باش بەت

zefer

939يوللانما
51مەستانە

خۇاۋېي nova 2s يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى: باھاسى 2699 يۈەن

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-08 11:10 8 ئىنكاس چۈشتى

دوڭديەن تېخنىكىسى تورى 7-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇاۋېي 7-دېكابىر مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ nova 2s يانفونىنى ئېلان قىلدى.

سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە nova 2sنىڭ رازمېرى 156.9 مىللىمېتىر × 7.5 مىللىمېتىر × 75.1 مىللىمېتىر بولۇپ، باتارېيەنىڭ ئېغىرلىقى 169 گىرام ئىكەن. قوش يۈزلۈك ئەينەك ماتېرىيال ۋە 6 دىيۇملۇق 18:9 پۈتۈن ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، پىكسېل زىچلىقى 403PPIلىق IPS ئېكران سەپلىنىدىكەن. بارمان ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش مودىلى «ئېڭىكى»دە ئىكەن، يانفون گەۋدىسىنىڭ كۆك، ھال، كۈل، قارا، قىزىل قاتارلىق رەڭلىرى بار ئىكەن.

قاتتىق دېتال جەھەتتە nova 2sكە چىلىن 960 بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلىنىدۇ، 4GB+64GB ۋە 6GB+64GB ھەمدە 6GB+128GB قاتارلىق نۇسخىلىرى بار ئىكەن، GPUسى Mali G71MP8گە ئۆستۈرىلىدۇ. چىراي پەرقلەندۈرۈش، NFC كۆچمە چىقىمدان، NFC ئاپتوبۇس كارتىسىنى قوللايدۇ ھەم HiFi ئۆزىكى سەپلىنىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ تېلېگراف شىركىتىنىڭ 4G، 3G، 2G تورلىرىنى قوللايدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 256GBلىق ساقلاش كارتىسىدا كېڭەيتىشنى قوللايدىكەن.

كامېرا جەھەتتە nova 2sكە 20 مىليون پىكسېل+2 مىليون پېكسېللىق ئالدى كامېرا قوللىنىلغان بولۇپ، f/2.0 نۇر ھالقىسى، مۇقىم فوكۇس ئارىلىقىنى قوللايدۇ، يورۇقلۇق يېتەرسىزلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پېشانىسىگە يەنە بىر پۈتۈن سپېكترلىك ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى يۇمشاق نۇرلۇق چىراغ ئورنىتىلىدىكەن. دۈمبىسىدە 20 مىليون پىكسېل+16 مىليون پىكسېللىق كامېرا بار بولۇپ (f/1.8 نۇر ھالقىسىمۇ بار)، رەڭسىز+رەڭلىك قوش كامېرادا فوكۇس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، LED چاقماق لامپىسى بار.

ئۇدا ئىشلىتىش جەھەتتە nova 2sنىڭ باتارېيەسىنىڭ سىغىمى 3340mAh بولۇپ، زەرەتلەپ بولۇشقا 2 سائەت كېتىدۇ.

باھا جەھەتتە nova 2sنىڭ 4GB+64GB ۋە 6GB+64GB ھەمدە 6GB+128GB قاتارلىق نۇسخىلىرى بار بولۇپ، باھاسى 2699 يۈەن، 2999 يۈەن، 3399 يۈەن. 7-دېكابىر زاكاز قىلىش باشلاندى، 12-دېكابىر رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابلاجان@1 ئاي ئىلگىرى

    ئاندامۇ دىيىشىپ كەتمەيلى ،ئات ئىشەك دەپ ،ئاتمۇ بەزىدە ئىشەكچىلىك بولاممايدۇ جۇمىسا،،،

  • ئېسىل09981 ئاي ئىلگىرى

    پۇلى بەك قىممەتكەن سامسۇڭ س7 دىن سۈزۈكمىكەن غوخام خاتالىشىپلا ئات دىگەن ئات ئىشەك دىگەن ئىشەك جىما سىلىشتۇرۇشقا سالايىتى توشمايدۇ خۇاۋېينىڭ سامسۇڭ غا

  • ئابدىۋېلى 09971 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ خۇاۋېىي ماتېى 8 تى ئشلىتىۋاتقىلى ئۇزۈن بولدى شۈنداق راۋان ئاپىراتىمۈ سەنشىڭ s7دىن سۇزۈك، مەن بەك ياقتۇرمەن

  • tor palwini1 ئاي ئىلگىرى

    ئىككى سائەتتە زەرەتلىنىپ بۇلىدۇ دەيدۇ سەل ئاستا قاچىلاپ بۇلىدىكەن

  • ھەۋەسكار 55951 ئاي ئىلگىرى

    ئۇكۇنۇپكىسى مىيزۇ نىڭ كىگە ئۇخشاش خالىغانچە تەڭشىسەبۇلدۇ

  • ParisHan1 ئاي ئىلگىرى

    بارماق ئىزىنى ئالدى كۇنۇپكىدىن تۇنۇتىمىز، بىراق ئۈ تال كۇنۇپكا ئېكراندا ، يەنىلا قاملاشمىغان،

  • ئامەت1234567891 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي توۋا خۇۋاۋېينىڭ رۇڭباۋ v10 ئوخشاش بۇپ قاپتۇ v10نىڭ 970 نوۋانىڭ 960 پۇلىسى ئوخشاش تۇرسا قانداق بۇلا

  • ھەۋەسكار 55951 ئاي ئىلگىرى

    خۇاۋېي بەك سۈپەتلىك جۇمۇ ئاسان مەسلە كوۆرۇلمەيدۇ 华为nova2s چۇقۇم ئالمەن لاھىيىسى vivo x20 دىن چىرايلىق كەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号