باش بەت

دىل بايان

1108يوللانما
133مەستانە

توردا تونۇشلىرىڭىز پۇل سورىسا ھوشيار بولۇڭ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 23:34 0 ئىنكاس چۈشتى

  كۈرەش ئابدۇخالىق (ئۆز مۇخبىرىمىز)، مېھرىگۈل مەمەت (ئىختىيارىي مۇخبىر)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: تور ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بۈگۈنكى دەۋردە تور ئالدامچىلىرىمۇ بۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ تەڭ ئەۋج ئالدى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى ئىچىدە ئىشلىتىش قولايلىق، نۇرغۇن پايدىلىق ئىقتىدار تەڭ مۇجەسسەملەنگەن ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىش بىلەن تەڭ، تور ئالدامچىلىرىنىڭمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئوقەت» قىلىدىغان ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. يېقىنقى نەچچە يىلدا ئۈندىدار، «QQ»، مىكروبىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدا تور ئالدامچىلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئاشكارىلىنىپ، تەشۋىقات ئىزچىل كۈچەيتىلگەندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقى ئېشىپ، تور ئالدامچىلىرىنىڭ قىلتىقىغا چۈشىدىغانلار تەدرىجىي ئازايدى. بىراق تور ئالدامچىلىرى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، ئۈندىدار، «QQ» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى ئوغرىلاش شەكلى بىلەن باشقىلارنىڭ شەخسىي ئالاقە دېتالىنى قانۇنسىز ئېچىپ، تىزىملىكتىكى ئائىلە ئەزالىرى، يېقىن دوستلىرى ۋە باشقىلاردىن پۇل سوراپ ئالدامچىلىق قىلىشتەك قانۇنسىز قىلمىشنى سادىر قىلماقتا. ئۇنداقتا ئۈندىدار، «QQ» دىن ئىبارەت بۇ خىل پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن ھەپىلەشكىلى بولىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرى ئوغرىلانغان ئەھۋالدا، ئالدامچىلار باشقىلارنىڭ پۇلى ياكى باشقا مال - مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالسا، دېتالنىڭ ئىگىدارى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالامدۇ - يوق؟

     2015- يىلى 3- ئايدا لى xx ئۈندىداردا يېقىن دوستى جاۋ xx نىڭ پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋالىدۇ - دە، ئۈندىدار چىقىمدانىدىن پۇل يوللاش شەكلى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە 5000 يۈەن يوللاپ بېرىدۇ. ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ جاۋ xx ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئۈندىدار نومۇرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا تونۇشلىرىدىن پۇل سورىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىرىدۇ. لى xx ئۇچۇرنى كۆرۈپ دەرھال جاۋ xx بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدە جاۋ xx كە ئەمەس، بەلكى بىر ئالدامچىغا پۇل يوللاپ بەرگەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ سەۋەب ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت شەكىللىنىپ جېدەللىشىپ قالىدۇ، لى xx دوستىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 2000 يۈەن يوللاپ بېرىپ بۇ ئىشنى خالاس قىلىشنى، ئۆزىنىڭمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداقلا لى xx ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ئەگەر تور ساقچىلىرى دېلونى ھەل قىلىپ تارتقان زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىنسە، جاۋ xx نىڭ قالغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، تەرەپلەر ئارىسىدىكى جېدەل شۇنىڭ بىلەن پەسىيىدۇ. چۈنكى جاۋ xx نىڭ ئۈندىدارىنى قانۇنسىز ئاچقان ئادەم ئۇنىڭ چىقىمدانىنىڭمۇ مەخپىي نومۇرىنى يېشىپ، ئۈندىدار ھېساباتىدىكى بارلىق پۇلىنى باشقا بىر ئۈندىدار چىقىمدانىغا يۆتكەپ كەتكەن ئىدى.

     بۇ توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1- كوللېگىيەسىدىن مېھرىگۈل مەمەت مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈش بەردى: ئادەتتە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بەرسە كۆپىنچە ئەھۋالدا ئوغرىلانغان ئالاقە دېتالىنىڭ ئىگىدارى تونۇشلىرىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىدۇ، ياكى مۇۋاپىق مىقداردا تۆلەپ بېرىدۇ، بۇ بىر خىل ئۆز ھوقۇقىغا قارىتا تۇتقان بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ، قانۇنمۇ بۇنىڭغا يول قويىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى» نىڭ 37- ماددىسىدا: «3- تەرەپ كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ باشقۇرغۇچىلار ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. گەرچە ئۈندىدار، «QQ» نىڭ ئىگىدارلىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاقە دېتاللىرىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار بولسىمۇ، بىراق تور تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئادەم تور ئالدامچىلىرىنىڭ، تور خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى مۇقەررەر قوغدىيالايدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى كۆرمەي، ئاۋازىنى ئاڭلىماي تۇرۇقلۇق، ئۇشتۇمتۇت تاپشۇرۇپ ئالغان خەت ئۇچۇرىنى ئوقۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى دەلىللىمەي تۇرۇپلا پۇل يوللاپ بېرىش قىلمىشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭمۇ بەلگىلىك سەۋەنلىكى بولىدۇ. شۇ سەۋەب ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىنىڭ ئىگىدارى خاتالىق سادىر قىلمىغان ئەھۋالدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

     شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈندىدار چىقىمدانىنى دائىم ئىشلىتىدىغانلار مۇنداق بىر قانچە ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك: (1) ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى، ئۈندىدار چىقىمدانى قاتارلىقلارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى تۇغۇلغان كۈن، «123456»، «111111» دېگەندەك ئاددىي قىلىپ بېكىتىپ قويماسلىق كېرەك. بولمىسا ئۈندىدارنى باشقىلار ئاچقاندا ھېساباتتىكى پۇلنى ئاسانلا يۆتكەپ كېتەلەيدۇ؛ (2) ئۈندىدار چىقىمدانىغا ئىمقانقەدەر ئىچىدە زور سوممىدا پۇل بار بانكا كارتىلىرىنى باغلىۋالماسلىق، ئۈندىدار چىقىمدانىدىمۇ زور سوممىدىكى پۇلنى ئۇزۇن ساقلىماسلىق كېرەك؛ (3) يېقىن تونۇشلار پۇل سورىغاندا ئاۋۋال قارشى تەرەپكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى نەقلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۈندىداردا پۇل يوللاپ بېرىپ، ئالدامچىغا ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ (4) ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۈندىدار چىقىمدانىدىن پايدىلىنىپ ھەق تۆلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىقىمدان مەخپىي نومۇرىنى كۆرۈۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ (5) شەخسلەر ئەگەر ئۈندىدار، «QQ» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرى ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال مەخپىي نومۇرغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئاندىن پۇلى ياكى باشقا مال - مۈلۈكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك.

   (دېلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

ئەسلى مەنبەسى: https://mp.weixin.qq.com/s/12dW69aX2krtOwpJb2P1bQ

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号