باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

شاپتۇلدىن باشقا يېمەكلىك يېسە ھوشىدىن كېتىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالا

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-09 13:57 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۇقارقى سۈرەتتىكى مەيكا ئىسىملىك بالا بۇ يىل 2 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ كانادانىڭ مەنزىرىسى گۈزەل شۇنداقلا مەززىلىك يېمەكلىكلىرى بىلەن داڭق چىقارغان مونترېئال  (Montreal) ئۆلكىسىدىن، لېكىن بىچارە مەيكا تۇغۇلۇپ 6 ئايلىق بولغاندا ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان «يېمەكلىك ئاقسىلى خاراكتېرلىك ئىنچىكە ئۈچەي-بوغماق ئۈچەي ياللۇغى يىغىندى كېسىلى» (FPIES) گە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن يېڭى شاپتۇل ۋە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سۇيۇق يېمەكلىك (يەنە ئاقما يېمەكلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ)لەردىن باشقا يېمەكلىكلەرنى يېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان،كىچىك مەيكا  بۇ خىل كېسەللىك دەستىدىن شاپتۇلدىن باشقا يېمەكلىك يەپ قالسا رېئاكسىيە خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ  قالىدىغانلىقى ئۈچۈن كۈنبويى ئورگانىك شاپتۇل يەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

مەيكا تۇغۇلۇپ 6 ئايلىق بولغاندا «يېمەكلىك ئاقسىلى خاراكتېرلىك ئىنچىكە ئۈچەي-بوغماق ئۈچەي ياللۇغى يىغىندى كېسىلى» (FPIES) گە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، باشقا بالىلار سۈت پاراشوكى ئىچىپ باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيەلەيدىغان بولغاندا، بىچارە مەيكا پاقەت شاپتۇل يېيىش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك مەيكا پەقەت يېڭى ئورگانىك شاپتۇل يېيەلەيدىغان بولۇپ،توڭلاتقۇدا  سوغۇق ساقلانغان، قۇرۇتۇلغان ياكى كونسېرۋالىق شاپتۇللارنى يېسىمۇ بولمايدىكەن.

مەيكا تۇرۇۋاتقان مونترېئال شىتاتىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىلبويى يېڭى ئورگانىك شاپتۇل تېپىپ يېيىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ، مەيكانىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭغا يېڭى ئورگانىك شاپتۇل ئېلىپ بېرىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش  ئۈچۈن يىلبويى تېجەشچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

 

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بىچارە مەيكا «يېمەكلىك ئاقسىلى خاراكتېرلىك ئىنچىكە ئۈچەي-بوغماق ئۈچەي ياللۇغى يىغىندى كېسىلى» دىن باشقا يەنە «دى گىئورگى يىغىندى كېسىلى» (Di George’s syndrome) دەپ ئاتىلىدىغان ئىمۇنتىت كەمتۈكلۈك كېسىلى شۇنداقلا يەنە ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ئېرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانىكەن، شۇ سەۋەبتىن، كىچىك مەيكانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئايدا ئۇنى ئوخشىمىغان 9 مۇتەخەسسىسكە كۆرسىتىپ داۋالىتىدىكەن ھەم يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش پۇلى تۆلەيدىكەن.

نۆۋەتتە مەيكانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا شاپتۇلدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى سىناپ يېگۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەيكاغا ئەڭ ئالدى بىلەن بانان يېگۈزگەن، لېكىن مەيكا بانان يەپ 4 سائەتتىن كېيىن توختىماي ئىچى سۈرۈپ شۈك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى مەيكاغا داۋاملىق بانان يېگۈزۈش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. مەيكانىڭ ئاتا-ئانىسى نۇرغۇن قېتىملىق سىناقلاردىن كېيىن ئۇنىڭ يېرىم قوشۇق توشقان گۆشى شورپىسى ئىچەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، لېكىن بۇ يېرىم قوشۇق توشقان گۆشى شورپىسى مەيكانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا قىلچە دال بولالمايتتى ئەلۋەتتە.

نۆۋەتتە مەيكانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەيكانى داۋالىتىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك پۇل جۇغلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەقىقى توپچى رونالدو شاھ1 ئاي ئىلگىرى

    ئاتا-ئانىسى، بارلىق ئېقتىسادىغا، يەر ئېلىپ شاپتۇل كۆچىتى تىكسە بولغىدەك،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号