باش بەت

دىل بايان

880يوللانما
78مەستانە

iPhone ئىشلىتىشتىكى بۇ تۆت چوڭ خاتالىقتىن ساقلىنىڭ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 20:00 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

بىز دائىم ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق iPhone توغرىسىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولىمىز، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولىمىز، بىراق بۇنىڭ ئىچىدە قانچىلىغان خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدىكى iPhone ئىشلەتكەندە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تۆت خىل خاتا ئۇسۇلنى بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز.

1. Home كۇنۇپكىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرماسلىق

Home كۇنۇپكىسىنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ كۆپىنچىمىز مەۋھۇم كۇنۇپكا Assistive Touchنى ئىشلىتىمىز، ئەمەلىيەتتە Assistive Touch ئەڭ دەسلەپتە بەدەن توسالغۇسى بار ئابونتلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. iPhoneXتىن ئىلگىرى Home كۇنۇپكىسى iPhoneنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك لايىھەسى ئىدى، گەرچە ئىلگىركى iPhone5تە Home كۇنۇپكىسىنىڭ چىدامسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلە ئاللىقاچان ھەل قىلىندى.

2. ئېكران چاپلىقى ئىشلەتمەي ئەكىسچە چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش پۇرۇپكىسى ئىشلىتىش.

گەرچە كۆك ياقۇت ئەينەك ماتېرىيالى پىششىق دېيىلسىمۇ، بىراق ئىنچىكە، قاتتىق نەرسىلەردىكى سىزىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇڭا iPhoneىڭىزنى ئالا مۈشۈكتەك بولۇپ قالمىسۇن دېسىڭىز، ئېكران قوغداش چاپلىقى ئىشلىتىش يەنىلا ئاقىلانىلىك.

يەنە بىر خاتا ئۇسۇل بولسا چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش پۇرۇپكىسى ئىشلىتىش، كۆپلىگەن قىزلار چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش پۇرۇپكىسىنى يانفوننى نائۈشنىك تۆشۈكىگە تىقىۋالىدۇ، بىراق بۇنداق قىلغاندا نائۈشنىك ئېغىزىنىڭ ئۇپىراپ، بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا سىز تۇرىۋاتقان مۇھىت ھەددىدىن زىيادە چاڭ-توزانلىق بولمىسىلا، ئۇنى ئىشلىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

3. يانفون قول چىرىقى دائىم يېقىغلىق تۇرغاندا چاقماق لامپا كۆيۈپ كېتىدۇ

قاراڭغۇدا يول يۈرگەندە يانفون قول چىرىقىنى يېقىش ئارقىلىق يورۇتۇپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇن ئابونتلار: «يانفون قول چىرىقىنى دائىم يېقىۋالغاندا چاقماق لامپىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. iPhoneنىڭ LED چاقماق لامپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى نەچچە ئون مىڭ سائەتكە يېتىدۇ، پەقەت سىز ئۇدا نەچچە سائەت ئىشلەتمىسىڭىزلا، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

4. ماتېرىيال ئۇقۇشماستىن يۇيۇلۇپ كەتسە تاپقىلى بولمايدۇ

نۇرغۇن كىشىلەرگە «تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى قايتا ئېغىزغا ئالماسلىق» دەيدىغان قائىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلغان. تېخنىكا ساھەسىدە بۇ قائىدە ئاللىقاچان ناتوغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. يۇيۇلۇپ كەتكەن سانلىق مەلۇمات دېگىنىمىز پەقەت «يۇيۇلدى» دېگەن ماركىنى چاپلاپلا يانفونغا ساقلاپ قويۇشتىن ئىبارەت. بۇنى سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئالما ئابونتلىرى ئەپ دۇكىنىدىن «تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىرى» (极速恢复精灵)نى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسا بولىدۇ. (بولدى، تەھرىرگە رەھمەت ئېيتمىساڭلارمۇ بولىدۇ)

iPhoneنى خاتا ئىشلىتىشتىكى بۇ ئۇسۇللار ماھىيەتتە قۇرۇق گەپتەك بىلىنىپ، بىزدە بىر قاتار ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى «سوغۇق بىلىم»لەرنى بىلىۋالغاندا، باشقىلار ئالدىدا كۈلكىگە قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • HiTLER3 كۈن ئىلگىرى

    پايدىسى يوقكەن نەدىكى تايىنى يوق گەپنى قىلىپ
    سەت مازاق قىلغان چىراي ئىپادىسى

  • 1=433 كۈن ئىلگىرى

    ئالما يانفونىدا يۇيۇلۇپ كەتكەن نەرسىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولا

  • ParisHan3 كۈن ئىلگىرى

    مەن زوووووووووولاپ تۇرۇپ تەھرىرگە رەخمەت ئېيتىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号