باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

گېرمانىيەدىكى 20 ئادىمى بار كىچىك كەنت 140 مىڭ ياۋروغا سېتىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-11 16:41 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىننىڭ جەنۇبىغا 120 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كىچىك كەنت شۇ يەر ۋاقتى 9-دېكابىر 140 مىڭ ياۋروغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 1 مىليون 90 مىڭ يۈەن) كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ئالۋىن كەنتىدىن بېرلىنغا ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن 2 سائەتتە بارغىلى بولىدىكەن، ئىلگىرى يېقىن ئەتراپتا قوڭۇر كۆمۈر ئاچىدىغانلار بەرپا قىلغانىكەن. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنىڭ رىياسەتچىسى كونارك تونۇشتۇرۇپ بۇ مەھەللىنىڭ تەخمىنەن 1900-يىللار ئەتراپىدا شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىر ئالۋىن كەنتى دومسدوۋ بازىرىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، بىرەندېنبېرگ ئۆلكىسىگە تەۋە قىلىندى. بۇ كەنتتە تەخمىنەن 20 ئاھالە بار بولۇپ، كۆپ قىسىمى ياشانغان، پېنسىيەگە چىققان كىشىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەنتتە باشلىق يوق.

بېرلىندىكى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقۇچى شىركەت كارل خولسوندىكىلەر گېرمانىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن كۆلىمى تەخمىنە 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ كىچىك كەنتنى ئىككى ئاكا-ئۇكا سېتىۋالغانلىقى، ئىككەيلەننىڭ بىرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىرىنىڭ كەنتنى سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە كەنتتىكى 10 نەچچە قۇرۇلۇش، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ۋە ئامبار قاتارلىقلارمۇ قوشۇپ سېتىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号