باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

تېسلا Model 3نى ئەڭ دەسلەپ زاكاز قىلغۇچىلارغا مال سېلىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-08 16:40 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 8-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياساش كارخانىلىرىدىكى مەسىلە سەۋەبلىك Model 3 تېسلانىڭ باشقا ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشاش كېچىكتۈرۈلدى. ئالدىنقى پەسىلدە بۇ شىركەت ئاران 260 دانە Model 3 ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، مۆلچەردىكى 1500 دانىدىن خېلىلا يىراقتا. ئەمەلىيەتتە Model 3 يولۇققان مەسىلە خېلىلا ئېغىر بولۇپ، ئېلون ماسك بىرقانچە ھەپتە بۇرۇن Model 3نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى بىرقانچە ئاي كېچىكتۈرگەن. ئەڭ يېڭى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا 2018-يىلى 1-پەسىلدە ھەپتىسىگە 5000 دانە Model 3 ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا شىركەت 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا نىشانغا يېتىدۇ. 

شۇم خەۋەرنى دەپ بولدۇم، ئەمدى ئوقۇرمەنلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزىمىز. Electrekنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ھەپتىدە ئەڭ بۇرۇن زاكاز قىلغۇچىلارغا Model 3نى يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئەمما شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەك، دەسلەپكى باسقۇچتا پەقەت شىركەت خىزمەتچىلىرى ۋە شىركەت بىلەن زىچ ئالاقىسى بار شەخسلەرگە قارىتا زاكاز بېرىلگەن. 

بۇ تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى قولىغا ئېلىش ۋاقتى بالدۇرراق بولىدۇ. گەرچە ئورگان تەرەپ باياناتى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر Redditتىكى تېسلا مۇنبىرىدە ئەڭ بالدۇر بولغاندا 11-دېكابر قولىغا ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

كېيىنكى زاكاز قىلغۇچىلارغا كەلسەك ئۇلار خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن Model 3نى قولىغا ئالالىشى مۇمكىن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى زاكاز مىقدارى 400 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ۋاقتى 2019~2020-يىللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号