باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىز بارغانسېرى يىگىلەپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-09 13:05 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندىستاندىكى روما گۇلاتى (Roma Gulati) ئىسىملىك 22 ياشلىق قىزنىڭ غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىنىنىڭ توختىماستىن يىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. ئەسلىدە بويى ئېگىز ھەم زىلۋا كەلگەن بۇ قىزنىڭ كېسەللىك ئاسارىتىدە بويىنىڭ يىگىلەپ 1.2 مېتىرغا چۈشۈپ قالغانلىقى تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى قوزغىغان.

بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن روما ئىسىملىك بۇ قىز ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ئۇستىخان كونۇسسىمان خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېسىلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئېغىرلىشىپ كەتكەن. بۇ قىز دەسلەپتە ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن كۈنبويى كارىۋاتتىن چۈشمەي ياتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، كېيىن ئۇستىخىنى ئېغىر دەرىجىدە يىگىلەشكە باشلىغان. رومانىڭ ئاپىسى قاتتىق ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن:«روما ئەسلىدە دوستلىرى ئىچىدە بويى ئەڭ ئېگىز قىز ھېسابلىناتتى، ئۇ 10 نەچچە ياشقا كىرگەندە بوي ئېگىزلىكى ئاللىقاچان 1.7 مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ھازىر بەدىنى يىگىلەپ بوي ئېگىزلىكى ئاران 1.2 مېتىرغا چۈشۈپ قالدى.»

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، رومانىڭ ئىمۇنىتېت كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، بەدىنى ھەتتا كالىتسىينى سۈمۈرۈش فۇنكىسىيىسىنىمۇ تاماملىيالمايدىكەن. شۇڭلاشقا رومانىڭ بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە يىگىلەپ ھەتتا يۈرىكىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان. روما نۆۋەتتە دورا يەپ قۇرغاق ھۈجەيرە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ چىقىمى بەك يۇقىرى ئىدى. رومانىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل داۋالاش باسقۇچىنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن 560 مىڭ يۈەن ئىقتىساد كېتىدىكەن، ئۇلار رومانىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغان نەرسىنىڭ ھەممىنى سېتىپ ئاللىقاچان قاق-سەنەم بولۇپ قالغانىكەن.

بىر نەپەر داۋالاش مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، رومانىڭ بۇ خىل كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئادەتتە مىليوندىن بىرگە يېتىدىغان بولۇپ، ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ھازىرچە بۇ خىل كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تېپىلمىغان. روما ناھايىتى ئۈمىدۋار ھەم تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىغان قىز بولۇپ، ئۇ گەرچە كارىۋاتتىن چۈشەلمەي يېتىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تاختا كومپىيوتېر ئارقىلىق يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. رومانىڭ ئاپىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەيلى قانچىلىك نامراتلىشىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر رومانى داۋالىتىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • sahra oghli1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت ھەي كۆز تەككەن چېغۋا (بەلكىم) تەقدىر شۇنداق ئىكەندە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号