باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

3 كۈن تاماق يېمىگەن بالىلىرىغا يېمەكلىك ئوغرىلاپ تۇتۇلغان ئانا قويۇپ بېرىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-10 11:04 23 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقارقى سۈرەتتىكى فود لىئون (Food Lion) ناملىق زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Hillsborough نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، تاللا بازىرى خىزمەتچىسى بىر ئايالنىڭ تاللا بازىرىدىكى مال پۇكىيىدىن يېمەكلىك ئېلىپ پۇل تۆلىمەيلا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. تاللا بازىرىنىڭ لىدىرى بۇ ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تاكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغىچە كەلگەن، ئۇ بۇ ئايالنىڭ بىر پىكاپقا چىققانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ماشىنا تىپى ۋە ماشىنا نومۇر تاختىسىنى خاتىرىلىۋىلىپ ساقچىلارغا دەرھال دېلو مەلۇم قىلغان.

Hillsborough ئۇنچە چوڭ يەر ئەمەس بولغاچقا، ساقچىلار ناھايىتى تېزلا يۇقارقى ئوغرىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى ئىگەللىگەن، ئۇنىڭ ئىسمى تېرېسا ۋەست (Theresa West) بولۇپ، بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرېسامۇ ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇپ، چۈنكى ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ تاللا بازىرىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ماشىنا توختىتىش كارتىسىنى ئېلىۋەتكەنىدى.

تېرېسا تاللا بازىرىدىن ئازراق بولكا، گۆش، ئىتالىيە چۆپى، سالات، مۇراببا قاتارلىقلارنى پۇل تۆلىمەي ئاچىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ بۇيۇملارنىڭ باھاسى 34 ئامېرىكا دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 225 يۈەنگە تەڭ) كېلەتتى، گەرچە بۇ ئۇنچىۋالا ئېغىر ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەنبىلەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىدى، ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا بۇ ئىشقا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ كەيس بىرەدشاۋ (Keith Bradshaw) ۋە كەندەيس سىپراگىنىس (Candace Spragins) ئىسىملىك ئىككى ساقچىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

يۇقارقى ئىككى ساقچى ماشىنىسىنى ھەيدەپ تېرېسانىڭ ئۆيىگە كەلگەن، گەرچە ئەينى چاغدا ئۇلار ساقچى ماشىنىسى گۈدۈكىنى سايراتمىغان بولسىمۇ، لېكىن تېرېسا ساقچى ماشىنىسىنى كۆرۈپلا ئۆزىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، بۇ چاغدا ئۇ بالىلىرىغا ئىتالىيە چۆپى ئېتىپ بېرىۋاتقانىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ساقچى ماشىنىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى قورقۇپ كەتتىم، مەن ئۆزۈمنى چوقۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ كېتىمەن دەپ ئويلاپ قاتتىق ھودۇقۇپ ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدىم».

تېرېسا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغاچقا، ئۇنىڭدا مېڭە زەخمىسى ئاسارىتى قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى كېسىلى بار بولغاچقا، خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىشقا ئامالسىز قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۆيىدە 9 ياشلىق ئوغلى، 19 ياشلىق قىزى شۇنداقلا دوستىنىڭ بېقىشقا ئەكىلىپ بەرگەن يەنە ئىككى بالىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ بالىلار ئۈچ كۈندىن بېرى ھېچنىمە يېمىگەچكە، ئامالسىز قالغان تېرېسا ئاخىرى تاللا بازىرىغا بېرىپ نەرسە ئوغرىلاپ كېلىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

يۇقارقى ئىككى ساقچى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، ئۇلار تېرېسانىڭ ئۆيىدىكى توڭلاتقۇ ۋە  ئاشخانىسىدىكى ئىشكاپلارنى تەكشۈرۈپ، ئۆيدە تېرېسا تاللا بازىرىدىن ئوغرىلاپ كەلگەن يېمەكلىكلەردىن باشقا ھېچقانداق يەيدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان.

يۇقارقى ئىككى ساقچى گەرچە تېرېسانىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى ئېچىنىپ ھېسداشلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يەنىلا تېرېسانى قولغا ئالغان ھەم ئۇنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپارغان. تېرېسا سوتقا تارتىلغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتكەن، سىپراگىنىس ئىسىملىك ساقچى ئامالسىز تېرېسانىڭ ئورنىدا سوتچىغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن.

