باش بەت

tayks

1000يوللانما
13مەستانە

شەندۇڭلۇق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ كېلىنچەكنى تىك ئۇچاردا يۆتكىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-10 21:57 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-ئاينىڭ 6-كۈنى شەندۇڭ جاڭدىيەن. كۈيئوغۇل 100 مىڭ يۈەنگە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىجارىگە ئېلىپ، 170 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ بىنجۇ زوپىڭدىن كېلىنچەكنى يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا بىر سائەت كەتكەنىدى.

كېلىن يۆتكەش نەق مەيدانىدا تىك ئۇچارنىڭ چاقپىلىكى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا چۆرگىلەيتتى، ئايروپىلانغا «囍» خېتى چاپلاپ قويۇلغانىدى. كۈيئوغۇل بىلەن كېلىنچەك ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن ئورۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە قول پۇلاڭلىتىپ سالام بەردى. ئايروپىلاندىن ئاۋۋال چۈشكەن كۈيئوغۇل قولىنى ئۇزىتىپ كېلەنچەكنى كۈتۈۋالدى، پوجاڭزا سادالىرى ئىچىدە بۇ بىر جۈپ ياش قوللىرىنى تۇتۇشۇپ «توي يۆتكەش ئايروپىلانى»دىن ئايرىلدى.

جى ئەپەندىنىڭ ئايالى ۋاڭ خانىم بىنجۇنىڭ زوپىڭدىن ئىدى، ئۇلار زوپىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، تەخمىنەن بىر سائەت ئۇچقاندىن كېيىن جاڭديەنگە يېتىپ كەلدى، ئۇلار ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى. بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر بولۇپ، زوپىڭدىن جاڭديەنگە قاراپ تۈز ئۇچقان مۇساپە گەرچە ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، بىراق تىك ئۇچار ئايروپىلان بەلگىلەنگەن ھاۋا يولى لىنىيەسىدە 170 نەچچە كىلومېتىر ئۇچقاندىن كېيىن ئاندىن گىلاسلىققا كېلىپ قونالايتتى.

كۈيئوغۇل جى ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن، ئايالى ۋاڭ خانىم بىلەن خىزمەتداش ئىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىپ، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. دائىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ، چىڭداۋ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلار ئارىسىدا قاتناپ تۇرغاچقا، ئايروپىلاننى بىر قەدەر چۈشىنىدىغان بولۇپ، بۇرۇنلا توي قىلغاندا كېلىنچەكنى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن يۆتكەشنى ئويلىشىپ قويغانىكەن.

جى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالى ئىككەيلەن ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى ئاي ئاۋۋاللا ئۇچۇش پىلانىنى تۈزۈپ قويغان، پۈتۈن مۇساپىدە ئۇچۇش ھەققى 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، ئۇچىدىغان رايونلار ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. 

توي مۇراسىمى نەق مەيدانى، كۈيئوغۇل ۋە كېلىنچەك قىزىل گىلەمدىن ئۆتمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号