باش بەت

zefer

939يوللانما
51مەستانە

رۇسىيە خاككېرلىرى ئامېرىكا بانكىلىرىدىن 10 مىليون دوللار ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-12 12:45 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن بانكىسى ۋە پارچە سېتىش شىركەتلىرى رۇسىيە تور خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نەچچە يۈز مىليون ئابۇنتنىڭ ھېساب نومۇرى ئوغرىلانغان. چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر خەۋپسىزلىك ئاپپاراتى رۇسىيە خاككېرلار تەشكىلاتىنى ئاشكارىلىغان، بۇ تەشكىلات ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ ATM (ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى) تورىدىن 10 مىليون دوللارنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 

بۇ تەشكىلات جەمئىي 18 بانكىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىستېمالچىلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن، خاككېرلارنىڭ كۆزلىگىنى بانكىلار ئارا ھېساب يۆتكەش مۇلازىمىتى ئىكەن. 

نۆۋەتتە بۇ MoneyTaker تەشكىلاتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلار ئېنىقسىز، بۇ تەشكىلار سالاھىيىتىنى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ قالغان. ئىلگىرى ئۇلار ھەرخىل قوراللار ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق بانكىنىڭ بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەن، ئۇندىن باشقا بۇ تەشكىلات بارلىق ھۇجۇم قىلغان ئىزلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەچكە، ساقچىلار ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىغان. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ تەشكىلات ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاپپاراتلىرى، ئامېرىكا بانكىسى، مىكروسوفت، ياخۇ قاتارلىقلارنىڭ رەقەملىك گۇۋاھنامىسىنى ئوغرىلاپ، بانكىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتكەن. 

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىسىنىىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلەشكەنلىكىدىن ھەم بانكىلار ئارا كەسىپ سىستېمىسىدا چوڭ يوچۇق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 

ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلىرى رۇسىيە خاككېرلىرىنى كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ھەم بەزى ھۇجۇملار رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بولغان دەپ گۇمانلانغان. 

ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داڭلىق ۋىرۇسخور شىركىتى كاسپىرىسكىي بىلەن رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمانلانغاچقا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى. يېقىندا كاسپىرىسكىي ۋاشىنگتوندىكى شۆبە ئاپپاراتىنى تاقىدى. يېقىندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ كاسپىرىسكىي ۋىروسخورىنى تەلتۆكۈس بايقۇت قىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 155******441 ئاي ئىلگىرى

    ئادىل مىنىڭ كومپىيوتىرىم پەقەت بۇزۇلماتىدۇ بۇزۇپ بەرسىڭىز دادام ئالماشتۇرۇپ بىرەتتى مەنمۇ قەشقەردىن

  • تەكلىماكان 21 ئاي ئىلگىرى

    ئادىل ئۇنداقتا بولىدىكەنسىز، بۇنچە تېز سۈرەتتە بۇزالىغاندىن كېيىن مۇنتىزىم تەربىيىلىسە ئۇستا خاككىر بولۇپ چىقىپ ، ئۆز ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈدەكسىز، قېنى مەن ئۇلارغا گېپىڭىزنى قىلىپ باقاي ، شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ قالسا ، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە.

  • ئادىل 09981 ئاي ئىلگىرى

    تەكلىماكان2 بۇرادەر ، پو ئاتقىنىم ئەمەس يېپ يېڭى كومپيۇتېرنى يېرىم سائەت مەشغۇلات قىلسام.ئاندىروئىد تېلېفوندىنمۇ ئۆتە قاتىدىغان قىلىۋېتەلەيمەن.
    ئاساسلىقى كومپيۇتېرنى ئىشلىمەس قىلالايمەن.

  • ئەرەفات ئەخمەت1 ئاي ئىلگىرى

    سەۋەپسىز نۇرداش قارلۇقتا ئۇقۇڭ مەنمۇ قارلۇقتا ئۇقىغان ITساھەسىدە شىنجاڭدا قارلۇققا يىتىدىغىنى يوق

  • تەكلىماكان 21 ئاي ئىلگىرى

    ئادىل ئاۋال سىزنىڭ تېخنىكىڭىز قانداقراق، ئازراق ئاساسىڭىز
    بولسا مەن گېپىڭىزنى قىلىپ قويساممۇ مەيلى

  • سەۋەپسىز1 ئاي ئىلگىرى

    ئۈرۈمچىدە كود يېزىشنى ئۈگتىدىغان يەر بارمىدۇ

  • ئادىل 09981 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ خاككىرلا شاگرىت قوبۇل قىلاما ؟

  • قەنىت-- ناۋات1 ئاي ئىلگىرى

    ئامرىكا خاككىرلىرى رۇسىيە بانكىسغا ھۇجۇم قىپ قالسا روسىيە دە ئەك ئاخىرقى 1 كوي پۇلمۇ قالماي دۇ ،

  • نەكەمپۇ پىشۋاسى1 ئاي ئىلگىرى

    خاككىرلارنىڭ نوچىللىرى روسىيەدىىلام چىقىدىغان ئۆخشايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号