باش بەت

كىنوچى

3901يوللانما
215مەستانە

لى شياۋلوڭ ئەتىۋارلىغان، جوۋ شىڭچىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن زادى كىم؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-09 20:40 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لى شياۋلوڭ گۇمپا كىنولىرىدا مۆجىزە ياراتقان ئادەم، ئۇ تۇنجى بولۇپ جۇڭگو گۇمپىسىنى ھوللىۋودتا نامايەن قىلغان، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا فىلىملەرنىڭ تەلىپى بويىچە سىياقداش ئارتىسلارنى ئىشلىتىپ باققان، چېڭلوڭ ۋە يۈەن خۇامۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كىنو ئىشلەپ باققان.

يۈەن خۇاغا كەلسەك، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ يۈەن جەمەتى سىنىپىدىكى گۇمپىسى ئەڭ ياخشىلارنىڭ بىرى ئىكەن. لى شياۋلوڭنىڭ بىر نەچچە فىلىمىگە قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتا لى شياۋلوڭنىڭ سىياقدىشى بولۇشمۇ ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش، لى شياۋلوڭنىڭ قانچىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھازىر ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

يۈەن خۇا لى شياۋلوڭ ئىنتايىن ئەتىۋارلايدىغان ئارتىس بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ يۈەن خۇانىمۇ ھوللىۋودقا ئېلىپ بارماقچى بولغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، لى شياۋلوڭ ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن، يۈەن خۇامۇ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا چېڭلوڭ ۋە خوڭ جىنباۋلارنىڭ فىلىملىرىدە سەلبىي ئوبرازلارنىڭ رولىنى ئېلىپ كەلگەن.

ئۇنىڭ گۇمپىسى قالتىس، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ قېلىشمايدۇ، لېكىن ئىزچىل ياخشى رولغا ئېرىشەلمىگەچكە، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئىزچىل بىر خىللا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ جوۋ شىڭچى بىلەنمۇ كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان، مەسىلەن «ئەجدىھا ئەۋلادى»، لېكىن يەنىلا تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالمىغان.

يۈەن خۇانىڭ تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگىنى بولسا، 2004-يىلى قويۇلغان «گۇمپا» فىلىمى، بۇ فىلىم جوۋ شىڭچىنىڭ رېژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن، فىلىمدە ئۆي ئىجارە بەرگۈچى ئەرنىڭ رولىنى ئالغان يۈەن خۇا تاسادىپىي داڭق چىقارغان، ھەمدە «كىنو شاھى» مۇ بولغان، ھازىرغىچە كۆپلىگەن كىنولار ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن.

جوۋ شىڭچى بۇ فىلىمىدە يەنە لياڭ شياۋلوڭ، يۈەن چيۇ قاتارلىق پېشقەدەم ئارتىسلارنىمۇ نام قازاندۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号