باش بەت

زۆھەل

160يوللانما
15مەستانە

خۇاۋېينىڭ پۈتۈن ئېكرانلىق چاڭشياڭ 7S يانفونى 18-دېكابىر ئېلان قىلىنىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-14 09:45 3 ئىنكاس چۈشتى

تېخنىكا تورى 13-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. مەيلى يۇقىرى سەپلىمىلىك بايراقدار يانفون بولسۇن ياكى مىڭ يۈەنلىك يانفونلار بولسۇن، ئاساسەن ھەممىسىدە پۈتۈن ئېكران لايىھەسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىلگىرى شياۋمى مىڭ يۈەنلىك پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونى خوڭمى 5 ۋە خوڭمى 5 Plus قاتارلىقلارنى بازارغا سالغان ئىدى، ھازىر خۇاۋېيمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى.

بۈگۈن بىر تورداش خۇاۋېي چاڭشياڭ 7Sنىڭ ئېلان تەشۋىقات سۈرىتىنى يوللىغان بولۇپ، ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە خۇاۋېي چاڭشياڭ 7S يانفونى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى (كېلەر دۈشەنبە) شىئەندە ئېلان قىلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ يانفون سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تورىغا كىرگەن بولۇپ، تىپ نومۇرى FIG-AL00 ئىكەن.

سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك، خۇاۋېي چاڭشياڭ 7S يانفونىنىڭ ئېكرانىغا قارىغاندا باشقا پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونلار بىلەن كۆپ پەرق يوق بولۇپ، دۈمبە قىسمىغا كىلاسسىك ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، يەنى ئوتتۇرا قىسمى مېتال ماتېرىيال، ئۈستى ۋە ئاستى قىسمىغا بولسا سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن. سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىغا قوش كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا قىسمىدا بارماق ئىزى تونۇش سېنزورى ئورنىتىلغان.

سەپلىمە جەھەتتە، خۇاۋېي چاڭشياڭ 7S يانفونىغا 5.65 دىيۇملۇق 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران سەپلەنگەن، چىلىن 659 سەككىز يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئورنىتىلغان، 3GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 32GBلىق ساقلاش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن. 13 مىليون + 2 مىليون پىكسېللىق ئارقا قوش كامېرا ۋە 8 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، باتارىيە سىغىمى 2900mAh.

يۇقۇرقىلاردىن قارىغاندا، چاڭشياڭ 7S تۆۋەن سەۋىيەلىك يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن دەسلەپكى باھاسى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن ئىكەن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئورگان تورىدا ئېلان قىلغاندا ئاندىن بىلەلەيمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Only Love1 ئاي ئىلگىرى

    ئوپپونى ئەمەس ، شىياۋمى mix, سامسۇڭ s8 لارنى دەيمىز

  • 186******781 ئاي ئىلگىرى

    بۇ پۈتۈن ئىكران بولمايدۇ oppoنىڭ opposPLUSپۈتۈن ئىكران دەيمىز

  • .......1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇمۇ پۇتۇن ئىكرانما مۇشۇنىمۇ پۇتۇن ئىكران دەپ سىتىۋالامدۇق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号