باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10789يوللانما
827مەستانە

ئاجراشقان ئەر قىزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ قۇملۇققا تاشلىۋەتمەكچى بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 19:46 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9Newsنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر سېنتەبىردە، ئامېرىكا يوتا ئىشتاتىدىكى ئايال سامۇئېل شافېر سابىق يولدىشى جون كولسارپتىن ئاجراشقاندا، سودىيەدىن 4 بالىسىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئۆزىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭ سابىق يولدىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ھەمىشە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىدىكەن. بىراق يەرلىك سوتچى فىلېللاند ئايالنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ 4 بالىسىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، جون كولسارپتىن بىلەن 4 بالا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ساقچىلارغا يېقىندىن بۇيان جوننىڭ كاللىسىغا ئاجايىپ غەيرىي ئويلارنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ھەتتا 12 ياشلىق بالىلار بىلەن توي قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. سامۇئېل شافېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەمىشە بالىلىرىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان بالىلار مۇلازىمەتچىلىرى ياكى ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىدىكەن.

جون بىلەن 4 بالا يوقاپ كەتكەندىن بۇيان، ساقچىلار ئىزدەش خىزمىتىنى توختىتىپ قويمىغان. بىر قانچە كۈن بۇرۇن، مەلۇم بىر جايدا بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلار مۇشۇ ھەپتىدە چەت رايوندىكى قورودا 2 بالىنى تاپقان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاساددىپىي ھالدا جون بىلەن ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭمۇ ئىز-دېرىكىنى تاپقان. ئەينى ۋاقىتتا، بۇنىڭ ئارىسىدىكى 2 قىز پىرېتسېپقا، يەنە 2 قىز سۇلياۋ تۇڭغا قامالغانىدى.

ساقچىلار بۇ بىچارە قىزلارنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. چىكاگو مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جون بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خورلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ يەنە 1-دەرىجىلىك ئېغىر تۇتقۇن قىلىش شۇنداقلا ئەدلىيە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق تاكى مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىگىچە ئۇ ھېچقانداق نارازىلىق ئەرز سۇنمىغان.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • 3 كۈن ئىلگىرى

    تىخى نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچىمىكەن ئۇ، قانداق رەھمسىز ئادەم ئەمەس نىمە ئۇ،

  • ئاي نەزەر3 كۈن ئىلگىرى

    توۋا بۇ چەت ئەللىكلەرنى ساراڭنىڭ ئوزى ئىكەنغۇ،قارىغاندا ئۇلاردا مىھر-شەپقەت يوق ئوخشايدۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号