سوتچى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئاپىسىغا تېلېفون بەرگەن: «ئاپا، بۇ ئايال يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق ئىكەن، بىز ئۇنىڭغا ياردەم بېرەيلى». ئاخىرىدا سوتچى ئۆز يېنىدىن 500 ئامېرىكا دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 3310 يۈەنگە تەڭ) پۇل چىقىرىپ بۇ ئايالنى كېپىللىككە قويۇۋەتكەن، سوتچىنىڭ ئاپىسى ۋە ساقچىلار يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تېرېسانىڭ بالىلىرىغا ئاتاپ مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات ۋە گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغان، ساقچىلار بۇ يېمەكلىكلەرنى تېرېسانىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن.

تېرېسا ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاشخانا ئۆيىدىكى پولنىڭ ئۈستى يېمەكلىك خالتىسى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ھالدا كۆز يېشى قىلىپ كەتكەن. بىرەدشاۋ ۋە سىپرانگىس ئىسىملىك ساقچىلار مۇنداق دېگەن: «بىز ئالدى بىلەن ئادەم، ئۇنىڭدىن قالسا بىز ساقچى».

كەينىدىن تېرېسانىڭ ھېكايىسى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە، تېرېسا ئاللىقاچان بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشكەن شۇنداقلا يەنە شۇ جايدىكى مەلۇم خەير-ساخاۋەت تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغان، بىز تېرېسا ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • k0810A4 ئاي ئىلگىرى

    ئوغرىلىق قىلغۇچەندىكى بىرەر نەرسە سېتىپ قورسىقىنى تويغۇزسىچۇ ،بىھارە

  • 4 ئاي ئىلگىرى

    قەھرىمان ئەگەر سەن ئاچ قالساڭ ئۆيىڭدىكى نەرسىللىرىڭنى ئاچىقىپ ھەممىسىنى سىتىۋىتىدىغان ئوخشىمامسەن كاللاڭنىڭ ئشلىمەيدىغانلىقىغۇ راس

  • 139******924 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن ئاجايىپ نەقەدەر گۈزەل ھە

  • بوران4 ئاي ئىلگىرى

    قەھرىمان سىنىڭ باغرىڭ تاش نىمىكەنسەن بىر ئۆيدىگەندە ئۇنچىلىك نەسىلە بولمامدۇ

  • NoQi英雄4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دۇنيادا ئانا ئەجەپ ئۇلۇغ ھە

  • قەھرىمان4 ئاي ئىلگىرى

    نامىراتلىقتىن 3كۈن ئاچ قالغان ئادەمنىڭ تىخ ماشىنىسى،ئۆيى باركەن.ئۆيىدە توڭلاتقۇ،ئاشخانا ئەسلەھەلىرى تولۇق ئىكەن.

  • سەبى4 ئاي ئىلگىرى

    بىچارە ئايال ئامال يوق شۇنداق قىلغان گەپ ئادەم يەنىلا ئادەم بىلەن ئادەم دۇنيا يەنىلا مھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل يىغلىماڭ بۇ كۈنلىرىڭىزمۇ چوقۇم ئۆتۈپ كىتىدۇ تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئائلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن سىز ھەقىقەتەن ياخشى ئانا

  • 133******914 ئاي ئىلگىرى

    دۆلىتىمىز جوڭگو نىمىدىگەن ياخشى، كىيمى يوقلاغا كىيىم، يەيدىغىنى يوقلاغا، ئۇن ياغ ماي تارقىتىپ بېرىدۇ، نامراتلاغا ھەرئايدا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ھېچكىمنىڭ قۇرقىسقى ئاچ قالمايدۇ، ئەمدى گەپ ئۆزىمىزدە ھورۇنلۇق قىلماي تىرىشىپ ئىشلىسەكلا تۇرمۇش ياخشىلىنىپ كىتىدۇ،

  • قەيسەر.4 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا. مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. بەك تەسىرلىك ئىش بولۇپتۇ. كۆزۈم ياشلاندى.

  • srdax kalip4 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا دەيمز دۇنيا مھرى موھابەت بىلەن گۆزەل دەپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号