باش بەت

كىنوچى

1183يوللانما
137مەستانە

لى شياۋلوڭنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان 20 پارچە سۈرىتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 19:49 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لى شياۋلوڭ، ئەسلى ئىسمى لى جېنفەن، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى سان فىرانسىسكو شەھىرىدە تۇغۇلغان. دۇنيا چامباشچىلىق يولىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى باشلامچى. چامباشچىلىق پەيلاسوپى، MMA ئاتىسى، چامباشچىلىق ئۇستازى، گۇمپا فىلىمىنىڭ باشلامچىسى ۋە كەسمە مۇشتۋازلىقنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇڭگو چامباشچىلىق كىنو ئارتىسى، جۇڭگو گۇمپىسىنى ئەڭ ئاۋۋال دۇنياغا يۈزلەندۈرگۈچى، ھوللىۋودتىكى تۇنجى جۇڭگولۇق باش رولچى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، لى شياۋلوڭ ئىنتايىن ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەسەرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن چەكسىز ئەسلىمە قالدۇرۇپ كەتكەن. 

تۆۋەندە بىز گىگانت چولپان لى شياۋلوڭنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بىر گۇرۇپپا سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.

لى شياۋلوڭنىڭ ئايالى لىندا بولسا ئېرلاندىيەلىك مۇھاجىرلار ئەۋلادى بولغان ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك قىزچاق، لى شياۋلوڭنىڭ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقدىشى. 1963-يىلى لى شياۋلوڭ بىلەن تونۇشقىنىغا ئۇزۇن بولمايلا «جېنفەن چامباشلىق سارىيى» غا كىرىپ، لى شياۋلوڭنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى شاگىرتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىككەيلەن 1963-يىلى رەسمىي ھالدا مۇھەببەتلىشىپ، 1964-يىلى توي قىلغان.

1965-يىلى لىندا لى شياۋلوڭغا بىر ئوغۇل يەڭگىپ بەرگەن، لى شياۋلوڭ ئۇنىڭغا «لىن گوخاۋ» دەپ ئىسىم قويغان. 1969-يىلى 4-ئايدا لى شياۋلوڭنىڭ ئامراق قىزى لى شياڭنىڭ تۇغۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kirstiyan3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئاڭىلىغان بىردىنبىر رىۋايەت

  • ھەۋەس72 ئاي ئىلگىرى

    يۇقۇردى سۈرەتلەردىن قارىغاندا لى شىاۋلۇڭ بىزنىڭ تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا كۆرگەندەك ئۇنچىۋالا ھاكاۋۇر ئەمەستەك قىلىدۇ…بىزنىڭ تىلىۋىزىيە فىلىملىرىمىزدە بەكلا ھاكاۋۇر، مەنمەنچى چىقىرىۋىتىدۇ…

  • βïραЯฟα2 ئاي ئىلگىرى

    ئەۋلادى يوق ئۇلانىڭ ھازىر ......

  • ئۇيقۇت2 ئاي ئىلگىرى

    لىشاۋلوڭنى بىز بەك ئەپسانىۋى قىلۋىتىمىز دۆلتىمىزدىكى تۇنجى بوپ ھولىۋودا ئۇتۇق قازانغاچقىمىكى ھەم ئۇ ئامىرىكىلىك خۇددى ئوباماغا ئوخشاش ئوبامامۇ كىنىيەلىك ئەمما بولدىلا ئىشنى قىلىپ بەك ئەپسانىۋى قىلۋىتىمىز

  • شادىمان2 ئاي ئىلگىرى

    راست بەك ئاز ئۇچرايدىغان رەسىملەركەن ، ماۋۇ ئايالى قاۇسى كۇنىدىكى بىر خەۋەردىكى سۇرىتىدە پەقەت چىرايلىق كۆرۇنمىگەنىدى لېكىن ماۋۇ سۇرەتلىرىگە قارىسام بىر خىل مېھرى ئىسسىق ئايالكەن

  • شايىمەردان2 ئاي ئىلگىرى

    لىشىاۋلۇڭنىڭ ئوغلى ئۈلۈپ كەتكەنغۇ لىكىن ما قىزىچۇ بامۇدۇ يا بۇمۇ ئۆلگەندىمۇ

  • سالامجـــون2 ئاي ئىلگىرى

    ئوغۇللىرى يوقمىدۇ ھازىر ،

  • گۈلۈم2 ئاي ئىلگىرى

    ئىقتىدارى ھەرقاندا چولپاننى بىسىپ چۈشدۇ دەپ ئويلايمەن

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ۋوججون لى شىياۋلوڭ نىڭ ئىتى ۋەششىكەنغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号