باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ھايۋانلار

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-12 19:08 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئېشەكنى خەۋەر قىلغان ئىدى، بۇ خەۋەرگە ئەگىشىپ بىزمۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ھايۋانلارنى رەتكە تىزىپ چىقتۇق. ئالدى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك بۇ ئېشەكنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بۇ ئېشەكنىڭ ئىسمى Tiny Ottie، ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج ۋىلايىتىدە ياشايدۇ، ھازىر 9 ئايلىق بولدى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئارانلا 19 دىيۇم (تەخمىنەن 48 سانتىمېتىر) كېلىدۇ. دۇنيا جىننېس رېكورتىنىڭ ساقلىغۇچىسىدىن 15.2 سانتىمېتىر پاكار. ئىگىسى ئۇنىڭ بويىنىڭ ئەمدى ئۆسمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ 1 ياشقا كىرگەندە ئىگىسى رەسمىي جىننېس دۇنيا رېكورتىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئېشەك» تۈرىگە ئىلتىماس قىلماقچى.

سۈرەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىت Milly، ئۇ پوئېرتورىكودا تۇرىدۇ. بوي ئېگىزلىكى 9.65 سانتىمېتىر، 2014-يىلى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىت جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن، ھازىرغىچە ئۇدا 4 يىل چېمپىيون بولۇپ كەلدى. بۇ يىل 6 ياشقا كىرگەن Milly يەنىلا ئۆسمىگەن بولۇپ، ئۇنى قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغىلىمۇ بولىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات، ئۇنىڭ ئىسمى Thumbelina، ئامېرىكىنىڭ لۇيىسئانا ئىشتاتىدا ياشايدۇ، ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى ئارانلا 43 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 52 جىڭ.

 دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك، ئىسمى Peebles ئەپەندى. سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ بېشىنىڭ چوڭلۇقى چاشقان بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويىز ئىشتاتىدا تۇرىدۇ، بوي ئېگىزلىكى 15.49 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 2.72 جىڭ، كۈندە 4 ۋاخ تاماق يەيدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك چاشقان، ئىسمى PeeWee، ئەنگلىيەنىڭ يوركشېردا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.28 سانتىمېتىر، ئادەتتىكى تەڭگە پۇللارنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك كالا، ئىسمى Manikyam، ھىندىستاننىڭ كارالادىن. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 61.47 سانتىمېتىر، بۇ يىل 8 ياشقا كىردى. ئۆيىدىكىلەر ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدۇ، بىر قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

سۈرەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قېچىر، ئىسمى Pedro، بوي ئېگىزلىكى 73.66 سانتىمېتىر، ئەنگلىيەدە ياشايدۇ.

 سۈرەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ياۋا كالا، ئۇنىڭ ئىسمى Bill، ئېگىزلىكى 142.24 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 544 جىڭ، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىن.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تۆگىقۇش، ئۇنىڭ ئىسمى Tom Thumb، جەنۇبىي ئافرىقىدىن، بوي ئېگىزلىكى 127 سانتىمېتىر. نورمال ئەركەك تۆگىقۇشلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.80 مېتىردىن 2.70 مېتىرغىچە بولىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ساقچى ئاپشاركىسى، بوي ئېگىزلىكى 27.94 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 7.25 جىڭ، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى كىچىك ۋە ئوماق، ساقچى ئاپشاركىسى بولۇۋاتقىلى 10 يىل بولدى، مەخسۇس جىنايەتچىلەرنى ئىزدەش، زەھەر ئىزدەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل.

باش سۈرەت تاللاش x
  • @@karwan886@@1 ئاي ئىلگىرى

    ئىشەكنىڭ بالىسىنى تاخەي دىمەيمىز تەخەي دەيمىز، ئاۋۇ قىچىر دىگىنى ئات بىلەن ئېشەكنىڭ بالىسى

  • 11111111111 ئاي ئىلگىرى

    خىچىر دىگىنى بىر تاخەيكەن ئىشەك نىڭ بالسنى تاخەي دەيمىز غۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号