باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق قار يېغىپ قاتناش ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-11 20:11 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 10-دېكابىر ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئەنگلىيەدە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق قار يېغىپ كۆپ قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىككەن، تۆمۈر يول تىرانسپورتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھاۋارايى سەۋەبىدىن گېرمانىيەنىڭ فىرانكفۇرت ئايرودرومىدىن قاتنايدىغان 300 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر كېچىك كېمىسى تېيىز سۇ رايونىغا چىقىپ قالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5كىچە فىرانكفورت ئايرودرومىدىكى تەخمىنەن 330 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ گېرمانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 1260 ئايروپىلان ئۇچۇپ، قوناتتى.

ئەنگلىيەنىڭ ۋېلش ۋە ئېنگلاند ۋىلايەتلىرىدىكى ساقچىلار ئاھالىلەرنى سىرتقا ئاز چىقىشقا ئاگاھلاندۇرغان، ئېنگلاند يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر باياناتچىسى: «ھەممە يەردە قاتناش ۋەقەسى» دېگەن. قاتتىق قار قاتناشتىن باشقا، يەنە ئەنگلىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا توك توختىشىغا سەۋەب بولدى، 11-دېكابىر بۇككىنخام ۋە شىروپ ۋىلايەتلىرىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە دەرس توختىتىلدى.

ۋېلشنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتتى. ئەنگلىيەدە 2013-يىلى 3-ئايدا مۇشۇنداق قاتتىق ياغقانىدى. بىراق، بىر باياناتچى ئەنگلىيەنىڭ قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ھاۋاسى 11-دېكابىر ئېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپادىكى ئەڭ ئاساسلىق پورتلارنىڭ بىرى، فىرانسىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گاراندىمۇ بىر كېچىك كېمىسى شامال كۈچلۈك بولغانلىقتىن تېيىز سۇ رايونىغا چىقىپ قالغان ھەم يېرىم سائەت ساقلاپ ئاندىن يولغا چىققان. شۇ ۋاقىتتا كېمىدە 300دىن كۆپرەك يولۇچى بار ئىدى. فىرانسىيەنىڭ 32 ئۆلكىسىدە بوراندىن ئاپېلسىن رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق بوران يەنە پورتۇگالىيەنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلدى. پورتۇگالىيە خەلق ئىشلىرى قوغداش ئىدارىسىدىكىلەر پورتولۇق بىر ئايالنىڭ ئاپتوموبىلى كۈچلۈك بوران سەۋەبىدىن دەرەخكە سوقۇلۇپ ئۇنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ رايوننىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 11-دېكابىر ئەتىگەنگىچە بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 130 كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号