باش بەت

del103

4196يوللانما
38مەستانە

پۈتۈن ئېكرانلىق خۇاۋېي چاڭشياڭ 7S يانفونى ئاشكارىلاندى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-11 22:14 8 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى 11-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن خۇاۋېې logoسى بېسىلغان يېڭى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون مەلۇم تورداش تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى. بۇ يانفون ھازىرقى مودا ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن بولۇپ، 18:9 نىسبەتتىكى 5.65 دىيۇملۇق پۈتۈن ئېكران سەپلەنگەنلىكى مۆلچەرلەندى.

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ ئۇنى ئېلان قىلىنىش ئالدىدىكى خۇاۋېي چاڭشياڭ 7S يانفونى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ يىل 7-ئايدا خۇاۋېي شىركىتى شاڭخەيدە چاڭشياڭ 7 نامىدىكى «مىڭ يۈەنلىك يانفون»ىنى ئېلان قىلغان. ئېلان قىلىنغان ۋاقىت بويىچە قارىغاندا، يېرىم يىلدىن كېيىن 7S نۇسخىسىنى چىقىرىشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق.

مىڭ يۈەنلىك يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاڭشياڭ 7Sنىڭ ئارقا يۈزى كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ بۆلەكلىك نۇسخىدا لايىھەلەنگەن، كامېرانىڭ بىر قىسمى توسۇۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇردا بۇ يانفونغا قوش كامېرا ئورنىتىلىدۇ دېيىلگەن، يەنى 13+2 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئىكەن.

11-ئاينىڭ بېشىدا، IT ئائىلىسى تورى تىپ نومۇرى «FIG-AL00» بولغان يېڭى خۇاۋېي يانفونىنىڭ ئېلىمىز سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تورىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرىنى تارقاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇچۇردا: «كىنىشكا تارقىتىش ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» دېيىلگەن.

خۇاۋېي چاڭشياڭ 7 يانفونى


سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك، «FIG-AL00»نىڭ ئالدى يۈز لايىھەسى خۇاۋېينىڭ «جەمەت ئۇسلۇبى»غا ۋارىسلىق قىلغان، ئاستى تەرىپىگە ئىنگىلىزچە خۇاۋېي دېگەن Logo چۈشۈرۈلگەن. كەينى كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ بۆلەكلىك ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن، سول تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىغا قوش كامېرا بىلەن چاقنىتىش لامپىسى ئورنىتىلغان، بارماق ئىزى سېنزورىمۇ يانفوننىڭ كەينىدە.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، خۇاۋېي بۇ يانفوننى 18-دېكابىر ئېچىلىدىغان مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەھرىمان4 ئاي ئىلگىرى

    خۇاۋىينىڭ چاڭشىياڭ يۈرۈشلۈكى پەقەت ياخشى چىقمايدۇ سىتىلىشىمۇ خۇاۋىي ئىچىدە ئەڭ ناچار،خۇاۋىينىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجلىك يانفون تىپى.ئەگەر خۇاۋىي سىتىۋالساڭلارmate,pياكى باھاسى تىخىمۇ مۇۋاپىق روڭياۋ يۈرۈشلۈك يانفوننى ئىلىڭلار بەك ياخشى چىقىدۇ،ھەممىسى بىر ماركا بولغان بىلەن باشقا تۈرلىرى بىلەن بۆلەكچە پەرىقلىنىدىغان ھىس قىلدىم.

  • ھەۋەسكار 55954 ئاي ئىلگىرى

    بۇ رەسىم دىكىسى چاڭشياڭ 7نىڭ رەسمى 7s ئەمەس ھەممىڭلارنىڭ كاللاڭدا ئازراق تىن باكەن

  • نۇرداش4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ رەسىمدىكىسى 畅享7 ئۇ 7sئەمەس ،،،،

  • دىل سىرى4 ئاي ئىلگىرى

    توۋا ما تىلفوننى تولۇق ئىكران دەيدۇ。 كۆزۈمنى تەكشۈرتەي جۇما

  • مەستانە mi4 ئاي ئىلگىرى

    نەرى پۈتۈن ئېكرانكە خوڭمى 5پىلۇس بۇنىڭدىن چىرايلىق ھەم ئېكرا ئېگەللىگەن يىرى جېق

  • ئومەر4 ئاي ئىلگىرى

    نەرې پوتون ئېكران بۇ قېززق قو ئالمدەك چقسا پوتۇن بۇلدۇ 2 سانتا يېرې تۇرمەمدۇ

  • ئ****گ4 ئاي ئىلگىرى

    نەرى پۈتۈن ئىكران بۇنىڭ مەن ھېچ ھېز قىكاممىدىمغۇ يا چىقمىغان تېلفۇننى باشقا مودىل چىقىرىپ قوۇدقمۇ

  • باھادىر4 ئاي ئىلگىرى

    مەنغۇ ھازىرغىچە پۇچۇق ياكى يىرىم ئىكرانى با تىلفۇننى شىركەتلەنىڭ بازاغا سالغىننى كۆرەپ باقمىدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号