باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

ھىندىستاندا يىلىغا پويىزدىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلىغان مىليوندىن ئارتۇق يولۇچى قولغا ئېلىنىدىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-11 08:00 11 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تۆمۈر يول سىستېمىسى يىلىغا نەچچە مىليارد يولۇچىنى توشۇيدىغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۆمۈر يول تورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ھىندىستاندا تۆمۈر يولدا يۈز بەرگەن ھەر خىل غەلىتە ئىشلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر باشقا دۆلەتلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بەزى چاغلاردا «ئەجىبا پويىزدا يەنە قانداق غەلىتە مەشغۇلاتلار يۈز بەرسۇن؟» دەپ ھەيران قېلىشى تۇرغانلا گەپ.

ھىندىستان تۆمۈر يول ساقچىلىرى يېقىندا 2016-يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تاراتقۇلار بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆرسەتكۈچكە ھەيران قېلىپ داڭ قېتىپلا قالغانىدى، ھىندىستان تۆمۈر يول ساقچىلىرى 2016-يىلى 1 مىليون 100 مىڭدىن كۆپرەك يولۇچىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ يولۇچىلار پويىزدىكى بۇيۇملارنى ئوغرىلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنىكەن.

ئۇنداقتا، ئۇلار پويىزدا كونكرېت قانداق نەرسىلەرنى ئوغرىلىغان؟ ساقچى تەرەپنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە «بۇ ئوغرىلارنىڭ نىشانى قىسقۇچ، رېلىس تۇتاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، بولتا، ئاسما ئېلېكتىر سىمى، تۆمۈر يول رېلىسى، پويىز ۋاگونىدىكى ھاجەتخانا زاپچاسلىرى ھەتتا پويىز خادىملىرى ئارام ئالىدىغان بۆلۈمچىلەردىكى شامالدۇرغۇچ، لۆڭگە ۋە ئەدىيال قاتارلىق نەرسىلەر» ئىكەن.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، پويىز كۆپىنچە ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە «كۆچمە خەزىنە» بولۇپ، پويىزدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ پۇلغا ساتقىلى بولىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ھىندىستاندىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ماخاراشتىرا (Maharashtra) ئۆلكىسىدە 200 مىڭ يولۇچى قولغا ئېلىنىپ بۇ جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئاھالىسى ئەڭ كۆپ بولغان شىمالىي ئۆلكىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 120 مىڭغا يېتىپ، بۇ جەھەتتە ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرغان.

پويىزدىن ئوغرىلانغان بۇيۇملار ئىچىدە ئەڭ پۇلغا يارايدىغانلىرى ھەر خىل رېلىس، ئېلىكتىر سىمى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىس، تۆمۈر قاتارلىقلارنى قاراڭغۇ بازاردا ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ساتقىلى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ھىندىستاندا رېلىس شۇنداقلا تۆمۈر يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاسما ئېلىكتىر سىمى قاتارلىقلارنىڭ ئوغرىلىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بەزى رايونلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر زەھەر سېتىۋېلىشقا پۇل جۇغلاش ئۈچۈن نەزىرىنى تۆمۈر  يول رېلىسىغا تىككەن بولۇپ، ئۇلار پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىشتەك خەۋپكە پەرۋا قىلماستىن ھەرە بىلەن تۆمۈر يول رېلىسىنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىنى كېسىپ قاراڭغۇ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ ئېرىشكەن پۇلغا زەھەرلىك چېكىملىك سېتىۋالىدىكەن.

«ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدىغان 60 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى رېلىسنى قاراڭغۇ بازاردا 1000 رۇپىيە (يەنە تەخمىنەن 100 يۈەنگە تەڭ) ساتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ پۇلغا باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى سېتىۋالىدىكەن».

ئۇنىڭدىن باشقا، پويىز ۋاگونىدىكى مېتال جۈمەك، ئەينەك، لامپۇچكا قاتارلىق نەرسىلەرمۇ ئوغرىلار ياخشى كۆرۈپ ئوغرىلايدىغان بۇيۇملاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 1.....4 ئاي ئىلگىرى

    قورسىقىغا يەيدىغان نەرسە يوق چاشقانلارنىمۇ يىگەن يەردە بۇ خەق ئۇنداق ئالدىغا كەلگەن ئامەتتىن ئۆزىنى ھەرگىز ئەپقاچمايدۇدە بۇنداق جىنىنى قىيناپ يۈرگىچە روسىيەدەك چوڭ نوپوسى ئاز دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ تىرىلغۇ يەر ئلىپ تىرىقچىلىق قىلىپ ئۆز كۈچىگە تاينىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە بولمامدۇ بىر خەۋەرنى كۆرسەن روسىيەگە بىرىپ يەر تىرىپ دھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىمىز دەپتىكەن ھەي بۇ خەقنى ئۇ يەرلەرگىمۇ باسا يەنە شۇ قىلغۇلۇقىنى قىلىپ ئۇدۇل كەلگەنگە باسقۇنچىلىق قىلىپ جەسەتلىرىنى سۇغا تاشلاپ مۇھتنى ئغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدۇ يەنىلا جايىڭدا قىلىشە

  • ئوتالدۇراخۇن4 ئاي ئىلگىرى

    رىلىس ئوغىرلىرىنى ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن ئەمەس بەلكى، قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ ئۆلۈم جازاسى بىرىش كىرەك بۇ بىر ئېغقر جىنايەت، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋىپ بۇلار

  • ئەر4 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاندا ئىككى خىل پويىز بار، بىرسى ھەقىسز يەنە ھېلىقىدەك پويىزنىڭ ئاستى ئۈستى توشۇپ كەتكەن، قالايمىقانلىرى، يەنە بىر خىلى ھەقلىق، بايلار پويىزى، بۇ خەۋەردە ئىككى خىل پويىزلار باركەن

  • 132******104 ئاي ئىلگىرى

    بۇ قانداق گەپ ھندىستاننىڭ پويىزغا مىنىڭمۇ چققۇم كىلىۋاتىدۇ ئۇلا پويىزنىڭ ھەممىلا يىرگە چىقىۋالىدىكەن بىلەت ساتمامدىغاندۇ يا

  • تېچ ئوكيان4 ئاي ئىلگىرى

    بىزگە كىرگەن ھىندىستان فىلىملىرى كۆپىنچىسى 2010نىڭ ئالدىدا ئىشلەنگەن فىلىملە بولغاچقا شۇڭا شۇنداقراق كۆرۈنگەن بۇلۇشى مۇمكىن لېكىن ھازىر ئۇلانىڭمۇ قاتناش تورى تەرەققىي قىلغاندەك قىلىدۇ

  • چىنار 4 ئاي ئىلگىرى

    مالا ئوغرېلانىڭ ئەڭ ناچىرې كە

  • klkl4 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاننىڭ پويىزى خىلى ئىلغاېمۇ نىمە.

  • بەخىت4 ئاي ئىلگىرى

    نىمانچە غەلىتە خەق بۇ رېلىس ئوغۇرلاپ ، پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلسە نىمانچە ئېچىنىشلىق ،،،،،

  • μζταΜ___少爷4 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاندا يىڭىلىقلار ئۈشۈلوپ

  • خاتاكى✘كاكاشى4 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ رەسىملەردىكى ھىندىستاننىڭ پويىزلىرىما؟ ھەربىر يولۇچىنىڭ ئالدىدا بىرتىن ئېكران تۇردىغۇ، ھېچ مەن كىنولىرىدا كۆرگەن پويىزلىرىغا ئوخشىمايدۇ......

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号