باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

قان شېكىرى مىقدارىنى ئۆلچىيەلەيدىغان يانفون قېپى بارلىققا كەلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-11 12:19 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:

كامېرا، ئۈنئالغۇ ۋە مۇزىكا قويغۇچ قاتارلىقلارنىڭ قانداق ئورتاق تەرىپى بار؟ ئۇلار ھازىر لازىم بولغاندا بىز ئايرىم ئېلىۋالمىساقمۇ بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارغا سەپلەندى. پات ئارىدا دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن قان تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىنى ئۆلچەش ئىقتىدارىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا قوشۇلۇشى مۇمكىن. يېقىندا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتىياگو تارماق مەكتىپىدىكى ئالىملار قان تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىنى ئۆلچەپ چىقالايدىغان يانفون قېپىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.

بۇ يانفون قېپى GPhone دەپ ئاتالغان بولۇپ، يانفون قېپىنىڭ بىر تەرىپىگە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ سېنزور يەنە توك يول تاختىسىغا ئۇلانغان. يانفون قېپىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چىقارغىلى بولىدىغان بىر زاپچاس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىچىگە بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر دانە دانىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىشلەتكەن چاغدا ئابونتلار ئاۋال ئىلغۇچ بىلەن بىر دانە دانىچىنى سېنزورنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سېنزور ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئاندىن قان ئەۋرىشكىسى دانىچىگە تېمىتىلىدۇ، بۇ دانىچىنىڭ ئىچىدە گلۇكوزا ئوكسىدازا دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بار بولۇپ، قاندىكى گلۇكوزا بىلەن رىئاكسىيە ھاسىل قىلىپ، ئېلېكتىر سىگنالىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، قان تەركىبىدىكى گلۇكوزىنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا، سىگنالمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، سېنزور كۆك چىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يانفونغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. يانفوندىكى مۇشۇنىڭغا ماس ئەپ دېتالى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېكراندا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار يانفوندا ساقلىنىپ دوختۇرلارنىڭ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ دىيىشىچە، بۇ خىل تېخنىكىدا قان تەركىۋىدىكى شېكەر مىقدارىنى تەخمىنەن يىگىرمە سىكۇنت ئىچىدە ئۆلچەپ بولغىلى بولىدىكەن. ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان دانىچىنى تاشلىۋېتىش، سېنزورنى ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك ئىكەن. بۇ تېخنىكا ھازىر تەجرىبە باسقۇچىدا بولۇپ، دانىچىنىڭ تەننەرخى بەلكىم ئەنئەنىۋى ئۆلچەش قەغىزىنىڭ تەننەرخىدىن يۇقىرىراق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا ئاز بولغاندا ئون ئىككى تامچە قان لازىم بولىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ تەتقىقات ماقالىسى «بىئولوگىيىلىك سېنزور ۋە بىئولوگىيىلىك ئېلېكتر ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号