتالىيە ماللىرى پىشلاق، سۈرلەنگەن پاقالچاق ۋە قېزا، كوكس مېيى، مېۋە قىيامى، پەمىدۇر ۋە كىچىك بۇغداي ئۇنى قاتارلىق تاۋارلار ئىكەن. 

ساختا ئىتالىيە ماللىرى ئامېرىكا قىتئەسىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت ئامېرىكا ئىكەن. جەنۇبىي ئامېرىكا بولسا بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان ئاساسلىق رايون ئىكەن. ئاۋستىرالىيە، كانادا، تايلاند، كورېيە، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بازارلىرىدىمۇ كۆپ مىقداردا ساختا ئىتالىيە يېمەكلىكلىرى بار ئىكەن. 

تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن گېرمانىيە، گوللاندىيە، كىرودىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بازاردا بىردەك ساختا ئىتالىيە يېمەكلىكلىرى بايقالغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号