باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10789يوللانما
826مەستانە

13 يىل تاقىرباشلىق كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقان قىز ئاخىرى يالغان چېچىنى ئېلىۋەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 19:50 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 21 ياشلىق ماككېنىز خوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بولۇپ، كىچىك ۋاقىتىدىلا تاقىرباشلىق كېسىلى دەپ دىياگىنوز قويۇلغاچقا، چېچى پۈتۈنلەي چۈشۈپ، قايتا ئۆسمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 8 يېشىدىن باشلاپ، ئىزچىل يالغان چاچ بىلەن تاقىربېشىنى يوشۇرغان. يېقىندا، ماككېنىز چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بولغۇسى يولدىشى بىلەن بىر يۈرۈش سۈرەتلەرگە چۈشكەن بولۇپ، سۈرەتتىكى ئۇ 13 يىلدىن بۇيان تاقاپ كەلگەن يالغان چېچىنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىۋەتكەن.

ماككېنىز 8 يېشىدىلا چېچىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن، يېڭى چېچى بىلەن ساۋاقداشلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشىنى ئويلىغاندا، بىراق ئويلىمغان يەردىن، ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان. ئەسلىدە، ئۇنىڭ چوققىسىدا تاقىر داغ بار ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئاپىسىغا دېگەندىن كېيىن، ئانا ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق داغنىڭ بارلىقىنى بىلگەن. ئاندىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تاقىرباشلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. بۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەدەن ئېممۇنىتېتلىق كېسەللىك بولۇپ، داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بەدىنى پۈتۈنلەي ساغلام ماككېنىزنىڭ چېچى 6 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پاكپاكىز چۈشۈپ بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، يالغان چاچ ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ، ئۇ راست چاچتىن ياسالغان يالغان چاچنى تاقاپ ئۇخلايدىغان ھەتتا سۇ ئۈزىدىغان بولۇپ، پەقەت 3-4 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرسىلا بولاتتى. ماككېنىزنىڭ دېيىشىچە، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، دەپ قارايدىغان بولۇپ، بىراق ئۇ بۇنى ئىسپاتلاپ يۈرمىگەن. ئۇ: «مەن ئەزەلدىن چۈشەندۈرمەيمەن، چۈنكى بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەنمۇ پاراڭلاشقۇم يوق، مەن ھەمىشە بۇ گەپتىن قاچىمەن»، دېدى.

ماككېنىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ھازىرقى بولغۇسى يولدىشى بايران باللاردنى ئۇچراتتى. بايران ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ھېچقانداق قورقۇش ياكى مەسخىرىلىك پوزىتسىيەدە بولماي، ئەكسچە، ئۇنىڭ يالغان چاچ تاقىماي يۈرىدىغان تۇرقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىغا 5 يىل بولۇپ، بۇ يىل ماي ئېيىدا چاي ئىچۈرۈلدى. نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا، ئۇلار بىر فوتوگرافنى تەكلىپ قىلىپ، سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغاندا، ماككېنىز ئالاھىدە بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

ئۇ يالغان چېچىنى تاقاپ بايران بىلەن سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، يالغان چېچىنى ئېلىپ سۈرەتكە چۈشمەكچى بولدى. ئۇ قارىماققا ئىنتايىن ئەركىن ۋە تەبئىي بولۇپ: «مەن ئۆزۈمنى ئازادە تۇتۇپ، قاچۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلىمەن، مەن ھەقىقىي ئۆزۈمنى نامايەن قىلماقچى. چۈنكى ھېچقانداق بىر پۇرسەت بايران مېنىڭ يېنىمدا تۇرغاندىكىدەك ئەڭ مۇۋاپىق ئەمەس. بەزىدە مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن ئەركىن ۋە ئىشەنچكە تولغاندەك ھېس قىلىمەن»، دېدى. ئۇ ھەمدە بۇ سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللاپ: «بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ تەستە چىقىرىلغان قارار»، دېدى.

ئۇ بۇ پارچىدە يەنە قانداق قىلىپ تاقىرباشلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئارقىدىن مەكتەپداشلىرىنىڭ زاڭلىق  قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە بايراننىڭ يەنە قانداق قىلىپ ئۆزىگە ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ چاچ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى سۆزلىگەن بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق ماختاشقا ۋە نەچچە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىشقا ئېرىشتى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭ جۈرئىتىنى ماختىدى.

مەلۇم بىر تورداش: «سىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمەن! سىز بىر گۈزەل ھەم قەيسەر ئايال شۇنداقلا ئىنتايىن بەختلىك ھالدا شۇنچىۋلا ياخشى ئەرنى ئۇچراتتىڭىز»، يەنە بىر تورداش بولسا: «مېنىڭمۇ تاقىرباشلىق كېسىلىم بار، بىراق شۇنى دېمەي تۇرالمايمەنكى، سىزگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم»، دېدى. ماككېنىز كېلەر يىلى ئۆكتەبىردە توي قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ يالغان چېچى بىلەن نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويىدىكەن. بىراق ئۇ بىر قىسىم تويلۇق سۈرەتلەردە ۋە 1-قول مۇراسىم ئۇسسۇلى ئوينايدىغاندا، ئۇ يەنىلا يالغان چېچىنى ئېلىۋېتىدىغانلىقىنى تولۇقلاپ ئۆتتى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • bahadir 84003 كۈن ئىلگىرى

    باشقا،،كەلگەننى،،كۇرمەي،ئامال،يۇق،،كىمنىڭ،ئۆزى،بۇلۋالغۇسى،كىلدۇ،،

  • 3 كۈن ئىلگىرى

    توۋۋا ما خوتۇننىڭ تازلىقىنى قارا بۇ نىمىش ئەمدى،

  • SAR DAR3 كۈن ئىلگىرى

    چىرايلىق قىز ئىكەنتۇق ، نېمە بولۇپ؟ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندۇ دەيمەن. ھەي،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号